مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: fanteken

جەنۇبى گەنسۇ يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6645
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 10:36:50 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aqturk يوللىغان ۋاقتى  2013-6-27 12:46 AM
مەتبۇئاتلاردا جەنۇبى گەنسۇ دىمەي سۇنەن دەپ ئومۇملاشقا ...

يۇغۇرلار ئۆزىمۇ ئۆزىنى يۇغۇر دەپ ئاتىغاندىكىن،  يەنىلا يۇغۇر دەپ ئاتىغىنىمىز تۈزۈك .  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرەر ئورتاقلىقىمۇ بولمىسا ئۆزىمىزچە ئۇيغۇر دەپ ئاتىۋىلىشىمىزنىڭ ئورنىمۇ يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8520
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم سان ساناقلار ئىېنقسىزمۇ ،ياكى مەن چۈشەنمىدىممۇ؟
3تۆمەن 96مىڭ ،2تۆمەن 42مىڭ ................دىگەندەك .بىر تۆمەن ئون مىڭ بولغاندا سىزنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلىرىڭزنى قانداق چۈشىنىمەن ،قايتا بىر تەكشۈرۈپ چىقسىڭىز .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6437
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 752 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:43:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرگيسىزلەر قىرىنداشلار ،مەن خاتا يىزىپ قاپتىمەن تىمىدا ،،،،،،،،،

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:49:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۇيغۇرلا ئەسلى تىگىمز ئاق تەنلكقۇ دەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7649
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9164
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:51:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرادەر...شىيۇڭنۇ دىگەن نىمە گەپ ئۆزى....ھېلىمۇ ياۋايى قۇل دەپ تەرجىمە قىلماپسەن.....ھونلار دىگەن گەپقۇ ھون...نىمىشكە يۇغۇرلارنى سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىمايمىز.....قازاقلار نىمىشكە يۇغۇر دىمەي سېرىق ئۇيغۇر دەيدۇ.....خەنزۇچە ئاتىلىشى 裕固族 يۈگۇ مىللىتى بولغان بىلەن ئۇيغۇرچە توغرا ئاتىلىشى سېرىق ئۇيغۇرغۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7649
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9164
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:52:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahsajan يوللىغان ۋاقتى  2013-6-27 07:50 AM
ئۇندىن باشقا سېرىق ئۇيغۇرلار خۇنەندىمۇ بارغۇ دەيمەن .
...

خۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇر ئەمەس....بىزدىن چىقىپ كەتكەنلەر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1517
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13166
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7929 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:54:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوپۇسى 3 تۈەن62مىڭ،دىھقانچىلىق-چارۋىچىلىق نوپۇسى2تۈمەن 43مىڭ
____________________________
سۈيۈملۇك تورداش ،بىر ئادەمنىڭ ماتېماتىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇش- يېزىش قابىيىتى بۈگۈنكى كۈندە بەكلا موھىم ساپا ھېساپلىنىدۇ .باشلانغۇچ ماكتەپنى ئوقۇغانلىكى  ئەدەمنىڭ بۇ ئىقتىدارى تامامەن يېتىلىدۇ دەپ ئويلايمەن ،سىز باشلانغۇچتا ئوقۇمىغانمۇ ؟ ياكى خەنزۇچە ئىقتىدارىڭىز تەرجىمە قىلىشقا يەتمىدىمۇ ؟ ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن مەن بۇنى  ئوچۇق توردا مىللى مائارىپىمىزغا قىلىنغان بىر قىتىملىق ئاھانەت دەپ چۈشەندىم...........

