خۇش يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 06:42 PM
تازنىڭ نىمىسى بار ..... دىگەننى ئاڭلىمىغانمىدىلە ھې ھې ...
ھە ئىسىڭىزدە بارمىكىن 2000 - يىللاردا تىلىفۇن ئېتى بار نەرسىلەرنى خەقلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيىتتى ، بىر قانچە يىلدىن كىيىن كىشىلەر تىلىفۇننى بېقىنىغا ئاسىدىغان بولۇشتى ، يازنىڭ كۈنىدە كۆينىكىنى تىلىفۇن قىسقۇچنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇپ باشقىلارغا كۆرىنىپ تۇرسۇن دىگەننى ئويلىشاتتى .
ھەتتا بەزىلەر بىراۋلار بىلەن تىلفۇنلاشمىسىمۇ قۇرۇق تىلفۇننى قۇلىقىغا تۇتۇپ سۆزلەشكەن قىياپەتتە قولىدكى ئاددىغىنە تىلىفۇنلارنى كۆ ز- كۆز قىلاتتى .
كىيىنكى نەچچە يىلدا سامسۇڭ ، نوجىيا ماركىلىق تىلفۇنلار مودسا بولۇپ ئەدەپ كىتىۋى ، يىقىنقى بىر قانچەى يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئورنىنى ئاندويىد سىستىملىق تىلفۇنلار ئالدى .
ھازىر بىر ئاز پۇلىىسى بار كىشىلەر باسما كونۇپكىلىق تىلفۇنلارنى ياراتماس بولۇپ كىتىشتى ھەتتا ئۇنداق تىلفۇنلاردىن نۇمۇس قىلىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قاپتۇ .
مۇشۇ بىزدىكى مۇشۇنداق مودا ۋە كۆز - كۆز قىلىش قاچانكى تۈگىمەيدىكەن ، قەرز سوراپ بولسىمۇ ، ئەتىگە يەيدىغان نېنىمىزغا چىقىشالمىساقمۇ ساختا تۇرمۇش مەدەنىيتى ئىچىدە ياشايدىكەنمىز .
بۇ مىنىڭ ئويلىغىنىم .