hey يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 10:33 PM
زاماننىڭ بەك كەينىدە قالدىڭلارمۇ قانداق؟ 2- ، 3-ئايلارد ...
مەن سىزگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي.
نەچچە يىللار ئىلگىرى چەتئەلدىكى بىر تىببىي تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەنمەن. شۇ ۋاقىتتا ھەر بىر شۇنداق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىر مۇستەقىل ئورگىنى بولىدۇ، مەخسۇس ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىدىغان. بىزگە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ۋەتەندىكى شۈنلېي،رۈيشىڭ،تېڭشۈن،باۋفېڭ قاتارلىقلارنى ئورگان كومپۇتىرىمىزغا قاچىلىشىمىزنى قاتتىق چەكلىگەن ئىدى. ئەگەر خىلاپلىق قىلساق دەرھاللا ئەتراپىمىزدا «Big Brother» لار پەيدا بولۇشاتتى.
ئەڭ ئاددىي بىر مىسالىنى ئېلىپ ئېيتسام، جۇڭگو تور بەتلىرىدە ۋېرۇس كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت بىر قىسىم خەنزۇچە ھۆكۈمەت خەۋەر تور بەتلىرىنىلا كۆرەلەيتىم. ئەمما بىر قېتىم شىنخۇا تورىدىكى بىر بەتنى ئاچقىنىمدا ۋېرۇسخور چىقىراپ كەتتى، دەرھاللا ئۇچۇر باشقارمىسىدىكىلەرمۇ يېنىمدا پەيدا بولدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كومپىيۇتىرىمۇ تەڭ چىقىرايدىكەن. شۇ ئىش توغرىسىدا نەچچە قېتىم ئۆزۈمنى تەكشۈردۈم، كىيىن ھەتتا باش ئاپاراتتىنمۇ ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى.
مانا مۇشۇنداق ئەھۋال!
خەنزۇچە بىلسىڭىز ئوقۇپ بېقىڭ دەپسىز؟ شۇنچە بىلىمىڭىز مۇكەممەل بولسا كېرەك، ئەمما شۇ ئۇچۇرلارنىمۇ خەنزۇچە بىلىدىغانلارنىڭ يازىدىغانلىقىنى ئۇنۇتقان ئوخشايسىز.
بىكارلىق بولسىلا ياخشى بولغان بولامدۇ؟! بىكارلىق بولسىلا بىخەتەر بولامدۇ؟! ۋېرۇسخور شېركەتلىرىنىڭ ۋېرۇس بىلەن ۋېرۇسخورنى تەڭ ئىشلەپچىقىرىدىغىنى ھەممىگە مەلۇم بىر ئۇقۇم.
قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىنىڭ كۆرىدىغان ئاسمىنىمۇ شۇنچىلىك... مېنىڭچە كەمتەرلىك بىلەن ئۈگەنگەن، بىلمىسە بىلگەنلەرگە بولمىسا توغرا مەنبەلەرگە تايانغان ياخشى.