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81021
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 11:58:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سان سىغىرلاردىكى نېمانداق جىق خاتالىق ... بەك ئەپسۇس، بىزدە بىر تۈمەن 15 مىڭ دىگەندەك گەپ يوق. بىر تۈمەن دېگەن 10000 بولىدۇ. بىر تۈمەن بەش مىڭ (15000) دېگەنلىك. بىر تۈمەن 15 مىڭ دېگەندەكلەرنى زادى قانداق چۈشەنسەك بولار...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 12:02:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇغۇرلار


يۇغۇرلار(裕固族) جوڭگونىڭ شىمالىدىكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان بىر ئاز سانلىق مىللەت ھازىرقى نوپۇسى تەخمىنەن 13 مىڭ 700(2000-يىلى).يۇغۇرلار خېشى كارىدورى(河西走廊)نىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە چىليەن تېغى(祁连山)نىڭ شىمالى تەرىپىگە تارقالغان بولۇپ ئاساسلىقى گەنسۇ(甘肃) ئۆلكىسى سۇنەن(肃南) يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيەسى ۋە جيۇچۈەن(酒泉) شەھىرى سۇجو(肃州) رايونى خۇاڭنىباۋ(黄泥堡) يۇغۇر يېزىسىغا مەركەزلەشكەن،يۇغۇرلار پەقەت گەنسۇ ئۆلكىسىدە ئىزچىل ياشاپ كەلگەن ھەم گەنسۇغا خاس بولغان مىللەتتۇر.
يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمقى ئۇيغۇرلار(回鹘) بولۇپ ئۇلارنىڭ 10 قەبىلىسنىڭ ئىچىدىكى ياغلاقار ئۇرۇقى(药罗葛) دەل تاڭ تارىخىدا خاتىرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خان ئۇرۇقى ياغلاقار ئۇرۇقىدىن كەلگەن.يۇغۇرلار ئۈچ خىل تىل(شىۋە-ت)دا سۆزلەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئەسلى تىلى غەربى يۇغۇر تىلى بولۇپ ئالتاي تىللىرى سىسىتېمىسنىڭ تۈركى تىللار تۈركىمىگە تەۋە،بەزى قەبىلىلىرى يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچىرغانلىقى سەۋەبىدىن ئالتاي تىللىرى سىستېمىسنىڭ موڭغۇل تىللىرى تۈركۈمىگە تەۋە بولغان شەرقى يۇغۇر تىلى شەكىللەنگەن،يەنە بىر قىسىم يۇغۇرلار بولسا خەنزۇچە ياكى تىبەتچە سۆزلەيدۇ.يۇغۇرلار تارىختا ئۇزۇن مەزگىل قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى(回鹘文)نى ئىشلەتكەن بولۇپ،جيۇچۈەندىن بايقالغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئالتۇن يارۇق›› كاڭشىنىڭ 26-يىلى(1687-يىلى) يېزىلغان،بۇ جيۇچۈەندىكى يۇغۇرلارنىڭ تاكى 18-ئەسىرلەرگىچە يەنىلا ئۆز يېزىقى بولغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.ھازىرقى يۇغۇرلارنىڭ يېزىقى يوق بولۇپ ئادەتتە خەنزۇچە يېزىقىنى قوللىندۇ،تىبەت بۇددا دىنى(藏传佛教)غا ئېتىقاد قىلىدۇ.يۇغۇرلارنىڭ نىكاھى بىر قەدەر ئەركىن بولۇپ قىز ياتلىق قىلىشقا ياكى ئىچ كۈيئوغۇل قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ،توي قىلىشتىن بۇرۇن لاما(راھىب ، 喇嘛)غا پال سالدۇرۇپ خەيرلىك كۈننى بېكتىپ  ئاندىن  توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ.
