turantikin يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 11:22 PM
ئاق تەنلىكلەرنىڭ تەۋەككۇلچىلىك روھى ئۇلارنىڭ «يېڭى ...
ئىنكاسىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم. مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىداتەۋەككۈلچىلىك روھى بار دەپ قارايمەن. مەسلەن ئاددىيسى بىزنىڭ ئەنئەنۋى تەنھەركەت تۈرىمىز بولغان دارۋازلىق سەنئىتىنى مىسالغا ئالساق بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ھەممەيلەن ئېتراپ قىلىدۇ. مەن ئويلايمەن: بۇ خىل تەنتەربىيە شەكىلى ئۇيغۇرنىڭ تەۋەككۈلچى، قايىتماس روھىغا تىپىك ۋەكىللىك قىلايدۇ .ھەم بۇ كەسىپمۇ شۇغۇللانغۇچىلاردىن مۇشۇنى تەلەپ قىلىدۇ.1997-يىلى پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر سەنشىيا بۇغۇزىغا ئورنىتىلغان پولات سىم ئۈسىتىدە مېڭىپ جېننىس رىكورتىنى بۇزغاندا ھەممىز شۇنداق ھاياجاللانغان. ئۇزۇندىن بۇيان تۇنجۇقۇش ئىچىدە كۈمۈلۈپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دارۋازلىق سەنئىتى،ئۇيغۇرنىڭ تەۋەككۈلچىلىك، قەھىرمانلىق مىللىي روھى قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇغا كەلگەن ئىدۇق.
ئىسىمدىن چىقمايدىغان يەنە بىر ئىش: 10نەچچە يىلنىڭ يىلنىڭ ئالددىا ئەل سۆيگەن يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەينى يىللاردا زور تەسىز قوزغىغىغان ئەدەبىي ئاخباراتى «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام»دا ئوقۇغان مۇنداق بىر مەزمۇن ھازىرغىچە يادىمدا تۇرۇپتۇ: ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە: ياۋرۇپادىكى ئاساسلىق شەھەرلاردىكى ئايرۇپورىت،پورىت،ۋوگزال-بىكەتلىرىدە ئۇيغۇرباللىرى توپ-توپ بۇلۇپ سودا تىجارەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كېلۋاتقان بۇلۇپ بۇلاركۆپىنچىلىرىنىڭ مەدىنيەت سەۋيىسى تۆۋەن ھەتتا ساۋاتسىز بولسىمۇ ئۆز يۇرىتلىرىدىن قاڭقىپ چىقىپ ئاشۇ يەرلەرگەماكانلاشقاندىن كېيىن ناھايىتى تېزىلا شۇ يەرلەرنىڭ مۇھىتىغا ماسلىشىپ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ تۇغما ئەقىلىي قابىليتى بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى تېزلا ئۆگۈنۈپ سودا تىجارەتلىرىنى ئاقتۇرۇپ ياۋرۇپادا يېڭى يىپەك يوللىرىنى بەرپا قىلۋاتقانقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئاخىردا مەنىلىك قىلىپ ئەگەر ئاشۇلار ئۆز يۇرىتلىرىدا بولغان بولسا جاھان كۆرمىگەن بولسا ھازىرقىدەك شۇ باياشات كۈنلەرگە ئېرشەلەمتى ؟ دېگەن سۇئالىنى ئالدىمىزغا تاشلايدۇ. ھەرقېتىم مۇشۇ قۇرلارنى شۇنداق ھاياجانلىنىمەن .
قارىغاندا تەۋەككۈلچىلىك روھى بىزنىڭ قېنىمىزدا بار ئوخشايدۇ.
ئەمدى ئۈچىنچى بىر مەسلە: مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق بىر مەسلىگە دىققەت قىلىپ كېلۋاتىمەن. ئۇ بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن دوكتۇر-ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى چەتئەللەردىكى داڭلىق ئونۋېرىستېتلاردا ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ خەلىقئارادا تۇنۇلغان بىر قانچە تەبئىي پەن ئالىملىرىمىزمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە مەسلەن : ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپ،ساھىپجامال دۆلەت دېگەندەك. ئەكسىنچە، دۆلەت ئىچىدەئوقۇپ دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەنلارنىڭ سانى ئاز بولغان ھەم ئېرىشكەن نەتىنجىسى ۋە ئېتراپ قىلنىش دەرىجىسىمۇ تۆۋەن بولغان. بۇنى تەھىلىل قىلىپ بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، تەرەققي قىلغان ئەللەرنىڭ مائارىپ سەۋيەسى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى مائارىپ تەرەققىيات سەۋيىسىدىكى پەرىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇرمائارىپى دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز خىرىس، ئېرىشۋاتقان ئىمكانىيەت-پۇرسەتلەردىكى باراۋارسىزلىكتىن باشقا، مىللەتنىڭ قېنىدىكى تەۋەككۈلچىلىك روھى مۇھىم بىر سەۋەب بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 11:20 PM