مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق:قانداق باھانىڭىز بار؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3699 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 08:18:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


پەنلەرنى كىلاسلارغا(تۇرلەرگە)ئايرىيدىغان مۇتەخەسىسلەر ئازبولمىغان ئەمگەكلەرنى قىلدى ۋە قىلماقتا.بۇ ساھادە مۇنداق ئىككى خىل مۇتەخەسىسنى ئۇچرىتىش مۇمكىن،بىرى،رىيال «فىزىكا» پائاليەتلىرنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى ئاساس قىلىپ «فىزىكا»غا ئېنىقلىما بىرىدۇ ۋە فىزىكىنىڭ مۇشۇ دائىرە-قېلىپ ئىچىدەچەكلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.يەنە بىرى «فىزىكا»نىڭ ئۇتمۇشى،بۇگۇنى ۋە كىلەچىگى نۇقتسىدا تۇرۇپ ئېنىقلىما بىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ يىڭى تەرەققىياتلىرىغا پۇرسەت قالدۇرۇدۇ.ئالدىنقىسىنىڭ «فىزىكا»سى تۇيۇق،ئىچىۋىتىلمىگەن بولىدۇ.كىيىنكىسىنىڭ «فىزىكا»سى بولسا ئىچىۋىتىلگەن بولىدۇ.ئالدىنقىسى ئۇزىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا مۇخالىپ ھەرقانداق يىڭلىقنى رەت قىلىدۇ.كىينكىسى مەيلى بۇ يىڭىلىقلار ئۇزىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە،پىرنسىپلىرىغا مۇخالىپ بولسىمۇ ــــــــــ لوگىكا ۋە تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە بولغان ھەر قانداق يىڭىلىقنى قوبۇل قىلىدۇ.ئالدىنقىسى «فىزىكا»نىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ، ۋە ھاياتى كۇچىنى بوغۇپ تاشلايدۇ،كىيىنكىسى «فىزىكا»نىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىدۇ ۋە ھاياتى كۆچ بەخىش ئىتىدۇ.ئالدىنقىسى كونسىرىۋاتىپ،قالاق،كىيىنكىسى ئىنقىلاۋى، ئىلغار بولىدۇ.ھالبۇكى بەزىلەرنىڭ نەزىرىدەئالدىنىقىسى مونۇپۇللوق ھوقوقىغا ئىگە«ئاساسى ئىقىم»دەپ قارىلىدۇ.مەن بۇيەردە مۇشۇ «كائىنات»تورىدا بىرەيلەنگە يىزىلغان ئىنكاسىمدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چاپلاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:
« تەبىئىي پەن تەتقىقاتىدا ئاللىقانداقتۇر«ئاساسىي ئىقىم تەرەپدارى» بولۇش تەشەببۇسى قىلىش، تىگى –تەكتىدىن ئالغاندا ساۋاتسىزلىقتۇر. بۇخىل تەشەببۇس پەقەت مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىتىش ئۇچۇنلا ئەھمىيەتلىك، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى تەتقىقاتچىلارمۇ «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارى بولسا ئىشنىڭ بوزۇلغىنى شۇ!. تەپەككۈرتارىخنىڭ ھەر-بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆز دەۋرىنىڭ «ئاساسىي ئېقىم»لىرى بولغان.ئىنسانىيەتنىڭ ئىلمىي گۇمانلىنىش ۋە ئىلمىي تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي پەرزەنتلىرى ئاتالمىش«ئاساسىي ئېقىم» ئالدىدا تىز پۇكمەي فىزىكىنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىنى ياراتتى. تاكى گالىلىيغىچە ئارىستۇتېلنىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرى، تاكى كوپىرنىككىچە پىتولمى ۋەسىقىلىرى «ئاساسىي ئېقىم»ئىدى. كوپىرنىك ۋە گالىلىلار ئۆز دەۋرىدە «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارلىرىنىڭ تىتىقسىزلىق ۋە دوق-ھەيۋە بىلەن تولغان ۋەز –نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تىز پۇككەن بولسا، قوياش مەركەز تەلىماتى ۋەبۈگۈنكى دەۋىر تەجىرىبە فىزىكىسى، ئىلغار نەزەرىيىۋى فىزىكا مىتودولوگىيىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. گالىلىينىڭ ئىدىيىۋى مىراسلىرىمۇ تاكى پىلانىك ۋە ئېينىشتېيىنگىچە «ئاساسىي ئېقىم»ئىدى. پىلانىك ۋە ئېينىشتېينلار گالىلىنى مەركەز قىلىپ شەكىللەنگەن «ئاساسىي ئېقىم»غا قانائەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈككەن بولسا، كىۋانت نەزەرىيىسى شۇنداقلا ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەرىيىسى دۇنياغا كەلمىگەن بولاتتى. فىزىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم»تەرەپدارلىرى بىلەن «ئاساسىي ئېقىم»غا قارىشى ئىجادىي تەپەككۈر جەڭچىلىرىنىڭ مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر. بۇ قان-ياش بىلەن تولغان ئۈزۈن تارىخى جەرياندا ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم» تەرەپدارلىرى ھامان ئىلىم-پەن دۇنياسىنىڭ پاسسىپ،كونسىرۋاتىپ قاتلىمىنى شەكىللەندۇردى ۋە ھەتتا بەزىدە ئىلىم-پەننىڭ راۋاجلىنىشىغا قارشى مەيداندا تۇرۇپ كەلدى. كۆرۇنۇپ تۇرۇپتۇكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر ساناپ تۈگەتكۈسىز ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ، ئىلىم-پەن دۇنياسىنىڭ ئىلغار،ئاۋانگارت قاتلىمىغا ۋەكىلىك قىلىپ تارىخنى بۈگۈنگە ئۇلىدى.