تارىخى
يۇغۇرلار بىلەن تۇۋالار(图瓦人) تۈركلەر(突厥人)نىڭ ئىچدىكى بىر قەدەر ساپ ۋە ئىپتىدائىلىرى بولۇپ،ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ئورقۇن دەرياسى(鄂尔浑河) ۋادىسدىن كۆكلىگەن،تېخىمۇ يىراق ئەجدادىلىرنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى3-ئەسىردىكى دىڭلىڭ(丁零)ۋە مىلادىيە 4-ئەسىردىكى تيېلې(铁勒) ۋە ئۇيغۇرلار(袁纥)غىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.مىلادىيە 840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن گەنجۇ ئۇيغۇر(甘州回鹘)لىرنىڭ بىر تارمىقى بولغان سېرىق ئۇيغۇرلار(黄头回纥) بۈگۈنكى گەنسۇنىڭ خېشى كارىدورىكى دۈنخۇاڭ(敦煌)،گەنجو(州 甘،بۈگۈنكى 张掖)،لياڭجو(凉州 ،بۈگۈنكى 武威)،چىليەن تېغى،ئېتزىن دەرياسى(额济纳河) ۋادىلىرغا كۆچۈپ كېلىپ گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان، بۇ خانلىق كېيىن تاڭغۇتلار تەرپىدىن مەغلۇب قىلىنغان.كېيىن يەنە سۇبۇتاي(چىڭگىزخاننىڭ سەركەردىسى) غەربكە يۈرۈش قىلغاندا يۇغۇرلارنى بىر يولىلا تىنجىتقان.يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە يۇغۇرلار قۇبلاي ئەۋەتكەن بەگنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان،مىڭ سۇلالىسى يۇغۇرلار رايونىدا تۆت خىل ئەمەل تەسىس قىلغان،يۇغۇرلار يەنە سەئىدىيە سۇلتانى سەئىدخان ۋە موڭغۇل تۈمەد قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئالتانخان تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغان.
تارىختا يۇغۇرلارنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ھەرخىل بولغان. يۇغۇرلار يۈەن سۇلالىسى دەۋردە «撒里畏吾尔 ››،مىڭ سۇلالىسى دەۋردە ‹‹撒里维吾尔››،چىڭ سۇلالىسى دەۋردە بولسا ‹‹锡喇伟古尔›› دەپ ئاتالغان .بۇلارنىڭ ھەممىسى سارىغ ئۇيغۇر ياكى سېرىق ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسدۇر(ت).يۇغۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردىمۇ «撒里畏吾尔›› دەپ ئاتالغان،يۇغۇرلار ئۆزىنى «尧乎儿››(ياۋخۇر) دەپ ئاتايدۇ.
1953-يىلى يۇغۇر خەلقى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق «尧乎尔›› دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغا يېقىن كىلىدىغان خەنزۇچە باياشات،مۇستەھكەملەش دېگەن مەنىدىكى ‹‹裕固››دېگەن سۆزنى مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن رەسمى نامى قىلىپ بېكىتكەن.ھەممە ئېتىراپ قىلغان مىللىيەت(民族学) ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا ئاساسلىقى جوڭگو شىنجاڭدا ياشايدىغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن گەنسۇدا ياشايدىغان بۈگۈنكى يۇغۇرلار بىر مىللەت بولۇشى كېرەك ئىدى.قىزىقارلىق يېرى شۇكى غەربى يۇغۇر تىلى بىۋاستە قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن كەلگەن بولۇپ شور ۋە خاكاس قاتارلىق شەرقى-شىمالى تۈركى تىللارغا بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ.يۇغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى 4600 ى غەربى يۇغۇر تىلىدا،2800 ى شەرقى يۇغۇر تىلىدا سۆزلەيدۇ،ئاز بىر قىسىمى تىبەت تىلىدا سۆزلەيدۇ.
يۇغۇرلارنىڭ سەردارىنىڭ تەگئاتى «安›› بولۇپ بەزىلەر بۇ تەگئاتنى ئەنگارا دەرياسى(安加拉河) بويىدا ياشايدىغان بىر تۈركى قەبىلىدىن كەلگەن دەيدۇ،قەدىمقى موڭغۇللارمۇ بۈگۈنكى يۇغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر كېلىش مەنبەسى ھېسابلىندۇ.
