مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

بىئولوگىيەنىڭ قىسقىچە تارىخى يىلنامىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2004
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1076 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 03:43:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dostum. يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 03:29 PM
ئۇ ۋاقىتتىكى تەجرىبە ماتىرىيالى سۈيدۈك، ئېنگىلىزچىدە ...


ھازىر دىھقانلار ئىشلىتىۋاتقان ئۇرىيە(دىھقانلار ئاق ئوغۇت دەپ ئاتايدۇ)،46%ئازوت تەركىبى بار بولغان ئاق دانچە سىمان ئوغۇت.بۇنى ئادەتتە زىرائەتتنىڭ كۆكىگە ئىشلىتىدۇ،يەنى زىرائەتنى سۇغارغاندا ئىشلىتىدۇ.

يەنە بىرى  خىميىۋې ئۆغۇت (دىھقانلار قارا ئوغۇت دەپ ئاتايدۇ) تەركىبىدە ئاساسەن پوسپۇر،كالى،ئازوت،  بار، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-4 03:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1866
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13299
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 05:27:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 11:00:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dostum. يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 03:17 PM
قوشۇمچە:
ئىنگىلىزچىدىكى ph بۆلىكىنى بىز كۆپىنچە «پ» ئەم ...

مەنمۇ شۇنداق قىلغان ئىدىم. خلورپلاست دەيدىغان بولغاچقا، خىلورفىل دىمەي تەبىئىيلا خىلورپىل دەپ ئېغىزىمغا كەپ قاپتۇ، تۈزىتىپ قوياي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 02:31:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنىڭ باش قىسمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭلار. باشقۇرغۇچىلار ئىمكانىيەت بولسا بۇ مەزمۇنلارنى باش تىمىغا قوشۇپ قويساڭلار سىلەردىن مەمنۇن بولاتتىم.  

1600-يىلدىن بۇرۇن

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 520-يىللار:
كروتونلۇق ئالكمايون ۋىنا تومۇرى بىلەن ئارتېرىيە تومۇرىنى پەرقلەندۈرگەن ۋە كۆرۈش نېرۋىسىنى بايقىغان.
ئىزاھات: ۋىنا تومۇرى بەدەندىكى ئەزالاردىن ئوكسىگېنسىز (شۇڭا يېشىل رەڭدە) قاننى يۈرەككە قايتۇرۇپ كەلگۈچى تۆۋەن بېسىملىق تومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. ئارتېرىيە تومۇرى بولسا ئۆپكىدە ئوكسىگىنلىنىپ يۈرەككە قايتىپ يۈرەك كلاپانى ئارقىلىق يۇقىرى بېسىمدا بەدەندىكى ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان تومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450-يىللار:
سۇشرۇتا ئۆزىنىڭ «سۇشرۇتا سامھىتا» ناملىق ئەسىرىنى يىرىپ 120 خىلدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە سايمانلىرىنى ۋە 300 خىلدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە مەشغۇلاتلىرىنى تەسۋىرلىگەن، ئىنسانلار ئوپېراتسىيىسىنى 8 چوڭ كاتوگورىيەگە بۆلگەن ۋە ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى يېڭىدىن بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئىزاھات: «سۇشرۇتا سامھىنا» ناھايتى مەشھۇر تىببى ئىلىم كىتابى بولۇپ، ھىندىستان ئەنئەنىۋى تىبابىتىنىڭ ئاساسلىرى بولغان ئۈچ چوڭ كىتابنىڭ بىرى. بۇ كىتاب بىر قانچە قېتىم باشقا دوختۇرلار تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي سانسىكرىت يېزىقىدىكى نۇسخىسىدىمۇ تەھرىرلەنگەنلىكى ئېنىق خاتىرلەنگەن.

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 450-يىللار:
زېنوفىنىز تاشقا ئايلانغان جىسىملارنى تەكشۈرۈپ ھاياتلىقنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى پەرىزىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ئىزاھات: زېنوفىنىزنىڭ قاراشلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، ئۇ شېئىرلىرىدا گرىك ئىلاھلىرىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ 25 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كىيىنكى 67 يىللىق ئۆمرىنى پۈتكۈل گرىك دۇنياسىدا سەپەر قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامى شېئىرلىرى بىلەن ساقلىنىدۇ ۋە گرىك ناخشىلىرى ئۆلمىگۈچە مەڭگۈ كىشىلەر قەلبىدە ياد ئېتىلىدۇ، دەپ قارالغان.

