|
|
|
|
بىرازىلىيە
The Federative Republic of Brasil
قىزىل سەندەل دۆلىتى بىرازىلىيىنىڭ تولۇق نامى <بىرازىلىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى > بۇلۇپ،جەنۇبىي ئامىرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.نامى شۇ جايدىن چىقىدىغان بىر خىل <برازىل> دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل سەندەل دەرىخىنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان .بىرازىلىيە ئەسلى ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ ،1500-يىلى 4-ئاينىڭ22-كۈنى پورتۇگالىيىلىك پېترو ئارۋالى كابلېر دېڭىز سەپىرىدە جەنۇبىي ئامىرىكىغا كېلىپ،بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان ۋە پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ گىربى ئويۇلغان بىر كىرىستنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇ يەرگە < مۇقەددەس كىرىست يېرى> دەپ نام قويغان،شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇنى پورتوگالىيىنىڭ تەۋەلىكى دەپ ئېلان قىلغان،كىيىن ئۇلار بۇ جاينىڭ ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ بىر قىسمى،يەنى بۈگۈنكى بىرازىلىيە قىرغاقلىرى ئىكەنلىكىنى ئاندىن بايقىغان. ئەينى چاغدا پورتوگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئالتۇن ئىزدەپ كەلگەن بولۇپ،ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن بىر خىل ئەتىۋارلىق ياغاچ ماتىرىيالىنى بايقاپ قالغان.چۈنكى بۇخىل ماتىرىيالدىن ئاز ئۇچرايدىغان بوياق ماتىرىيالى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولغاچقا ،ئۇنىڭ نامى پۇتكۈل ياۋروپادا مەشھۇر بولغان. بۇ خىل نامسىز دەرەخ قىزىل سەندەل دەرىخىگە ئوخشىغاچقا ،ئۇنىڭغا< برازىل >دەپ نام قويۇلغان . پورتۇگال تىلىدا برازىلنىڭ مەنىسى قىزىل سەندەل دەرىخى بولۇپ،<ئوتتەك ئىسسىق>سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن .چۈنكى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ قۇرۇقلۇقنى تالان-تاراج قىلىشنى قىزىل سەندەل دەرىخىنى كىسىشتىن باشلىغان بولغاچقا،برازىل سۆزى <مۇقەددەس كىرىست يېرى> نامىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي بېسىپ ھازىرقى دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن ،بىرازىلىيە 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان،1822-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن <بىرازىلىيە ئىمپىرىيىسى>نى قۇرغان ؛ 1889-يىلى 11-ئاينىڭ15-كۈنى ئىمپىرىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، فىدىراتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان؛1891-يىلى <بىرازىلىيە قوشما شىتاتلىرى>قۇرۇلۇپ،1969-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يەنە بىر قېتىم <بىرازىلىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئېلان قىلغان.
بىرازىلىيىنىڭ يەر مەيدانى 8.511965 مىليون كۋادرات كلومېتىر ،ئاھالىسى 158مىليون ،ئاق تەنلىكلەر %62نى ،شالغۇت نەسىللىكلەر %30نى ،ساپ نېگىرلار %6 نى ئىگىلەيدۇ .%90ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .پورتۇگال تىلى ھۆكىمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ .پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرى،پۇل بىرلىكى بىرازىلىيە كرۇزېيروسى.
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ
|
|
|
|
|
|