1958-يىلدىكى چوڭ كۆچۈش
يۇغۇرلار 1985-يىلى مەجبۇرى ھالدا بىر قېتىم چوڭ كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ،بۇ قېتىمقى چوڭ كۆچۈك بىر پۈتۈن يۇغۇر مىللتىگە مىسلىسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.ئەينى چاغدا گەنسۇ بىلەن چىڭخەي ئوتتۇرسىدا يايلاق ماجراسى يۈز بەرگەن بولۇپ ئىككى ئۆلكە چېگرىنى تەڭشەش ئۈچۈن يۇغۇرلارنى چوڭ كۆلەمدە كۆچۈرگەن،يۇغۇرلار ئامالسىز دوستلۇق دېھقانچىلىق مەيدانى(友爱农场) قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئولتۇراق رايونلاردىن ئۇزۇن يول بېسىپ خۇاڭچېڭتەن(皇城滩)گە كۆچكەن،سۇنەن يۇغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمىتىمۇ بىللە خۇاڭچېڭتەن(بۈگۈنكى خۇاڭچېڭ بازىرى)گە كۆچكەن. نەچچە ئايلىق كۆچۈش ۋە  زور زىيانلاردىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئارلىشىشى بىلەن توختىلىپ قويۇلغان.
قۇرۇلىشى
يۇغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇسى كىگىز ئۆيدىن ئىبارەت،كىگىز ئۆينى  ئالتە تال سوقۇم تىرەپ تۇرىدۇم،كالا ۋە قوي يۇڭىدىن توقۇلغان چەكمەنلەر بىلەن يېپىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەنئەنىۋى نەقىشلەر چىقىرىلغان بولىدۇ.كىگىز ئۆينىڭ ئۇدۇل ئۈستۈن تەرىپىگە بۇد تەكچىسى قۇيولىدۇ،ئىشكىتىن كىرىپ سول تەرەپتە ئاياللار،ئوڭ تەرەپتە ئەرلەر ئولتۇرىدۇ.
ئۆرپ-ئادىتى
يۇغۇرلار بىر خىل ئىسلاھ قىلىنغان كادەمپا دىنى(噶丹派،تىبەت بۇددا دىنىڭ بىر مەزھىپى)غا ئېتىقاد قىلىدۇ،بۇ مەزھەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى لامالار توي قىلسا بولىدۇ،بۇ موڭغۇل-تىبەت رايونىدىكى لامالاردىن پەرقىلىندۇ،بىراق ئۇلاردىمۇ يەنە ئەرلىرى توي قىلمايدىغان،قىزلىرى ياتلىق بولمايدىغان بەزى ئادەتلەرمۇ ساقلانغان.يۇغۇرلار بىلەن باشقا تىبەت بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر يەنە بىر ئوخشىماسلىقى شۇكى ئۇلار يەنە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ شامان(پېرىخون)ىنىڭ ئىسمى يەخجە(也赫哲)،چوقۇنىدىغان ئىلاھنىڭ ئىسمى خانتەڭرى دېيىلىدۇ.يۇغۇرلارنىڭ ھەربىر ئۇرۇقىنىڭ يەنە ئۆزلىرنىڭ ئاق ۋە قارا دەپ شامانلىرى بولىدۇ.
