alvaste يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 10:40 AM
ئالتۇن مۇشۇنداق چۈشكىنى تۇرسا~~~~~تويلۇقتىنمۇ ئەنسىرمى ...
ۋاي ئالتۇننىڭ ئۆرلىشى بىلەن چۈششى تويلۇق مەسىلىگە قىلچە پايدىسى يوق .
قىز-ئاياللار ھازىر تولا مۇنبەر كۆرۈپ بەك قاقۋاشلىشىپ كەتتى . شۇڭلاشقا بۇلار ھازىر تويلۇققا ئالتۇن ئەمەس پۇل سالىدۇ پۇل.
مەسىلەن سىز مۇشۇ يىلنىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 325 يۈۋەن ۋاقتىدا قىز سىزگە 15000 يۈۋەن تويلۇق پۇل سالدى . بۇ توي ئىشىڭىز مەلۇم ئىشلار بىلەن بۇزلۇپ كىتىپ ياخشى بىر قىزنى تىپىپ بولغۇچە كۈز پەسلى بولۇپ قالدى ، توساتتىن ئويلىمىغان يەردىن ئەتىياز پەسلىدىكى ھەر گىرامى 325 يۈۋەنلىك ئالتۇن كۈز پەسلىگە كەلگەندە 165 يۈۋەنگە چۈشۈپ قالدى
قارىماققا بۇ ئىش شۇنداق بىر ياخشى كۆرىنىدۇ . بىراق قىز تەرەپ سىز-بىزگە ئالتۇن سالماستىن بەلكى پۇل سالىدۇدە !!!
مەسىلەن سىزگە قىز تەرەپ ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 325 يۈۋەن ۋاقتىمۇ 15000 يۈۋەن تويلۇق پۇل سالسا ، ئالتۇننىڭ ھەر گىرامى 165 يۈۋەنگە چۈشكەندە قىز سىزگە يەنە 15000 يۈۋەن تويلۇق پۇل سالسا ئويلاپ بىقىڭە پەرقى بارمىكەن .
بەرىبىر شۇ ئوخشاش قىمەتتىكى 15000 يۈۋەن پۇل قىز تەرەپكە كەتتى قايتىپ كەلمەيدۇ ئەلۋىدا
پەرىق بار دىيىلسە قىزغا پەرقى بار . 15000 يۈۋەن تويلۇق ئالغان قىز ئالتۇننىڭ ئەرزان ۋاقتىدا كۆڭۈلدىكدەك ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تولۇق ئالايدۇ .
بىزلەرمۇ ئەمدى كاللا ئىشلەتمسىەك بولمايدىغان يەرگە كەپتۇ جۇمۇ . قىزلارغا تويلۇق ئەمەس ئالتۇننىڭ مەلۇم مىقتاردىكى ئىغىرلىق ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ ئالتۇن ئىلىش لايھەسىنى تۈزسەك بولغۇدەك .