xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 10:28 PM
ساخاۋەت مۇنبىرى مەخسۇس مۇشۇنداق قىيىنچىلىقى بارلارغ ...
ئۇ تور بەتتىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار، ۋاقتىم يەتكەندىلا زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن. كېسەل يوقلاش ناھايتى ئېسىل پەزىلەت. بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيىمىز دوختۇرخانا يېنىدا ئىدى، بوۋام، مۇماملار ھايات چېغىد تونۇسۇن تۇنۇمىسۇن ئۆيى يىراق بىمارلارنى ئۆيگە چاقىرىپ، تاماق يېيىشىپ پاراڭلىشىدىغان، ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى ناھايتى قىززىيدىغان... ھازىر بۇنداق ئىشلار قالماپتۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى قاچۇرغان ئەجدادلار ئەنئەنىسىدىن ھېچ بولمىغاندا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بولسىمۇ تېپىۋېلىپ، كەلگۈسىگە مىراس قىلىپ قويساق دەيمەن.
بىزدىكى ئىنتېرنېت تەرققىياتى بارغانسېرى خەلق قەلبىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ.
بەزىلەر تىكەن، بەزىلەر گۈل ئۈندۈرۈپ مېڭىۋاتىدۇ، ئاللا خالىسا يەنە 5يىلدىن كېيىن ئىنتېرنېت تەرەققىياتى بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدىن ئارتۇق بولىدۇ.