bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 03:09 PM
بۇ يەردە 9-چىسلا ۋاقتىدا ۋەتەندە 10-چىسلا بولۇپ بولىدۇ. ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز؟ تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر، نادىر تېمىلىرىڭىزنى خەلقىڭىزدىن ئايىمىغايسىز...
ئەزىز قېرىنداشلىرىم قانداق ئەھۋالىڭلار؟
ئەركىن ئاكا، مەن توردىن Stellarium+0.10.6.1绿色版(中文星名3247颗).rar دېگەن دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان شەھەرلەر تىزىملىكى بار ئىكەن.urumqi china دەپ بار ئىكەن. ۋاقىتنىمۇ سىز دېگەندەك خالىغان ۋاقىت خالىغان ئاي يىللارغا توغرىلىغىلى بولىدىكەن.
مۇشۇ دېتال بويىچە قايتا تەكشۈرۈپ باقسام سىزنىڭ يوللىغىنىڭىزغا ئوخشاش چىقتى.
ھەجمى كىچىك دىتال ئىكەن. ئاي شارى يەرشارىنىڭ ھەمرىيى بولغاچقا يەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئايلانغاچقا، ئاي شارىنى چوڭايتىپ كۆزەتكەندە ئاي ئېكران يۈزىدە جىمجىت تۇرىدىكەن، بەك يېقىنلاتقاندا ئاندىن ئازراق ھەرىكىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما مارس ۋە ساتورن قاتارلىق پىلانىتىلارنى كۆزەتكەندە ئۇلار ئېكران يۈزىدە تېز ھەرىكەت قىلىدىكەن. يەرشارى بىلەن بىر ئوربىتىدا بولمىغىنى ئۈچۈن.
شۇڭا ئەركىن ئاكا، سىزدىن سورايدىغىنىم، بۇ دېتال سىزچە بولارمۇ؟ بىر كۆرۈپ باقسىڭىز بوپتىكەن. خاتا دېيىلگەن سۆزلىرىم بولسا تۈزىتىپ بەرگەيسىز. رەھمەت!
دېتال مەنبەسى :
http://ishare.iask.sina.com.cn/f/18844473.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TILSIMAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-12 07:47 PM