مىنىڭچە سۇمايدا مايلىغىنىڭىز توغرا بولماپتۇ . خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىنىڭ يۇغۇرۇش ساندۇقى خۇددى توك قازىنى( گۈرۈچ دۈملەيدىغان)غا ئوخشايدۇ . ھەرگىزمۇ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىدا ياكى داتلاشماس پۇلات يۇغۇچتا يۇيۇشقا قەتئى بولمايدۇ . ئۇنداق قىلغاندا خېمىر يۇغارغاندا ياكى بولكا پىشۇرغاندا يېپىشىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ . مىنىڭچە سىز ئىچىنى پاكىزرەك يۇيۇپ دۈپ كۆمتۈرۈپ قۇرۇتۇپ قۇيۇڭ . بىر نەچچە قېتىم خېمىر يۇغۇرسىڭىز ئوڭشىلىپ قالىدۇ .
بەزى قېرىنداشلىرىمىز ماشىنىدا خېمىر يۇغۇرغاننى تەنقىد قىلىپتۇ . بىز ئاياللارنى بەك ئاپتۇماتلىشىپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالماڭلار قېرىنداشلىرىم ، ھايات قەدىرلىك ھەم قىسقا . شۇڭا ئامال بار ئۆزىمىزنى ئاسراپ ، ئىقتىسادىمىز يار بەرگەن ئاساستا مۇشۇنداق ماشىنىلاردىن پايدىلانساق ياخشى دەپ قارايمەن .
تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان نەۋرە سىڭلىم ئۆتكەن يىلى يۇرتقا كەلگەندە ، تۈركىيە ئاياللىرىنىڭ ئاشخانا جاندۇقلىرى ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئاساسى ھەجەتتىن ئاپتۇماتلاشقانلىقىنى ، شىنجاڭدىكى ئاياللارنىڭ بەك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى دەپ كەتتى . ئۇ ھەتتا مىنى قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلدى . مەن سىڭلىمنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ قارىمىساممۇ ، ھەمدە شۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ بۇلالمىساممۇ يەنىلا شارائىتىمىزغا قارىتا ئىشلىتىشنى زۆرۆر دەپ قارايمەن .
خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسى ئىشلىتىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىزنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىنىمۇ ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . لەغمەننىڭ خېمىرىنى بەك ياخشى يۇغۇرىۋېتىدۇدە بۇ ماشىنا!