hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 06:57 PM
چەكسىز كائىناتتا بىز كۆرمىگەن قانداق دۇنيالار بار ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر-ھېكمەت تورداش ، مەن سىزنىڭ چەكسىز ئالەم توغرىسىدىكى قىزىقىشىڭىزغا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :
ئادەتتىكى قاراش بويىچە ئېيتقاندا ، يەرشارىدىكى بىز تۇرىۋاتقان يۆلىنىش قۇياشقا كەينى تەرىپى بولغاندا ، كۈن نۇرى چۈشمىگەنلىكتىن تۈنگە كىرىدۇ . ئەمما يۇلتۇزلارنىڭ تارقىلىشى تەكشى ۋە ئالەم چەكسىز بولسا ، ھەربىر يۇلتۇزدىن يەرشارىغا چۈشكەن يورۇقلۇق بىلەن شۇ يۇلتۇزنىڭ يەرشارى بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ كىۋادىراتى تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ . لىكىن ئارلىقى يىراق بولغان يۇلتۇزلارنىڭ سانى شۇ جايدىن ئۆتكەن يەرشارىنىڭ يۈزى بىلەن ئوڭ تاناسىپ يەنى ئارلىقنىڭ كىۋادىراتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ئۆز ئارا يۇيىشىپ كېتىدۇ . دىمەك شۇنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىكى ، چەكسىز يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلىقى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئالەمنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىنىمۇ يورىتىۋېتىدۇ .
يەرشارىدا كۆرگەن كېچىلىك ئاسمان قاراڭغۇ بولسا ، ئالەمنى چەكسىز چوڭ دىگىلى بولمايدۇ .
ئالەمنىڭ ئىسسىقتىن تىنجىشى ئۈزلۈكسىز ھەركەت قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئالەم ئۆمرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئەگەر ئىسسىقلىق تىنجىشى بولمىغان ئالەمنىڭ چەكسىز يىراق كىلەچىكى بولمىسا ، ئۇنىڭ چەكسىز يىراقلاپ كەتكەن ئۆتمىشىمۇ بولماسلىقى كېرەك . ئالەمنىڭ بىر باشلىنىشى بولغاندىلا ئۇنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ .
ھازىرقى زامان ئاستىرونومىيە ئىلمى