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 350-يىللار:
ئارىستوتېل ھايۋاناتلارنى ئومۇميۈزلۈك كلاسسىفىكيەلەش (تۈرلەرگە بۆلۈش) كە ئۇرۇنغان ۋە «ئومۇمىي ھايۋاناتلار بىئولوگىيىسى»، «ھايۋاناتلار سېلىشتۇرما ئاناتومىيىسى ۋە فىزىئولوگىيىسى»، «يېتىلىش بىئولوگىيىسى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ چىققان.

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار:
تىئوفىراستۇس بوتانىكا (ئۆسۈملۈكشۇناسلىق) نى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشنى باشلىغان.
ئىزاھات: تىئوفىراستۇس ئارىستوتېلنىڭ ۋارىسى بولۇپ، پلاتوننىڭ ئافىنادىكى مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇ بوتانىكا ئۈستىدە ئىلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە يازغان كىتابلىرى سەۋەبىدىن «بوتانىكا ئاتىسى» دەپ ئاتالغان.

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار:
ھىروفىلۇس تۇنجى قىتىم ئادەمنى ئوپېراتسىيە قىلغان.
ئىزاھات: ھىروفىلوس قەدىمىي گرېتسىيەدىكى «ئالىكساندىرىيە مېدىتسىنا مەكتىپى» نىڭ ئاساسچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ يازغان 9 پارچە ئەسىرىنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتكەن، لېكىن ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن «دۇنيادىكى تۇنجى ئاناتومىك» دەپ ئاتالغان.

تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 300-يىللار:
دىئوكلىس ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمىي ئاناتومىيە دەرسلىك كىتابىنى تۈزگەن ھەم تارىختا ئاناتومىيە دېگەن سۆزنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەتكەن.

تەخمىنەن مىلادىدىن كىينكى 50-70 يىللار:
رېم ئىمپىرىيسىدە ياشىغان ئېلدىر ۋە پلىني (ئېلدىرنىڭ جىيەنى) 37 توملۇق «تەبىئەتشۇناسلىق تارىخى» نى نەشىر قىلدۇرغان.

130-200: كلاۋدىئۇس گالېن سانسىزلىغان ئىنسان ئاناتومىيىسى ۋە مېدىتسىنادا ئائىت كىتابلارنى نەشىر قىلغان.
ئىزاھات: كلاۋدىئۇس ئەمەلىيەتتە گرىك مىللىتىدىن بولغان رىملىق ئالىم بولۇپ، ئۇ ئاناتومىيە، پاتولوگىيە (كېسەل كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن)، فىزىئولوگىيە، دورىگەرلىك ۋە نېرۋولوگىيەگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، قەدىمكى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم دەپ تەرىپلىنىدۇ.

800: بەسىرەلىك ئەل جاھىز (ئەبۇ ئوسمان ئەمىر ئىبنى بەھىر ئەل قىنانى ئەل بەسرى) تۇنجى بولۇپ «ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش» نى ئوتتۇرىغا قويغان، تۇنجى بولۇپ «ئوزۇقلۇق زەنجىرى» ئۇقۇمىنى كىرگۈزگەن ۋە «مۇھىتنىڭ بەلگىلىشى نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قاراشلىرى «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى» گە دەسلەپكى ئاساسنى تىكلىگەن.

850:  ئەل دىناۋارى (ئەبۇ ھەنىفە ئەھمەد ئىبنى داۋۇت دىناۋارى) « كىتاب ئەل نابەت، ئۆسۈملۈكلەر كىتابى» نى يېزىپ ئەرەب بوتانىكىسنىڭ پېشۋاسى دەپ قارالغان بولۇپ، ئۇ كىتابىدا 687 ئۆسۈملۈك تۈرىنى تەسۋىرلىگەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈنۈشىدىن باشلاپ ئۆلۈشىگىچە بولغان تەرەققىيات جەريانلىرىنى مۇلاھىزە قىلغان ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ھەر قايسى جەريانلىرى، گۈل ۋە مېۋىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

900: رازى(مۇھەممەد ئىبن زەكىرىيە رازى) (865-925) چېچەكنى قىزىل كېسەلدىن پەرقلەندۈرگەن ھەم ئۆزىنىڭ كېسەل داۋالاش جەريانىدىكى تەجىرىبىلىرىنى، كېسەللىك ئارخىپلىرىنى تەپسىلىي خاتىرلەپ قالدۇرغان. ئۇ يەنە ئىسپىرت ۋە كېرسىننىمۇ تۇنجى بولۇپ بايقىغان خىمىك بولۇپ پارسلار ئۇنى پارىس دەپ قارايدۇ.

