qayan0999 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 07:44 PM
http://www.moonconnection.com/moon_phases_calendar.phtml
بىلىمخۇمار ئاكىمىز ئ ...
بۇنىڭدىكى ئاي كۆرۈلۈش ئەھۋالىغا قارىغاندا،10-ئىيۇل چارشەنبەدىن باشلاپ تۇتقىنىمىز توغرا بوپتۇ.9-ئىيۇل ئاي ئاسماندا تولۇق كۆرۈنمىگەن ئىكەن. ئىشقىلىپ، بۇنداق مەسىلىلەردە ئۆلچەملىك خەلقئارالىق بىرلىككە كەلگەن ئىسلام ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەكلىپ تەۋسىيەسى بويىچە ئىش قىلغىنىمىز ياخشى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىردا مەخسۇس مۇشۇ مەسىلىلەرنىلا تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن ئالىملار بار. ئۇلارمۇ قوڭىغا ئۇرۇپلا گەپ تاپمايدۇ-ئەلۋەتتە.
ئاينىڭ قايسى كۈنى چىقىپ قايسى كۈنى ئۆچىدىغانلىقى مۇتلەق ئېنىق توغرا بىلگىلى بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس. بۇ خۇددى 15 كۈندىن كېيىن ھاۋارايىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەخمىنەن بىلگەنگە ئوخشاش ئىش. شۇڭا سەئۇدى پەتىۋا ۋە دىن ئىشلىرى كومىتىتىمۇ رامىزاننىڭ كىرىشىنى ئاينى كۆزىتىپ بىر كۈن ياكى نەچچە سائەت قالغاندا ئېنىق جاكارلايدۇ. بىريىل بۇرۇن تۈزىۋلغان كالىندارنىڭ توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا بۇندىن كېيىنكى يىللاردا ئالدىرماي سالماقلىق بىلەن رامىزاننى كۈتىۋالايلى.خەلقئارالىق ئۇچۇر سېستىمىسى ۋە ئېنتېرنىت شۇنچىلىك قولايلىقلاشقان بۈگۈنكى كۈندە شۇلاردىن ياخشى پايدىلىنالىساق كۆپ پايدىغا ئېرىشىمىز.