asma507 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 10:01 AM
مىنىڭ نەۋرە ئىنىمغا بۇگۈن 8كۈن بولدى ئىز دىرىكى يوق.مەك ...
ئاللاھ ئۇبالىنى سالامەت قىلسۇن .
مەن بۇلتۇر تاغدا ئىشلەۋاتقاندا مەكتەپنىڭ ئارقىسىدا بىركۆل بارئىدى ئەتگەندە بىر تويغابىرىپ قايتىپ كەلسەم تويدىن يانغانلار شۇكۆلبويغا يىغىلىپ تۇرشۇپتۇ نىمىشكىن دەپ يىراقتىن قاراپ ئولتۇرسام ھەممىسى مىنى كۆرۈپ ۋاي مەلىم بۇياققا كەل دەپ چاقىردى بارسام .كۆلبويىدا بىر كىچىك ۋىلسىپىت-كىيىم كىچەكلەر تۇرۇپتۇ . 50 60 ئادەمبار ھەممىسى قىرغىز بولغاچقا سۇ ئۈزەلمەيدىكەن مىنى سۇئۈزۈپ ئىزدەپ باقساڭ دەپ چاقىرىپتۇ ئەمما تاغنىڭ ھاۋاسى بەك سوغۇق بۇلار شۇڭا سۇ ئۈزەممەيمىز دەيدىغان ئوخشايدۇ دىسەم قىرى ئاقساقال دىن بىرسى تاغدا سۇ ئۈزگۈدەك ئىسسىك كۈن بولمايدۇ شۇڭا بىز قىرغىزلار سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيمىز دىدى ، بولىدۇ دىدىم كىيمىمنى سىلىپلا كۆلگە سەكرىدىم . نەچچە رەت چۆكتىم پۇت قوللىرىمغا بىرنىمە ئۇرۇنمىدى . ئۇلار سىرىتتا تۇرۇپ ‹پۇتۇڭغا بىرنىمە ئۇرنۇپ جاتاۋۇ › دىسە يۈرەكلىرىم دىر دىر تىترەيدۇ لىكىن ئادەمنى تىپىش مۇھىم دە ..... ئاھ خۇدا ئۇرۇندى
چۇمدىم قولىدىن تارتتىم 3-قىتىم كۈچەپ تاررتم ، ئەمما ھەرقانچە مۇقۇم تەرەتمۇ قورقۇش ئىچىدە سۇنۇپ كىتەتتى ، بالىنىڭ جەسىدى بىركۈن سۇ ئاستىدا قالغاچقا ئۆزگۈرۈپ قورقۇنۇشلۇق بوپقالغان ئىدى سىرىتقا تەستە ئېلىپ چىقتىم لىكىن 100چە ئادەمبار يەردە ياردەم قىلغۇدەك ئادەم يوق . ھەممىسى قورقۇپ يىقىن كەلمىدى ، چاپىنىمنى ياپتۇق ،مەن تىترەۋاتىمەن بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلدى ، ئۇنىڭدىن كىين بەك توڭاپ كەتكەچكە مەن كىرىپ كەتتىم قالغىننى بىلمەيمەن..........
ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ شۇئىشلار بىرقۇر كاللامدىن ئۆتتى
ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن .