ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 05:29 PM
مەنچە بۇنداق بۇلشى ناتايىن ... ئىقتىساد ئىلمىدە ئالتۇن ...
ئامېرىكا دۆلىتىمزىنى ئاشلىق بىلەن باپلاشنى 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا باشلىۋەتكەنكەن. قايسى يىلى ئامېىرىكا دۆلىتىمزىدىن 2 مىلىيارىت ئامېرىكا دوللىرىغا بارابەر قەرىز ئىلىش ئىلىتىماسىنى سۇنغان . دۆلىتىمىز ئامېرىكىدەك كاتتا بايۋەتچىنىڭ ئۆزلىرىدەك بىر گادايدىن قەرىز ئىلىش ئىشىغا ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۇپ دەرھال ئامېرىكىغا 2 مىلىيارىت دوللار قەرىز بەرگەن . ئامېرىكا بۇ پۇلنى ئىلىپ قايتۇردىغان قەرەلى توشقاندا دۆلىتىمىزگە نەق پۇل بەرگىلى ئۇنماي ئارقىغا سۆرەپ دۆلىتىمىز بۇ پۇلنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاندا ئامېرىكاھۆكۇمىتى بۇ پۇلنىڭ مەلۇم قسىمىنى بىرىپ قالغىنغىا ئاشلىق يەنى گۈرۈچ بەرگەن دۆلىتىمىز مەيلى گۈرۈچ مەيلى خاڭگا بولسۇن بۇ پۇلنىڭ قىممىتىدە نەرسە ئالاىغانغا خۇش بولۇپ بۇ گۈرۈچلەرنى قەرىز پۇلنىڭ ئورنىغا قوبۇل قىلغان . ھەممە ئىش مۇشۇ ئەبلەخ گۈرۈچتىن باشلانغان ئەسلىدە بۇ گۈرۈچلەر ئاللىقاچان بېئوگىن تېخنىكىسى قوللىنىپ ئادەم بولۇپمۇ كىچىك بوۋاقلارنىڭ ئىچكى ئورگانىمزىغا ئىغىر دەخلى قىلدىغان ماددىلار بىرىكتۇرۋىتىلگەن بولغاچقا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ھەر يىللىق پىلانلىق تۇغۇت كۆرسەتكۈچىدە سالامەت تۇغۇلدىغان بوۋاقلارنىڭ تىرىك تۇغۇلۇش نىسپىتى ھەر يىلى قەرەلىك چۈشۈپ كەتكەن .
بۇ گۈرۈچلەر بىۋاستە ئېستىمال قىلىنشتى باشقا زىيانلىق تەرەپلىرى بايقالغان ۋاقىتقۇچە ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ داڭلىق سورتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچى دەپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى گۈرۈچ ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق رايۇنلىرىدىكى ئىتىزلارغا تىرىلىپ كەڭ دائىردە ئومۇملىشىپ كەتكەن .
مانا بۇ بارلىق دۆلەتلەر بارابەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ يەر شارىدىكى ھەربىي-كۈچ ئىقتىداردىكى كۈچلۈك بولغان سۈپىتى بىلەنمۇ دۆلىتىمىزدەك ئاجىز دۆلەتلەردىن ئالغان قەرىز پۇلنى ئالىجاناپلىق بىلەن ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ۋەدىگە ۋاپا قىلدىغان تەنناز ئامېرىكىنىڭ سىز ئوتتۇرغا قويغان نۇپۇسى كۆپ بولغلان دۆلىتىمزىنى ئاشلىق بىلەن جايلاش ئىستىتىراگىيسى .
بۇ بوۋاقلارنى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۆلتۇرۋەتسە ئەلۋەتتە سورىقى بولىدۇ . بىراق ئانىسىنىڭ قوسىقىدا بىتەرەپ قىلسا . بۇ ئانىلار دۆلىتىمىزدە بولغاچقا بارلىق خاتالىق دۆلىتىمىزگە ئارتىلدۇ .
جۇڭگۇ يىمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان نازارەتچىلىگىگە سەل قارىغانلىق سەۋەپتىن جۇڭگۇدىكى بوۋاقلارنىڭ ھاياتى ئىغىر تەھتىتكە دۈچ كەلدى . جۇڭگۇ بۇ مەسىلەگە قارىتا ئىنسان ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆسمۇر-بوۋاقلارنىڭ پەرۋىش مەسىلىگە قارىتا بەلگىلگەن نىزام ۋە كۆرسەتمىلەرگە قارىتا كەڭ دۇنيا جامەئەتچىلىگە قايىل قىلارلىق چۈشەندۇرۇش بىرىش كىرەك دىگەن قالپاقنى غوسسىدە كەيگۈزۈپ قويدۇ دە بىچارە دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئەستەغپۇرۇللاھ دەپ سىلاي دىسە بىز ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك ساقىلى بولمىغاچقا ، ئەييا ژىننىمادى مەيگورىن !!! دىگەنچە خۇڭتاسەن تاماكىدىن بىرنى چىكىپ ئولتۇرۇپ كىتىپ دۆلىتىمىزنىڭ يىرى كەڭ نۇپۇسى كۆپ ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ياپۇن باسقۇنچىللىرىىڭ زىيانكەشلىگى ۋە ھەر خىل ئىغىر كىسەللەر سەۋەبىدىن ھەر 500 بوۋاقنىڭ ئىچىدە 480 نەپەر بوۋاق تۇغۇلۇش جەرياندا ئۆلۇپ كىتتەتتى . يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلۇپ قىز-ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرى ھىمايە قىلنىش بىلەن بىرگە سەھيە-داۋالاش خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنگەچكە ھەر تۇغۇلغان 500 بوۋاقنىڭ ئىچىدە سالامەت تۇغۇلغان بوۋاق 480 نەپەر ،بۇنىڭ ئىچىدە 200 نەپىرى قوش كىزەك 50 نەپىرى ئۈچ كىزەك ، قازا قىلغىنى 20 نەپەر . ئامېرىكىنىڭ ھە دىسىلا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئېشلرىغا ئارلىشۋىلىشى، 5000 يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدىنىيەتكە ئىگە جۇڭخۇا پۇقرالىرىنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق ئازار بەرگەنلىك ۋە ئانا-باىلار ساغلاملىقىغا بولغان ئىىلپ بارغان شانلىق غايەت زور تىرىشچانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بىرىدىغان پاكىتنى بۇرمىلغانلىق دەپ باياناتنامىنى ئېلان قىشلقا باشلايدۇ .بىز ھوزۇرلۇپ ئولتۇراپ ئاڭلاپ كىتىمىز .