بۇ يىللىق ئىمتىھان تەس چىقىپ كېتىپتۇ دەيمەن!!! 20نومۇر ئارتۇق بولغىنى بىلەن دەرەخنىڭ ئۇچىغا ئېسىپ قويۇپتۇ.80نومۇرلۇق تاللاش بىلەن ھۆكۈم قىلىشتىن تولۇق نومۇر ئېلىۋىتىشىم مۇمكىن،ئەمما90نومۇرلۇق بوش ئورۇننى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئاينىپ كەتتى،15دىن25نۇمۇرغىچە كەتكۈزۈپ قويۇشۇم مۇمكىن،ئەنسىرەپلا تۇرىۋاتىمەن.ۋاقتى كەلسە بىر نۇمۇر بىلەنمۇ پالانى ئادەمنىڭ ئارقىدا قالدىغان گەپ،تېخى تاللىنىالمايسىز.ئاجايىپ غەلىتە «بىرنۇمۇر»-دە ئۇ؟!
بۇندىن باشقا ئىش ئورنى تىزىملىكىدە يەنە «پۇتۇڭخۇا 2»دەپ شەرت قويۇۋېلىشلىرىدىن ئۆرگىلەي!!!«سەن تىزىملاتما !»دېگەن سۆزنىڭ «چىرايلىق»راق يېزىلىشى خالاس.ئادەمنىڭ تېخىمۇ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدىغىنى شۇكى،تىزىملىكنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەسكەرتمە»قىسىمىدا «تولۇق ئوتتۇرا 2-دەرىجىلىك ئۇنۋانى بولۇش...» دېگەندەك تەلەپ قويۇلۇپتۇ.ئويلاپ بېقىڭ!ئەمدىلا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىتودېنىتلادا نەدىمۇ بۇنداق «تاج»بولىدۇ ؟ خىجىل بولماي ئودۇللا «شۇ كىشى»نىڭ ئىسمىنىلا يېزىپ قويسىڭىزمۇ رەنجىپ كەتمەيتتۇق ئەمەسمۇ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 100100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-3 12:50 AM