تىللا ھەققىدە ھىكايە
تەڭرى ئۈچ ئادەمگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تىللا ئاتا قىلىپ سىناپ باقماقچى بوپتۇ .
بىرىنچى ئادەمگە بەش تىللا ، ئىككىنچى ئادەمگە ئۈچ تىللا ، ئۈچىنچى ئادەمگە بىر تىللا
بېرىپتۇ .
نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن تەڭرى بىرىنچى ئادەمدىن سورىسا ، ئۇ بەش تىللا بىلەن
سودا قىلىپ نەچچە ھەسسە كۆپەيتىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ناھايتى خۇشال بولۇپتۇ .
ئىككىنچى ئادەمدىن سورىسا ، ئىككىنچى ئادەم ئۈچ تىللا بىلەن تېرىقچىلىق قىلىپ
بىر ھەسسە كۆپەيتىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ .
ئۈچىنچى ئادەمدىن سورىسا ، ئۇ ئادەم بىر تىللانى يەرگە كۆمۈپ ساقلاۋاتقانلىقىنى
ئېيتىپتۇ . تەڭرى بۇنىڭدىن ناھايتى غەزەپلىنىپ ، ‹‹ ھەن بەدبەخىت ھۇرۇن ، قۇل
ئىكەنسەن ››دەپ ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ . .
تۈگىدى .
ئىككىنچى قىسىم ؛ ناھايتى پۇزۇر كېيىنىۋالغان بىر كىشى ئايىغىنى مايلاتقاچ سىگارىت چىكىپ
ئولتۇرۇپتۇ . مايلامچى ئۇ كىشىدىن سوراپتۇ .
سىگارتىڭىز بەك خۇشپۇراق ئىكەن . قىممەتتۇ ھە ؟
بىر تىلى 12 دوللار .
ۋاھ شۇنچە قىممەتمۇ ؟ ئەگەر سىز 20 يىل سىگارىت چەككەن پۇلنى يىغىپ قويسىڭىز
ئاۋۇنىڭغا ئوخشايدىغان سودا ـ سارايدىن بىر نى سالالايتىڭىز .
بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى كىشى ، سىز سىگارىت چىكەمسىز دەپ سوراپتۇ .
مايلامچى ؛ ياق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
سىز دەۋاتقان ئاشۇ سودا ساراي مېنىڭكى دەپ 10 دوللارنى مايلامچىغا بېرىپ كېتىپ
قاپتۇ .
قاراڭ مايلامچى نېمدىگەن ئەقىللىق ، بىلىملىك ھە ؟
نەچچە سىكىنۇت ئىچىدە 20 يىل سىگارت چەككەن پۇلغا بىر سودا ـ ساراي سالغىلى
بولىدىغانلىقىنى ھىسابلاپ چىققان . ئەمما ، مايلامچىلىقتەك ئاددى ئىش قىلىپ تۇرمۇش
كەچۈرگەن . بىز مايلامچىنى بىلىمسىز ، ئەقىلسىز دېيەلمەيمىز . ئادەتتىكى ئادەملەر بۇنداق
ئىنچىكە ھىسابنى قىلالمايدۇ . لىكىن مايلامچىنىڭ بىلىمى ، ئەقىلى ئۆلگەن ئەقىلدۇر .
دۇنيا سىزنىڭ قانچىلىك بىلىم ،ئەقلىڭىز بارلىقى بىلەن ھىسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ .
پۇلىڭىز بارمۇ ؟ ئۇتۇق قازىنالىدىڭىزمۇ دەپ سورايدۇ .
پۇل تېپىشقا ئىشلىگەن ئەقىل ، بىلىملا ھەقىقىي بىلىم بۇلۇپ قالغاندەك قىلىدۇ جۇما ... !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-14 12:40 PM