muhakima يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:52 PM
ھورمەتلىك بىلىم خۇمار ئەپەندى
ياخشىمۇسىز؟سەپىرىڭىز ك ...
سالام muhakima ئۇكام،
مەن سىزنىڭ مەزكۇر ئىنكاسىڭىزدا ئىپادىلىگەن پۇزىتسىيىڭىزنى ياخشى كۆرمىدىم. مېنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچىمىم بويىچە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز جاۋابقا لايىق ئەمەس بولۇپ، مەن ئەسلىدە جاۋاب بەرمەي ئۆتكۈزىۋېتىشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم. لېكىن، سىزگە ئازراق ياردىمى بولۇپ قالار، دەپ، بۇ جاۋابنى يېزىۋاتىمەن.
مەن مۇشۇ مۇنبەردە بىر قانچە كىشىنىڭ «29-تىئورما» دەپ ئاتالغان ئۇقۇمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىر پۇتبول مەيدانىدا بىر توپنى يۇمۇلۇتۇپ تەجرىبە ئىشلەش توغرۇسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەن. شۇنىڭغا ئاساسەن، مەن مۇنداق بىر باياننى ئوتتۇرىغا قويدۇم: قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان، چوڭلۇقى پۇتبولچىلىك كېلىدىغان بىر مۇكەممەل شار بىر پەستىن ئاسمانغا قارىتىلغان تىك ئوق ئەتىراپىدا ئايلىنىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ئوق بىلەن 90 گرادۇس بۇلۇڭ ياسايدىغان قاتتىق جىسىمدىن ياسالغان تەكشىلىك ئۈستىدە بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا قاراپ بىر خىل تېزلىكتە بىر تۈز سىزىقنى بويلاپ ماڭغاندا، ھېچ قانداق ھاۋا ئەقىمى مەۋجۇت ئەمەس ئەھۋال ئاستىدا، ئۇ بىر تەرەپكە ئاغمايدۇ. مۇشۇ ھەرىكەت جەريانىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن گالىلى ئالماشتۇرىشى بىلەن لورەنتس ئالماشتۇرىشى زۆرۈر بولمايدۇ.
بۇ بايان خاتا ئەمەس.
سىز دەۋاتقان گالىلى ئالماشتۇرىشى بىلەن لورەنتس ئالماشتۇرىشىنىنىڭ مەزمۇنى نېمە؟ ئۇنى قانداق شەرت ئاستىدا قانداق ھادىسە ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ؟ مەن ئۆز ئىنكاسىمدا بۇ ئىككى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىنگلىزچىسىنى ئەينەن چاپلاپ قويدۇم. سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىدا بۇ ئىككى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىسمىنىلا تىلغا ئاپسىز. ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ بىر چۈشەنچە بەرمەپسىز. مەن ئۈچۈن بۇ ئىلمىي پۇزىتسىيە ئەمەس. ياخشى قىلىقمۇ ئەمەس.
سىزنىڭ ماۋۇ سۆزىڭىز پۈتۈنلەي خاتا: «سىزنى كۆرسە ئۇزىنىڭ خاتالاشقانلىغىنى ھىس قىلالايدۇ دەپ ئويلىغان ، بىراق ئۇيۇمنىڭ ئەكىسچە تەبئى پەن تەتقىقاتىنى يەرشارىدىكى ئون نەچچە مىڭ ئادەمگە قالدۇرۇپسىز.» مەن بۇ قېتىم قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ «29-تىئورما» سىنى كۆردۈم. دىمەك، بۇنىڭ ئالدىدا فىزىكىلىق تىئورمىدىن يەنە 28 پارچىسى بار، دېگەن گەپ. فىزىكىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئۆگىنىشنى خالىماي تۇرۇپ، پەقەت فىزىكىدا تىئورما چىقىرىش يولىنى تۇتۇش توغرا ئەمەس. ئۇنداق قىلىش ھازىر پۈتۈن دۇنيا قوبۇل قىلغان ۋە يولغا قويىۋاتقان ئىلمىي تەتقىقات پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئەمەس. مەن بۇ يەردە پەقەت تەبىئىي-پەندە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. ھەرگىزمۇ بىرەرسىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىنى توسمۇدۇم. ئالتۇننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، سىز دېڭىز بويىدا يۈرۈپ، بىر پارچە ئالتۇننى ئۇچرۇتۇپ قالسىڭىزمۇ، ئۇنى تېپىپ ئالالمايسىز. ياكى بولمىسا، بىر پارچە تاشنى «ئالتۇنكەن» دەپ تېرىۋالىسىز.
2013-7-2
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 06:55 PM