1010: ئىبن سىنا (ئەبۇ ئەلى ئەل ھۈسەيىن ئىبن ئابدۇللا ئىبن سىنا) دۇنياغا مەشھۇر «كىتاب ئەل-قانۇن فى ئەل-تىبابەت، تىبابەت قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، كىلىنىكىلىق سىناقلار ۋە كىلىنىكىلىق دورىگەرلىكنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابى ياۋروپادا 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئەڭ نوپۇزلۇق تىبابەت قامۇسى ھېسابلىنىپ بارلىق تىببىي مەكتەپلەردە ئەڭ ئاساسلىق دەرسىلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. ئىبن سىنا تىبابەت تارىخىدا ئەڭ ئۆچمەس ئالىم بولۇپلا قالماستىن ئىلمى نۇجۇم، مۇزىكا، پەلسەپە، پىسخىكا، شېئىرىيەت، تىئولوگىيە، فىزىكا، ماتىماتىكا ۋە لوگىكا قاتارلىق پەنلەرنىڭ يىتۈك پىشۋاسى ھېسابلىنىدۇ.
ئىزاھات: ئۇنىمۇ پارسلار پارىس ئالىمى دەپ ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان تالاش-تارتىشلارنىڭ بارلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەلۋەتتە.

1150: ئىبن زۇھۇر ئوپېراتسىيە ۋە ھايات ھايۋانلاردىن ئەۋرىشكە ئىلىشىنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، تېرە كېسىلى بولغان قىچىشقاق كېسىلىنىڭ پارازىت قۇرتلار تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى «مىزاج» نەزەرىيىسىگە مەھكەم يېپىشىپ تۇرغان زامانىسىدىكى تېۋىپلارنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ

1150: ئىبن زۇھۇر (ئابدۇ مەرۋان ئابد ئەل مالىك ئىبن زۇھۇر) ئوپراتسىيە ۋە ھايات ھايۋانلاردىن ئەۋرىشكە ئىلىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ، تېرە كېسىلى بولغان قىچىشقاق كېسىلىنىڭ پارازىت قۇرتلار تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ بۇ بايقىشى «مىزاج» نەزەرىيسىگە مەھكەم يىپىشىپ تۇرغان زامانىسىدىكى تىۋىپلارنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىنسانلارنى ئوپراتسىيە قىلىشتىن بۇرۇن ھايۋانلارنى سىناق قىلىشنى قوللانغان ئالىمدۇر.

1200: ئەبد ئەل لەتىف (مۇۋەففەق ئەل دىن مۇھەممەد ئەبد ئەل لەتىف ئەل يۈسۈف ئەل باغدادى،ياكى ئابدال لەتىف ئەل باغدادى دەپ تونۇلغان) مىسىردىكى چوڭ ئاچارچىلىق ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان سۆڭەكلەرنى كۆزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ كلاۋدىئۇس گالېننىڭ جاۋغاي سۆڭىكى ۋە توققۇزكۆزنىڭ تۈزۈلۈشىنى خاتا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايقىغان.

1200: ئاندالۇسلۇق ئەرەب بىئولوگى ئەبۇ ئەل ئابباس ئەل نەباتى سانلىق مەلۇمات ۋە تەجىرىبە تېخنىكىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ بوتانىكىنىڭ دەسلەپكى ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. تىببىي ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئايرىش ۋە تەسۋىرلەشنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ ئاللىقاچان سىناقتىن ئۆتكەن كۆزىتىشلەرنى سىناقتىن ئۆتمىگەنلىرىدىن ئايرىپ چىقىدۇ.

1225: ئىبن ئەل بايتار (ئىبن ئەل بايتار ئەل مالاقى ئەل دىن ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللا ئىبن ئەھمەد) ئەل نەباتىنىڭ شاگرىتى بولۇپ «كىتاب ئەل جامى فى ئەل ئەدۋىيە ئەل مىفرادا» نى يىزىپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا 1400 دىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك، يىمەكلىك ۋە دورىلارنى تەسۋىرلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 300 خىلى ئۇنىڭ ئۆزى تۇنجى بايقىغانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كىينكى مەزگىللەردە ئۇنىڭ بۇ كىتابىنىڭ لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسى 18-19 ئەسىرلەردە ياۋروپا بىئولوگلىرى ۋە دورىگەرلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىلىدۇ.

