توغرا ، ئاللاھ كىرىم سۈرە ئەسىر دە ھەقنى يەتكۈزگەنلەرگە ساۋاپ بىرمەن دەپ ۋەدە قىلغان ،ھەم يەنە مۇشۇ ئىختىلاپ توغۇرسىدا ئىنىق قىلىپ بىر ھەدىستە : ‹‹ھەقنى يەتكۈزۈپ بولساڭ ئاڭلىماي يەنە جاھىللىق قىلسا ، يۇلۇڭغا ماڭ ، ئىختىلاپ قىلساڭ دۇرۇس ئەمەس›› دەپ يول كۆرسەتكەن ، شۇڭا ھەر قايسىمىز دەيدىغاننى دەپ بۇلۇپ يۇلىمىزغا راۋا بۇلايلى ، ئۈستىدە ھەتتا بىرسى مىنى ھاراق ئىچىپ مۇنبەرگە كىردىڭ دەپ ماڭا تۆھمەت قىلدى ، پەقەت ساڭا ئاللاھ سەبىر بەرسۇن دەپ توختاپ قالدىم ، چۈنكى ئاللاھ ھەمىنى بىلدۇ ، ئەگەر مەن شۇ يەردە كەينىگە ياندۇرۇپ بىر نىمە دىسەم تىما تاقىلىپ قېلشى تۇرغانلا گەپ ...شۇڭا ھازىرقى بىلمىمىنى چىقىش قىلىپ مۇنداق تەپەكۇر قىلدىم ، ئىختىلاپ كۈرۈنگەن بولسا ھەممىسى قارشى تەرەپنى ‹‹نادان ›› ئۈزىنى ‹‹ئاقىل ›› چاغلاپ يۇلىغا راۋان بولسا ، ھەقنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ كىرەم ئاخىرەتتە ئاشۇ كىشىگە يەنى ھەققى ئاقىل كىشىگە قوش ساۋاپ يەنى ، ھەقنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە نادان بىلەن ئختىلاپ قىلىپ كىيىنىكى چوڭ چوڭ زىدىيەت ۋە ھەتتاكى ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى ساۋاپ بەرسە (ئىنشەئاللاھ)، <<نادان >>نىڭمۇ ھىچ بولمىسا ئاللاھ رازلىقى ئۈچۈن ماجرانى توختۇتۇپ يۇلىغا ماڭغانلىقى ئۈچۈن بولسىمىۇ يەنە بىر تىگىشلىك ساۋاپنى بىرىدۇ ،(ئاللاھ ئىگەم ناھايتىمۇ مىھىرباندۇر) شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ ... ئەلۋەتتە تىمىدىكىلەر بۇلارنى بىلىپ يەتسىكەن نۇرغۇن پىتنە ماجرادن ساقلانغان بۇلاتتۇق ...
ماۋۇلارنى ئۇقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلمەن بۇنىڭدا دۇنيادىكى ئۇرۇش پىلتىسى سۆزلىنىپتۇ ، ھىچكىم ھىچكمىنىكنى ماۋۇ خاتا دىيەلمەيدۇ ، بەك ئىختىلاپ قىلشسا ئاخېردا زىدىيەت كىلىپ ئاشۇنداق ئۇرۇش بۇلدۇ ،
بىزنىڭ تۇغرا خاتايىمىزنى ئايرىپ بىردىغان شەرئىەت ئەمدى يوق بولدى ، توم -توم ھەدىسلەرنى كۈرۈپ ھۈكۈم چىقىرىغانلار ئەسىرلەر بۇرۇن يۇقالغان ، ھاكىميەتنىڭ ناچارلىقىدىن بىزدە پەتۋالار ئۆز رولىنى قالدۇرالمىغان ، بۇ رىئاللىق <<قۇم باسقان شەھەر >> دە ئىنىق كۆرسىتىلگەن ، ياڭزىڭشىڭ نىڭ قانداق ئىدارە قىلغانلىقى بىزگە ئايان ... شۇنداق بولغانىكەن ، ھازېرقى موللاملارنى(مەسچىتىكى ھەققى موللام ) تامامەن توغرا دىيىش مەنچە ئاقىلانىلىك ئەمەس، بەكرەك سورىسا ئاتام شۇنداق قىلغان دەيدۇ (بۇرۇنقى موللاملارنىڭ كۈپۈنچىسى ئاتا مىراس ، ياكى ئۇستازىمۇ شۇ يۇرتتا چوڭ بولغان كونا تەسىر ئىچىدىكى موللام، ھازىر كىم چەتتە ئۇقۇپ قايتىپ كىلىپ مەسچىتكە ئىمام بولدى ؟ شۇڭا ئۇ يۇرتنىڭ بۇ يۇرتقا ئوخشىمايدىغان پەتۋاسى جېق)، شۇنداق بولغانىكەن بىز ئەمدى ئىختىلاپ ئورنىغا قىلىشمايلى قارشى تەرەپنى ئاللاھقا تاپشۇرايلى ، مانا مەن كىيىن نەزىر قىلماي ئورنىغا يا مەسچىتكە ياردەم قىلمەن يا يىتىم بالا ئۇقۇتمەن ئىشقىلىپ بىر ساۋاپلىق ئىش قىلمەن ، ئەمما ئۆتكۈزگەنلەرگە قارشى چىقمايمەن ، ئەگەر باشقىلار نەزىر چاقىرىپ قالسا ، بارمەن ئۇ كىشى نامرات يوقسۇل بولمىسا ئاشۇ نەزىردىكى يوقسۇلدىن بىرنى تېپىپ قۇلمدىن كىلشچە ياردەم قىلىپ قايتىمەن ،ئاللاھ ماڭا يوسۇلۇقنى نىسىپ قىلسا (ئاللاھ ساقلىسۇن ) نەزىر ئىگىسىگە دۇئا قىلمەن ، ئۇ چاغدا ئۆز ئېىڭمدىكى نەزىر ئۇقۇمى ئادا بولغان بۇلدۇ ( سىلەرمۇ مۇشۇنداق ياكى باشقىچە قىلساڭلارمۇ بۇلدۇغۇ؟ )، دىمەكچى ھەممە ئۆز پىكىردە قالغۇسى بولسا قالسۇن .... يەنە بىر گەپنى سەمىڭلارغا سەپ قۇياي ، ھازىرقىدەك دۈن دۈشمەنلىرى دۇنيادا ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە ، بىز يەنە قانداقتۇر پەيغەمبەر زامانىدىكى ئاشۇ تۇرمۇشنى خىيال قىلساق بولمايدۇ ، بۇ ئەمىليەتكە زىت ... چۈنكى بىز قىيامەتكە يىقىن زاماندا ياشاۋاتىمىز ، شۇڭا پەيغەمبەر شامانىدىكى بىرلىككە كەلگەن ھەممە مۇسۇلمان دۇنياسى قۇرۇپ چىقىش مەنچە ئاقىلانىلىك ئەمەس ! بىز ئاۋال ئۈزىمىزدىكى ھەرقانداق ئىختىلاپنى توختۇتۇپ ئىتپاقىلشايلى ، ئاندىن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىڭ ئىتپاقغا كۆز تىكسەك كىچىكمەيمىز ، ئىسىڭلاردا بولسۇن بىز قىيامەتكە يىقىن بەندىلەرمىز !!!! قالغىنى ئۈزەڭلارنىڭ تەپەكۇرىدا قالدى ، ئەسكەرتىش : مەن ھەمىنى 100 % بىلىپ كەتمەيمەن ، خاتا كەتكەن بىر ئىككى گەپكە ئېسىلۋالماي گەپنىڭ مەركىزى ئىديىسىگە قاراڭ ، ئەگەر گىپىمنى خاتا كۆرسىڭىز مەيلى ئەگىپ ئۈتۈپ كىتىڭ ! رەخمەت ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 08:29 PM