alkabir يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 04:52 PM
ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى ئاللاھ ئوزى بىلىدۇ .
ئاللا ئۆز قۇدىرىتى ئىلاھىيىسىنى بىزگە يەنى بىز مەنىۋىيەت دەپ ئاتايدىغان ئالەملەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بىزنى ياراتتى. ئۇنى بىلمەي ياكى بىلىشنى خالىماي (ئاللا ئۆزى بىلىدۇ) دەپ بۇ ئىلاھى ئېھسان، مۇقەددەس ئىمكاننى ئاللاغا قايتۇرىۋەتسەك بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. ئەقىل-پاراسەت، ئاڭ - ئىدراكتىن ئىبارەت بۇ ئىلاھى ئىنئام، ئۇلۇغ مەرھەمەت ئىككى دۇنيا سائادىتىمىزنىڭ ئاساسىدۇر. مەنىۋىيەت-ئالەملەر بىلەن ئۇنىڭغا ۋاستە قىلىنغان ماددىيەت ئالىمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدىغان ئىلىم دىندۇر. كۆزىمىزنى قاماشتۇرىۋاتقان ئىشبۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار سېستىمىسىدىن تاكى ۋۇجۇدىمىزدىكى پىروتون-نېتىرون، كۇۋارىكلارغىچە بولغان ماددى ئالەم يوقلۇقنىڭ قارىشى تەرىپى بولغان بارلىق ھالىتىدىدۇر. بارلىق ئۆزىنىڭ كېلىش تەرىپى بولغان قارشى تەرىپىگە قايتقاندا يوق بولىدۇ. پەقەت بىزنىڭ ھەقىقى ئۆزىمىز بولغان، ماددىيەتكە تەۋە بولمىغان روھ مەڭگۈلۈك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىلاھنىڭ مۇقەددەس ئىرادىسىدۇر.
روھنىڭ يەنى ھەقىقى ئۆزىمىزنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ھالىتىمىزنى بىزگە كونكىرىت بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاللا تائالا كالامۇللادا بىزگە پەرىشتىلەردىن ئىبارەت بەندىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
سىتفىن خوكىڭنىڭ(چوڭ پارتىلاشتىن يەنى ئالەم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇ ئاتومنىڭ ئەڭ كىچىك قۇرۇلمىسىدىنمۇ كىچىك ھالەتتە ئىدى) دىگەن گەپلىرىنى ئاللاتائالانىڭ (كۈنفەيەكۈن) دىگەن سۆزى-ئايىتىگە ئىلھام ئېلىپ چۈشىنىدىغان قانچىلىك مۇسۇلمان باردۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
ئىنسانلار بەخىتكە شۇ قەدەر ئىنتىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقىقى بەخىتنى تونىيالماي ئۆتۈپ كېتىدۇ.
(تەۋھىد رىسالىسى)نى تەۋسىيە قىلاي قېرىنداشلار، پىكىر ھورۇنلىقىنى يېڭىپ تۇرۇپ، ئالدىرىماي، تەپسىلى بىر ئوقۇپ-ئۈگۈنۈپ بېقىڭلار. ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ بارلىق ھالى پەقەت مۇھەببەت بىلەنلا بولىدۇ. بۇ تەۋسىيەرىم ھەم شۇ مۇھەببەت بىلەندۇر. لۇتفەن.
http://bbs.anatuprak.com/read.ph ... page=1&toread=1#tpc بۇ يازمىنى ئاخىرىدا altumari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-4 09:35 PM