1242: ئىبن ئەل نەفىس (ئەلا ئەل ئەبۇ ئەل ھۈسەن ئەلى ئىبن ئەبى ھازىم ئەل قارشى ئەل دىمەشقى) «ئىبن سىنا قانۇنىدىكى ئاناتومىيەگە باھا» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىدۇ. ئۇ بۇ كىتابتا «ئۆپكە قان ئايلىنىشى» ۋە «يۈرەك قان ئايلىنىشى» نى بايقاپ ھازىرقى زامان قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا ئۇل سالىدۇ.
ئىزاھات: ھازىرقى بىز دەۋاتقان قان ئايلىنىش سىستىمىسى ۋىنادىن يۈرەككە قايتقان ئوكسىگېنسىز قاننىڭ يۈرەك ئوڭ دالانچىسىدىن يۈرەك ئوك  قېرىنچىسىغا بىرىپ ئاندىن ئۆپكىگە ئۆتۈپ ئۆپكىدە ئوكىسىگېنلانغاندىن كىين يۈرەك سول دالانچىسىغا قايتىپ، ئۇ يەردىن يۈرەك سول قېرىنچىسى ئارقىلىق يۈرەك كلاپانىغا قۇيۇلۇپ ئاندىن يۇقىرى بېسىمدا ئارتېرىيە تومۇرلىرى ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا يەتكۈزۈلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

1543: گوللاندىيەلىك ئاندېرىس ۋېسالىيۇس «ئادەم بەدىىنىنڭ ئاناتومىيلىك تۈزۈلۈشى» ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىدۇ.


1600-1699 يىللار
1620-يىللار ئەتراپى: جەن باپتېست ۋان ھولمېنت ئۇنىڭ داڭلىق دەرەخ تەجىرىبىسى ئارقىلىق دەرەخنىڭ سۇدىن كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان ھەم فوتوسىنتېزنىڭ بايقىلىشىغا ئاساس سالغان. ئۇ ھەم «گاز» دىگەن سۆزنى ئىجاد قىلغان خىمىك.
ئىزاھات: ئۇنىڭ تەجىرىبىسى مۇنداق: ئۇ بىر دەرەخنى ئوخشاش مىقداردىكى تۇپراقتا ئۆستۈرۈپ ئۇدا بەش يىل كۆزەتكەن. ئۇ دەرەخ بەش يىلدا ئېغىرلىقى جەمئىي 74 كىلوگرام ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا تۇپراقنىڭ مىقدارى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن، لىكىن بۇ سان دەل ئۇ بەش يىل جەريانىدا دەرەخكە قۇيغان سۇنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئۇ دەرەخ سۇدىن ئۆسىدۇ، دىگەن يەكۈننى چىقارغان.

1628: ۋىللىيام خارۋېي «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قېنىنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدە ئانوتومىيلىك تەجىرىبىلەر» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان.

1651:  ۋىللىيام خارۋېي سۈت ئەمگۈچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھايۋانلار تۇخۇمدىن يىتىلىدۇ ھەم ھەر قانداق ھايۋاننىڭ تۇپراقتىن ياكى باشقا ئاجراتىمىلاردىن ئۆزلۈكىدىن كۆپيىىشى مۇمكىن ئەمەس، دىگەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

1658: جەن سۋاممېردام قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىنى كۆزىتىدۇ.

1663: روبېرت خوك مېكروسكوپتا پۇرۇپكىدىكى ھۆجەيرىلەرنى كۆرىدۇ.

1668: فىرانسېسكو رېدى ئۆزلۈكىدىن كۆپيىش نەزەرىيىسىنى تەجىرىبە ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ. ئۇ چېۋىن لىچىنكىسىنىڭ پەقەت ئىچىدە گۈش بار قۇتىنىڭ ئېغىزى ئوچۇق بولسا ئاندى گۆشنىڭ ئۈستىدە پەيدا بولىدىغانلىقىنى، لىكىن قۇتىنىڭ ئېغىزى ئېتىلگەن بولسا ھەرگىزمۇ چېۋىن لىچىنكىسىنىڭ پەيدا بولمايدىغانلىقىنى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ.

1672: مارسېللو مالپگى چۈجىنىڭ قانداق يىتىلىدىغانلىقىنى، مۇسكۇللارنىڭ قانداق پەيدا بولىدىغانلىقى، قان-ئايلىنىش ۋە مېڭە شسىستىمىسىنىڭ قانداق بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

1676: ئانتون ۋان لىيۇۋېنخوك پروتوزا (يەككە ھۆجەيرىلىك جانلىقلار) نى كۆزىتىدۇ ۋە ئۇلارنى animolecules دەپ ئاتايدۇ.

1677: ئانتون ۋان لىيۇۋېنخوك ئىسپىرمانى كۆزىتىدۇ.

1683: ئانتون ۋان لىيۇۋېنخوك باكتېرىيەنى كۆزىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ كۆزىتىشلىرى مىكرو جانلىقلارنىڭمۇ ئۆزلۈكىدىن پەيدا بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1062
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13245
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5706 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 10:23:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز.رەخمەت سىزگە!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش