lebron يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 06:44 PM
ئۈتكەندە 1 كۈن تۇتسا 500يىل ئىبادەت قىلغانغا بارەۋەركەن ...
سىزنىڭ بۇ بۇيرۇقىڭىز اللەنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان مالائىكىلەرگە ئىشلىمەسمىكىن بۇرادەر،ئۇلار سىزنىڭ ئىشخانىڭىزدىكى نىمىنى خاتىرلەپ قوي دېسىڭىز خاتىرلەپ، ئېلىۋات دېسىڭىز ئېلىۋىتىپ قويىدىغان نايناق كاتىپىڭىز، ياكى چوتچى بوغالتىرىڭىز ئەمەس،ئۇلار ئىنسانلارنىڭ بارلىق قىلمىش، ئەتمىشلىرى ۋە سۆز ھەرىكەتلىرىنى تولۇقى بىلەن خاتىرلەيدۇ.
ئەمەلنىڭ قوبۇللۇقىنىڭ شەرتى ئىخلاس،رىياسىزلىقتۇر. ئىخلاسسىز،رىياكارلىق( ئەمەللەرنى كىشىلەردىن ھېيىقىپ، باشقىلاردىن ئەيمىنىپ،ياكى باشقىلارنى كۆرسۇن دەپ قىلش) بىلەن ھىلىغۇ ئىككى كۈن ئىكەن 200يىل روزا تۇتسىڭىزمۇ بەرىبىر مەقبۇل بولمايدۇ.
ئاخىرەت ھاياتىدا ئۆلۈم يوق بولغان ئىكەن، ئەلۋەتتە دۇنيادىكى بىر كۈنلۈك ئەمەلگىمۇ اللە ئەنە شۇنداق كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسا، بۇ اللەنىڭ ئىلتىپاتىدۇر.
يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئادەتلىرىدىن بىرى دەل ئۆز كىتاپلىرىدىكى اللەنىڭ رەھمەت ئايەتلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان، غەزەپ ئايەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندۇر ياكى ئۆزگەرتكەندۇر.
بىر مۆئمىن ئۈچۈن اللەنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇش بىلەن بىرگە غەزىپىدىن قورقۇشمۇ مۇھىمدۇر، ۋە تەقۋالىققا ئەڭ يېقىندۇر.
اللەدىن سىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشنى ئاشۇ ئىككى كۈنلۈك روزىڭىزنىڭ سەۋەبى بىلەن قەلبىڭىزگە توغرا يول ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەدىنىيەتلىك ئىنسانلارنىڭ بىر ئادىتى ھەتتا بۇدقا، ياكى بىرەر تاشقا چوقۇنغانلارنىمۇ مەسخىرە قىلماسلىق،ۋە ئۇ ئەقىيدە ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىشتۇر، ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت تاپىسەن. بۇ مۇبارە دىننى مۇبارەك رامىزان ئېيىدا مەسخىرە قىلىش نىيىتىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۇ نىيىتىڭىز ئىچىڭىزدە سېسىپ كەتسۇن. مۇنبەر يۈزىدە قايتا كۆرۈلمىگەي.
ئەقىيدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر، ئەگەر مىڭ يىل ئىبادەت قىلسا يەلدۇر.
---ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرىدىن