baytura يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 01:23 PM
ھازىر كۆرۈۋاتقان خەنچە پروگگىراممىلاردىكى رىياسەتچىل ...
شۇنداق، تۇترۇقسىز كۈلىكىنى تولا قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، نايناقلا، ئەركىلەپ..............
رىياسەتچى دېگەن تۆت ئېغىز گەپنى جايىدا دەپ، نېمىلا قىلسا يارىشىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىچ -ئىچىدىن قايناپ تۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەزنىنى بىلدۈرىدىغان ھۈجەيرە كەممىكىن؟!
باھالىغۇچىلارمۇ شۇ، قېلىپتىن چىقالمىغان.
سۆزدە ئەركىن بولۇپ، ماختاشنى ئازراق دېسە بولىدۇ.
ناخشا دېسە، ئۆلۈمنى يەرلىكىگە قويماي تۇرۇپ، سەھنىگە چىقىدىكەنمەن دەيدىغان ئىشمۇ چىقىدۇ؟!
«ئانارخان»فىلىمىدىكى باتۇر يىگىتتەك ئانىسى كۆز يۇمغىلى تۇرسا، «توي »قىلىپ شادىمان كەيىپىياتتا رولغا چىققان....ئاخىر قانداق بولدى؟!
بىر ئۆمۈر پۇشمان قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دېمەك، ناخشا-سەنئەت ھەممە ئەمەس!
ئۇستازىمدىن مۇنى گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم:
- 50يىل قەلەم تۇتۇپتىمەن. 10يىل ناخشا ئېيتىقان بولسام ئېھتىمال بۇنداق بولماستى؟!
بىزدە ناخشا ۋاي دەيدىغان خائىش بەكلا يۇقىرى. مائارىپىمىزغا شۇنچىلىك ۋاي دېيەلىگەن بولساقچۇ كاشكى......
ناۋاغا قاتناشسا پۇل تۆلەمدۇ؟!
كۆرەرمەنلەرمۇ پۇل تۆلەمدۇ!؟
...............................
بىزدە نېمىشقا بىلىم سەۋىيمىزنى سىنايدىغان پىروگىرامما يوق؟
«تەلەي يۇلتۇزى»مۇ ئاۋۋال سەنئەتتىن باشلايدۇ....
بىرەر سوئالغان ئەركىن مۇنازىرە قىلدىغان، جەمئىيەت ئەھۋالىنى، تۇرمۇشنى بايان قىلىپ، كۆزنەك ئالدىدىكى كىشلەر يول كۆرسىتىدىغان مىللىي خاسلىق نامايان قىلىنغان پىروگىرامما يولغا قويۇلمامدۇ!؟
[url]مۇنۇ تېمامدىكى[/url]«ئۆرپ-ئادەت ئۆگىتىش »مەسلىسىنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blackrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-30 02:02 PM