kokboraa يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 09:12 PM
شۇنچىلىك يىراق نەرسىلەردىن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىز ...
سالامkokboraa ئۇكام،
ياخشىمۇسىز؟ ناسا بۈگۈندىن باشلاپ بىر مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدە، يەنى، 3013-يىلى ئىيۇل ئېيىدا، ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە بۇ يىل (يەنى 2013-يىلى) ئىيۇل ئېيى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاۋغۇست ئېيىدا ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭغا قارىساق، بۇ قېتىمقى يېڭى ئاي 9-ئىيۇل كۈنى چىقىپتۇ. كېلەر ئايدىكى يېڭى ئاي 8-ئاۋغۇست كۈنى چىقىدىكەن. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر سىز سورىسىڭىز، مەن قايسى يىلى قايسى ئاينىڭ قايسى كۈنى ئاي چىقىش ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى سىزگە دەپ بېرەلەيمەن. براق، سەھۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋە دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى مۇسۇلمانلار يېڭى ئاينى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگىچە، يېڭى ئاي چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن.
سىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەن يەر شارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولغاچقا (سىزگە تاڭ ئاتقاندا ماڭا قاراڭغۇ چۈشىدۇ)، سىز تۇرىۋاتقان يەردە 9-ئىيۇل كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولامدۇ، ياكى ھاۋا تۇتۇق بولامدۇ، مەن ئۇنى بىلەلمەيمەن. ئەگەر مەن «9-ئىيۇل كۈنى يېڭى ئاي چىقىدۇ» دېگەن بولسام، ئەمما سىز تۇرىۋاتقان يەردە ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، سىز ئۇ يېڭى ئاينى كۆرەلمەي قالغان بولسىڭىز، سىز ماڭا نېمە دېگەن بولغۇيتىڭىز؟
ئاينىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر ئاز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئەڭ يېقىن ئارىلىقى 363 مىڭ كىلومېتىر، ئەڭ يىراق ئارىلىقى بولسا 407 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەمما، بۇلۇتلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىگىزلىكى ئاران 11 كىلومېتىر كېلىدۇ. يەنى، يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، 11 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتسەك، بىز بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كېتىمىزدە، شۇنىڭ بىلەن ئاينى ھەر كۈنى كۆرەلەيمىز.
تۆۋەندىكى تور بېتىدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئاي چىقىش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز:
<
http://www.moonconnection.com/moon_phases_calendar.phtml>
بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر تەلىپىڭىز بولسا ماڭا تارتىنماي دەڭ. مەن تەلىپىڭىزنى «ئورۇنلۇق تەلەپكەن» دەپ قارىساملا، چوقۇم سىزنى رازى قىلىشقا تىرىشىمەن.
ئالدىنقى مۇناسىۋەتلىك تەما:
ناسا: كېيىنكى 2 كۈندە ئاي ئىنتايىن چوڭ كۆرىنىدۇ
<
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107660-1-1.html>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 09:24 AM