ئاتالمىش «ئاساسىي ئېقىم تەرەپدارلىرى» ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارغا تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەن بىلىملەرنى يەتكۈزۈشتە كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار نوقۇل ھالدا ئوقۇغۇچىلارغا تەييار بىلىملەرنى مىخانىك ھالدا يادلاتقۇزۇشنىلا بىلىپ بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئىزچىل، ئەڭ مۇقەددەس روھى __ ئىلمىي گۇمانلىنىش ۋە ئىلمىي ئىختىرا روھىنى يەتكۈزمىسە، بۇ ئوقۇتقۇچىلارخۇددى ئوتتۇرا ئەسىر مەدىرىسلىرىدىكى كونسىرىۋاتىپ   مۇدەررىسلەرگە  ئوخشاپ قالغان بولىدۇ.  بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق مۇدەررىسلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، ئۇلار «ئاساسىي ئېقىم تەرەپدارلىرى»دېگەن مۇھاپىزەت كۈنلىكىنىڭ ئاستىداتەبىئىي پەن تارىخىنى ئىغىزىدىن كۆپۈك قاينىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەمەننا قويغان ھالدا «قارى»لارچە يادلاپ بىرىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. ئۇلارنىڭ مەستىخۇشلۇقلىرى خۇددى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىلىم-پەن تارىخىنى تەجۋىتكە سىلىپ، ئىككى ياققا ئىغاڭلاپ تۇرۇپ مېخانىك يادلايدىغان «قارى»لارنى كۆپەيتىش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. دەل مانا مۇشۇنداق مۇدەررىسلەرنى ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ھەرقانداق پەيتىدە مونۇپولىيە قىلغۇچى سۈپىتىدە ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىران ئىدىيەلەرگە بولغان«سادىقلىق»لىرى ئۇلارغا ھىچقاچان زىيان ئىلىپ كەلمەيدۇ. ئەكىسچە، ئۇلارنى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن «تەلەيلىك»قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ «جان بىىقىش پەلسەپەسى» بىلەن «ئىلىم-پەن پەلسەپەسى»دىن ئىبارەت ئىككى پەلسەپەسى بولۇپ ،«ئىلىم-پەن پەلسەپەسى»ھامان «جان بىقىش پەلسەپەسى»گە خىزمەت قىلغان ۋە تىز پۈككەن بولىدۇ.  ئۇلار ھىچقاچان زىيان تارتقان ئەمەس!.

ئىلىم-پەن سىرلىقلاشتۇرۇش ۋە ئىلاھىيلاشتۇرۇش بىلەن سىغىشالمايدۇ. تارىخىتا ئۆتكەن ئىلىم-پەن نامايەندىلىرىنى مەبۇدقا ئايلاندۇرۋېلىشقا بولمايدۇ. دۇنياۋىي تۆت چوڭ دىننىڭ تۆت مۇقەددەس كىتاۋى ئىنسانىيەتنىڭ گۇمانلانماسلىقى ئۈچۈن يىتىپ ئاشىدۇ. قالغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى گۇمانلىنىش روھىنىڭ غەلۋىرىدە چوقۇم تاسقىلىشى كېرەك، بۇ تاسقاشقا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىرى ئەلۋەتتە، يېڭىلىنىدۇ!».

بۇيەردە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتمەكچىمەن:«ئاساسى ئېقىم تەرەپدارلىرى»دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۇزىمۇ ئىزچىل ئۇزگۇرۇش ئىچىدە تورۇۋاتقان ئۇقۇمدەك قىلىدۇ.شۇسى ئىنىق بولسۇنكى «ئاساسى ئىقىم تەرەپدارلىرى» مۇئەييەن ئورتاق ئىلمى مەقسەتلەردە ھەمكارلاشقۇچىلار كوللىكتىۋىدىن ئىبارەت.ئۇنى ھەرگىز ئىلىم-پەن تەتقىقاتىنىڭ مونۇپول تەشكىلاتى ، ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇلارلا شۇغۇللىنىشى كىرەك ،پەقەت شۇلاردىلا شۇنداق ھوقۇق بار دەۋىلىشقا بولمايدۇ.


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8439&extra=page%3D1



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-15 09:53 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش