يارايسىلە يىگىتلەر، سىزنىمۇ تۇنىۋالدىم شۇ بانادا
.ئانا تىل ئۈچۈن باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن،ھەممىڭلارنىڭ ئەجرى ئۈچۈن يۇقارقى شېئىرىمنى ھەدىيە قىلاي.
ئۇيغۇر تىلى
كىم دېدى تىلغا گاداي دەپ مۇشكىرى ئۇيغۇر تىلى،
دىلى كور،غاپىلغاچاچقاي زەھىرى ئۇيغۇر تىلى.
ئۇزلىقى دىللارغا رام خۇشتەرى ئۇيغۇر تىلى،
بۇ ئېلىمدە ئۇيغۇرۇمنىڭ رەھبىرى ئۇيغۇر تىلى .
چاقنىغان كۆكتىكى ماھى،ئەختىرى ئۇيغۇر تىلى!.
قەشقىرى يازدى دىۋان،ھەم تىل ئۇچۈن ئۆلمەس خىتاپ،
جان بېرىپ تىلغا نەۋائىي ئاشتى شۆھرەت بىھىساپ .
جان تىلىم ئالتۇن ئېلىمدە بولمىغاي ھەرگىز بىتاپ ،
سەن بىلەن پۈتكەچ دىۋان ئەجدادىمىز قامۇس- كىتاپ .
بولدى پۇر نامى جاھانغا، تىل پىرى- ئۇيغۇر تىلى !.
جان تىلىم ،پەخرىم، باھارىم، سەن مېنىڭكى غۇرۇرۇم ،
سەن بىلەن تاپقاي كامال ئارزۇ-ئۈمۈت دىل ھۇزۇرۇم .
سەن بىلەن تىكلەندى قامەت ،پارلىغاي مەڭگۈ نۇرۇم ،
سەن بىلەن ئۆستى ئىناۋەت،قۇچتى نۇسرەت ئۇيغۇرۇم .
دوستقا دوست،دۈشمەنگە ئۆتكۈر شەمشىرى- ئۇيغۇر تىلى !.
ئۇ پەقەت بىر تىل ئەمەس، ئۇيغۇرغا دىلدۇر بىلسىڭىز ،
تىل دېمەك مىللەت دېمەك بىزگە سېپىلدۇر بىلسىڭىز .
شۇ سەۋەپ،بارچە كۆڭۈلگە بەك ئىجىلدۇر بىلسىڭىز،
سانى ئاز، ۋەزنى ئېغىر، دۇردانە تىلدۇر بىلسىڭىز .
شائىرىم سۈزگەي ئۇنىڭدىن جەۋھىرى- ئۇيغۇر تىلى !.
كۆكلىگەن بۇ تىل بىلەن ئەجدادىمىز قالدۇردى ئىز ،
نۇر- زىيا بەردى بۇ تىلغا قايتىدىن ئوغلانۇ - قىز .
تىل بىلەن چولپان بولۇپ مەغرۇر ياشايمىز ئەمدى بىز،
كىرسىڭىز ئۇيغۇر ئېلىنى ئوخشىتىپ گۈلزارغا سىز .
مەسىت قىلار ۋۇجۇدنى مۇشكى -ئەنبىرى ئۇيغۇر تىلى !.
تىل بىلەن ياڭرار ئىدى مىليونلىغان ئۇيغۇر ئۈنى ،
كەتمىسۇن بۇ تىلغا چاك نۇر چېچىپ تۇرغان كۈنى .
ئىزدىگىن تارىخ ئارا ،سەن ئويلىنىپ كۈندۈز_ تۈنى ،
قەدرىنى بىل ئۇيغۇرۇم قىلمىغىن ئەبجەش ئۇنى .
ئەجنەبىيمۇ تۇرسا ئامراق مۇشتەرى -ئۇيغۇر تىلى .
مەنبەسى: ئەپچىلەم