burankux يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 10:33 AM
يا خشىمۇسىىلەر تۇرداشلىرىم ،دۇسىتلىرىم ، !!! مەن ئاقسۇ ...
ۋاي بايقۇش قىرىندىشىم ماۋۇ يەردە ھازىرنىڭ ئۆزىدە سالدىغانغا قاننىڭ گىپىنى قىلىۋاتسا سىز تىخى 10 ئايدا يەڭگىيدىغان سڭىلىڭزغا سالدىغاننىڭ قاننىڭ جىدىلىنى قىلۋاتامسىز ئاللاھ سىڭلىزنىڭ تۈغىتىنى ئاسان قىلسۇن . سىڭلىڭىز يەڭگىيدىغانغا تىخى 5-4 ئاي بار كەنغۇ ؟ !!!
بۇ 5-4 ئاي ئىچىدە سىڭلىزغا قان تولۇقلاشقا پۇرسەت بار دىگەن گەپ .
سىڭلىزغا پۇرچاق . ماش .نۇقۇت دىگەندەك نەرسىلەرنى قاينىتىپ بىرىڭ . بولسا ناشتىلىقىغا سۈت تۈخۇم بىرىڭ .ۋە مۇۋاپىق ھالدا قوينىڭ قۇيرۇق مىيى . قوۋرىغا گۆشنى چامغۇر بىلەن سۇس ئوتتا ئۇزۇن قاينىپ بەرسىڭىز ئىنشائاللاھ سىڭلىڭىز پاقلاندەك پەرزەنىتتىن بىرنى سالامەت توغۇشىدا گەپ يوق .
سىزمۇ نەدە يوق ئىشلارغا ئەنسىرەپ
ئاللاھ بويىدا قالدۇرۇپتىمۇ يەڭگىشتىمۇ ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ . سىز-بىز پەقەت قولىمزىىدن كىلدىغان سەۋەپنى قىلىپ قويمىز . بىراق سەۋەپ قىلدىم دەپ كىلەر يىل ياغىدىغان يامغۇرغا بۇ يىل ئەنسىرەش زىيادە قىلىنغان ئەنسىرەش .
يەنە بىر گەپ تېلىۋۇزۇردا بىرىۋاتقان ئېلانلاردىكى قۇۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنى سىڭلىڭىزغا ئېستمال قىلدۇرشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ . بۇنداق تۇردىكى قۇۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچىدە ياپۇنيەنىڭ قۇۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى ۋە ئەمۋاينىڭ قۇۋەت تولۇقلاش مەھسۇلاتلىرى دىگەندەندەك ھەقىقى ئېسىللىرنىڭ باھاسى قىممەت . قالغانلىرى ئەزان بولغىنى بىلەن ھەممىسى ئەخلەت .
تمىدا بايان قىلغان مەسىلىگە كەلسەم ئۇ قزىغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغىردى . بىراق مەن قىنىمنىڭ قانداق قان ئىكەنلىگىنى مۇشۇ كۈنگىچە بىلمەيدىكەنمەن . بەلكىم مىجەزىمنىڭ ناچارلىقى ئۆزۈمنىڭ ئەسكىلىكىگە قارىغنادا چوقۇم قىنىممۇ ئانچە سۈزۈك ياخشى قانلار ئەمەسمىكىن دەپ ئويلايمەن . ماۋۇ قىنى توغرا كەلگەنلەر 100 گىرام قىنىڭلارنى بۇ سىڭلىمىزدىن ئايىمىغايسىلەر . بەزىدە مۇش-پەشۋا يەپمۇ ، دىقەتسىزلىكتىن بىرەر نەرسىلەرگە ئۈسۈپ سىلىپمۇ بىكارلىق ئىقىپ كىتىدىغۇ بىرە-ئىككى يۈز گىرام قان دىگەنمۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-12 02:00 PM