توقماق يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 01:06 PM
弧旋球_百度百科
مىنىڭ تېمىدا يازغىنىم:
يۇقۇردىكى رەسىمدىكى ھاۋانىڭ بىسىم پەرقىنىڭ چۈشەندۆرىلىشى خاتا.
سەۋەپ، توپ سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت جەرياندا سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشى بۇيىچە ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىۋاتقان ،ھەم ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىۋاتقان ئەھۋالدا توپنىڭ ئوڭ يىرىم شارىنىڭ يغىندى تىزلىكى سول يېرىم شارنىڭ يىغىندى تىزلىكىدىن تۆۋەن بولىدۇ.بىرنوللى قانۇنى بويىچە تىزلىك تۆۋەن تەرەپنىڭ ھاۋا بىسىمى تىزلىك يۇقۇرى تەرەپنىڭ ھاۋا بىسىمىدىن چوڭ بولىدۇ.
ھالبۇكى،ئەمەليەتتە پېقىراۋاتقان توپ سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ھامان تىزلىك تۆۋەن تەرەپكە،يەنى بىسىم يۇقۇرى تەرەپكە ئاغىدۇ.
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=24483
تورداشلار،مانا بۆمەسىلىدە پۇزىتسىيەڭلارنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويۇڭلار ،بۇ قېتىمقى مۇنازىرە-مۇھاكىمىنىڭ تۆگۆنى مۇشۇ يەردە.بۇ مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئېلىپ بارغان باشقا ھەر قانداق مۇھاكىمە-مۇنازىرىنىڭ قىلچەئەھمىيىتى يوق
.....................
توقماق ئەپەندىم:
سىز بۇ ئىنكاسىڭىزدا بەيدو تورىدىكى بىر يەكۇن ھەققىدە توختۇلۇپ ،ئۇنى خاتا -دەپسىز. بۇنىڭ سىزنىڭ ئاتالمىش «29-تېئورما» بىلەن قانداق مۇناسىۋېتى بولۇش -بولماسلىقىدىن قەتئى نەزەر ، بۇ يەكۇننى ئاغدۇرۇش-ئاغدۇرالماسلىقىڭىزدىن قەتئى نەزەر ، ئۇ پەقەت بىر ئىلمىي تەپەككۇر يۇرگۇزۇش بولۇپلا تۇگەللىنىدۇ. بەيدودىكى ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى توغرا ۋە راس دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇ يەكۇننى ئىنكار قىلىپ ياكى بىرەر مەزمۇنىنى تولۇقلاپ ماقالە يىزىپ ئۇنى ژورناللاردا ئىلان قىلسىڭىز بۇمۇ بىر خۇشاللىق ئىش. بۇمۇ سىزنىڭ ئاتالمىش«شەكىل نەزەرىيىسى»ڭىز ھەققىدىكى بايانلىرىڭىزدىن ئۇستۇن تۇرىدۇ. ئىلمىي ئىزدىنىشتە بەزىدە بىر نەرسە ئۇستىدە تەتقىق ئىلىپ بىرىلىۋېتىپ ،ئويلىمىغان ئىككىنچى بىر ئىلمىي يەكۇنگە ئىرىشىپ قالىدىغان ئىشمۇ بار.
ئەمما قىزىقىشىڭىش بويىنچە يەنىلا ئىچكىرلەپ تەجىربە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق مىنىڭمۇ ئاخىرقى پىكرىم شۇكى، بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ پىكىرلىرىگە ئىتىبار بىرىپ قويۇڭ. ئالدىراپ خۇلاسە پىكىرگە كىلىشكە ئالدىرىماڭ.