يېمەك-ئىچمىكى
يۇغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكى ئاساسلىقى سالغان گۆش،سۈتچاي،ئىستىقان ھاراق،ئارپا ھاراقلاردىن ئىبارەت،ئۇنىڭ ئىچىدە سۈتچاي ئىچىش يۇغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئادىتى بولۇپ ئەنئەنىۋى يۇغۇرلار ئادەتتە بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ئورنىغا چاي ئىچىدۇ،ئادەتتە كەچلىرى بىر ئاز ئۇندىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ.يۇغۇرلار يەنە ھاراق ئىچىشكە ھېرىس بولۇپ كۆپىنچە ئىستىلغان ھاراق ياكى ئارپا ھاراقلارنى ئىچىدۇ.يۇغۇرلار ئۆيىدە مېھمان كۈتكەندە ئادەتتە چوڭلار ئىشىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ مېھماننى ئۆيگە باشلايدۇ،مېھمان ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئىشىكنىڭ سول تەرىپىگە قويۇلغان ياغاچ كارۋاتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ،بۇ ئەزىز مېھماننىڭ ئورنى دېيلىدۇ.يۇغۇرلار ئولتۇرغاندا ئاۋال يۈكىنىپ ئاندىن بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئايرىم-ئايرىم ئولتۇرشىدۇ.ساھىبخان تاماققا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن ئارتۇقچە تەكەللۇپ لازىم ئەمەس بولۇپ مېھمانلار ئۆز خالىغان تائامغا ئېغىز تەگسە بولىۋېرىدۇ.يۇغۇرلار مېھمان كۈتكەندە ئاۋال سۈتچاي سۇنىدۇ،مېھمان ئەگەر ئىچىپ تويغان بولسا چوقۇم چىنىنىڭ ئاستىدىكى «چۈلە›› سىنىمۇ تولۇق ئىچىۋېتىشى كېرەك بولۇپ ،ئەگەر ئۇنداق قىلمىساساھىبخان چىنىسىگەگە يەنە سۈتچاي تولدۇرۇپ قويىدۇ،چايدىن كېيىن سالغان گۆش ۋە ئارپا ھاراق ئىچىلىدۇ،يۇغۇرلار ھاراق ئىچكەندە ئادەتتە ئىككى رومكا ئىشلتىدۇ.
دەپنە ئادىتى
يۇغۇرلار ئادەتتە بىرسى ئۆلۈپ كەتسە تەبىئىي دەپنە قىلىدۇ.بىرسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆيدە بىر كۈن قويۇلۇپ لامانىڭ  نوم ئوقۇپ نەزىر-چىراق مۇراسىمى ئۆتكۈزىشىنى ساقلايدۇ.مېيتنى ئىككىنچى كۈنى تەبىئىي دەپنە قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بارىدۇ.تەبىئىي دەپنە قىلغان ۋاقىتتا ئۆلگۈچىنىڭ كىيىملىرنى سالدۇرۋېتىپ جەسىتىنى بىر تال تاشنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ياكى ئۈچ تال تاشقا يۆلەپ قويىدۇ.لاما نوم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلگۈچنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى كېتىدۇ،مېيىت ئۇچار-قۇش ھايۋانلارنىڭ يېيشىگە قويۇپ قويۇلىدۇ.تەبىئىي دەپنە قىلىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى قايتا كۆرگىلى كېلىدۇ،جەسەت ئەگەر تولۇق يېيىلىپ بولۇنغان بولسا جەننەتكە كىردى دەپ قارىلىپ،خالىغان يەرگە جەمەتتىكى ياش تەرتىپى بويىچە  قەبرە ياساپ قويىلىدۇ.ئەگەر جەسەت پاكىز يېيىلىپ بولۇنمىغان بولسا يەنە لاما تەكلىپ قىلىپ نوم ئوقۇتۇپ نەزىر چىراق قىلىندۇ،يەنە ئۆلگۈچىنىڭ يەتتىسى ۋە يىلى ئۇزىتىلىدۇ،ھەر قېتىمدا ئوخشاشلا لاما تەكلىپ نوم ئوقۇتۇپ نەزىر-چىراق قىلىندۇ.ئۆلگۈچنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۆلگۈچىگە تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىرىق توققۇز كۈن ئىچىدە ئەرلىرى چاچ چۈشۈرمەيدۇ،ئاياللىرى چاچ تارىمايدۇ.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
halleck + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
tewelgha + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95053
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 12:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ana-yurtum يوللىغان ۋاقتى  2013-6-27 11:49 AM
بىز ئۇيغۇرلا ئەسلى تىگىمز ئاق تەنلكقۇ دەيمەن

بەك كىچىكىپ ئۇقۇپ قاپسىز ، ئۇيغۇرنى سېرىق تەنلىك دەيدىغان خاتا قاراشلار كىتابلاردىن سىڭدۈرۈلگەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش