مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kuwuk

ئاقسۇدا ‹تارىم› ژورنىلى بىلەن ئاپتۇرلار سۇھبەت يىغنى ئېچلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 30002
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4086 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 10:00:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياسىن زىلال، ھەزرەتئەلى، مۇختار مۇھەممەت، ئابلىز ئۆسمان، تۇراخۇن ئەھمەت قاتارلىق ئەزىزلەرنىڭ يۇرتىمىز ئاۋاتقا قىلغان ئىلمىي زىيارەتلىرى، يەرلىك ئاپتۇرلارغا قىلغان دوستانە غەمخورلۇقلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس خاتىرە بولۇپ قالدى.

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28144
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6636
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1584 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 11:58:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۆزەمنى تۇنىغان كۈنۈم- قەلبىمدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرگە باشقىلار ھۆكۈمران ئىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39187
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7150 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 01:19:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچىمۇ مۇئەللىم شىركىتى ئانا تىلغا تايىنىپ ئۆرە تۇرىۋاتقانىكەن ئۆزى تەشكىللىگەن شۇ يىغىنغا ئانا تىل شىركىتىدىن گۈلەن قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلمىغانلىقى تازا مۇۋاپىق بولماپتۇ. يىغىننىڭ تېمىسى ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىككەن. گۈلەن ئەپەندىنىڭ قۇرغىنىمۇ ئانا-تىل شىركىتى، ئىش-ئەمەلىمۇ ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇغىنىمۇ تىلشۇناسلىق. ئانا تىلنى يادرو قىلغان ھالدا باشقا بىر نەچچە تىللارنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن ھەم بۇساھەدە ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان ياش زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى تۇرسا. يىغىنغا ئائىت رەسىملەردىن ئانا تىل تەتقىقاتى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق بەزى ئارتىسلارنىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

ئۆتكەندە بىرەيلەن « كۈسەن مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى يېڭى سانىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى:
- مەزكۇر ژۇرنالغا ئىمىنـاجى تۈرگۈن ئىسىملىك بىر ماگېستىر ئاسپىرانىتنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان كۈسەنشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەر كاتالوگى بېرىلىپتۇ . ئۇنىڭدا سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس كىتابلىرىڭىز ۋە ماقالىلىرىڭىزنىڭ تېمىلىرى خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. شۇنداق تۇرۇپ سىز نېمىشقا مۇشۇ چاغقىچە بىرەر قېتىممۇ كۈسەنشۇناسلىق يىغىنىغا قاتناشمايسىز؟
مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم :
- مۇشۇ چاغقىچە بىرەر قېتىممۇ كۈسەنشۇناسلىق يىغىنىغا قاتناشمىغانلىقىم مېنىڭ گۇناھىم ئەمەس. چۈنكى، مەن ئۇنداق يىغىنلارنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزمەن. ئۆزۈم قاتنىشالمىغان بىلەن شۇ ساھەگە قىزىققاچقا شۇ ھەقتىكى خەۋەر-ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم.بۇ ھەقتىكى سۆرەتلەردىن ھەر قېتىملىق يىغىنلارغا ناھايتى كۆپ « ئالىم»لارنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم. بولۇپمۇ يىغىن سەھنىسىدە قاتار-قاتار ئولتۇرغان« كۈسەنشۇناس ئەمەلدارلار» غا قاراپ بۇ ساھەدىكى نوپۇز ئىگىلىرىنىڭ بەك كۆپلىكىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ سالاھىيىتى توشمىسا كېرەك، دەپ ئويلۇدۇم.
قارشى تەرەپ مۇنداق دېدى :
- خاتا ئويلاپسىز. ئىلىم ساھەسىدە پەقەت ئىلمىي ئەمگەك مۇۋەپپەقىيىتىلا سالاھىيەتنى بەلگۈلەشكە قادىردۇر. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئۇيغۇر كۈسەنشۇناسلارنى سانىسا بارماق توشمايدۇ. سىز شۇ ساھەدىكى بارماققا توشۇدىغان ساناقلىقلا كۈسەنشۇناسنىڭ بىرى تۇرسىڭىز؟
مەن مۇنداق دېدىم :
- نەچچە يىل بۇرۇن مۇشۇ ساھەدىكى بىر قېتىملىق يىغىنغا كۈسەنشۇناسلىق ساھەسى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان   ئورمانچىلىق ساھەسىدىن  بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارىمۇ قاتنىشىپتىكەن. مەن ئۆزۈم بىلەن بىر سىستېمىدا ئىشلەيدىغان شۇ باشلىقتىن شۇ ھەققىدىكى يىغىن ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش مەخسىدىدە يىغىننىڭ ئەھۋالىدىن پايدىلىق ئۇچۋۇر سورىسام دەپ بېرەلمىدى. ئۇياقنىڭ دېيىشىچە، ئۇ باشلىق كۈسەنشۇناسلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىكەن. يىغىنغا قاتنىشىش ئۇقتۇرىشىغا ئاساسەن يىغىنغا قاتنىشىپ يىغىن ۋاقتىدا ئۇخلاپ ، باشقا ۋاقىتلادا مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى سەيلى قىلىپ، يەپ -ئىچىپ ، خاتىرە بويۇملىرىنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ. تېخى ئىدارىسىدىن خېلى كۆپ كوماندىروپكا راسخودى ئالغاننىڭمۇ گېپى بار. ئۇياقنىڭ گېپىچە ، مۇشۇنداق يىغىنلارغا قاتناشسا يېتىپ-ئۇخلاپ ، ساياھەت قىلغاچ كاللىنى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-12 01:27 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39187
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7150 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 01:22:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turantikin يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 07:39 PM
ئۇ ئىككەيلەننىڭ خىزمىتى ئەدەبىيات كاتىگوريىسىگە كى ...

  خىزمىتى ئەدەبىيات كاتاگورىيىسىگە كىرمىگەن بىلەن ئەسەرلىرى « تارىم» ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ « تىل-ئەدەبىيات » دەرىسلىكىدەتۇرمامدۇ؟    ئەدەبىيات كاتاگورىيىسىگە كىرىش ئۈچۈن « ئەدەبىيات ئىدارىسى» دەيدىغان بىرەر ئىدارىدە ئىشلەش شەرىتمىدى-يا؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-12 01:44 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8535
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 802 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 05:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 02:09 PM
ئابباس مۇنىياز ئاكامنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
  ...

بۇ ئىككى ئاكىمىزنىڭ ماقالىلىرى چىنلىقنى چىقىش قىلغان بولغانلىقتىن بەلكىم ئاقسۇ ئەدىبىياتىغا چىقمىغان بولىشى مۇمكىن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39187
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7150 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 05:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئاقسۇنىڭ ئەدەبىيات ساھەسى 2012-يىلى كۈزدە ل. مۇتەللىپ تەۋۋەللۇتىنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقانمىش.ئەمما ، ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىننى ھاپىلا-شاپىلا يېرىم كۈن ئېچىپلا چۈشتىن كېيىن رېستۇرانغا كىرىۋېلىپ ھاراق ئىچىش بىلەن كۈننى كەچ قىپتۇدەك.

     ئەمەلىيەتتە ل. مۇتەللىپتەك دۆلەت ئىچى-سىرتىدا مۇئەييەن تەسىرى بار ئوغلانغا يېرىم كۈن قانداقمۇ يەتسۇن ؟ ھېچ بولمىسا شۇ قېتىمقى يىغىندا ل.مۇتەللىپنىڭ مەقبەرىسىنى يوقلاش،كونىراپ كەتكەن مەقبەرىنى يېڭىلاش، خەلق مەيدانلىرىغا ھەيكىلىنى تىكلەش ھەمدە خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىدا ئېقىپ يۈرگەن ل.مۇتەللىپنىڭ ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ماقالىلەرگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەشۇنداق ماقالىلەرنى خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىدىن تازىلىۋېتىش دېگەندەك يېڭى ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى پاىالىيەت مەزمۇنىغا كىرگۈزسىمۇ ھېساپ ئىدىغۇ ؟



   خەنزۇچە « قەشقەر مۇنبىرى »( www.xjks.net) گە «ئەپسانىۋى قەھرىمان- جاۋ خەنچى »ناملىق بىرماقالە بېرىلگەن .
      شۇ
ماقالىنىڭ ئاپتورى  ئەينى چاغدا گومىنداڭنىڭ ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق 5-پولكىنىڭ پولكوۋنىكى، قوشۇمچە ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان، ئونسۇ قوماندانلىق ئورنىنىڭ قوماندانى بولغان،ئاقسۇ رايونىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان قەرزىگە بوغۇلغان ؛ جۈملىدىن ل. مۇتەللىپ قاتارلىق شائىر، ئىنقىلاپچى، زىيالىيلارنى ۋەھشىيانە قەتلى قىلغان جاۋخەنچىنى شىنجاڭنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىغان« ۋەتەنپەرۋەر » دەپ تەسۋىرلىگەن؛ يولداش ماۋزېدوڭ « جۇڭگو دېمىگراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى » دەپ تەرىپلىگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مىللىي ئارمىيىسىنى « شەرىقى turk ئارمىيىسى » دەپ يېزىپ ، بۇ ئارمىيەگە مىللىي بۆلگۈنچۈلۈك، تېرورلۇق قالپىقىنى كىيگۈزگەن. يولداش ماۋزېدوڭ « ئىنقىلابى قەھرىمان » دەپ نام بەرگەن ل. مۇتەللىپنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى « ئەپسانىۋى قەھرىمان»، «پەۋقۇلئاددە ھەربىي تالانىت » دەپ ماختاپ  يۇقۇرى باھا بەرگەن؛ ج ك پ 1951-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قوزغىغان  ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش ھەركىتىدە باستۇرۇلغان جاۋخەنچىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىش  ۋە قايغۇرۇش ئارقىلىق ج ك پ نىڭ بۇ ھەركىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭچە بولعاندا جاۋخەنچىگە ئوخشاش جاللاتلارعا تېخىمۇ چوڭ ئىمتىياز بېرىلىپ ، جاللاتلىق يولىغا پايانداز سلىنسا توغرا بولغۇدەك.

      « ئەپسانىۋى قەھرىمان- جاۋ خەنچى »ناملىق ماقالىنىڭ
ئاپتورىنىڭ قارىشىچە ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇقۇمى قانداقتۇر بىر چوڭ دۆلەت ھاكىمىيىتى ئاستىغا باراۋەر ئاساستا ئۇيۇشقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتە ئەمەس بەلكى چوڭ مىللەتچىلىك تۈسىنى ئالغان  قىرغىنچىلىق، باستۇرۇش ، يوقىتىش تىپىدىكى فاشىستىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەكتەك قىلىدۇ.   بۇ ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان تولىمۇ قورقىنىشلىق ئىدىيەدۇر. مىللەتلەر ئىتتىپاقىنى ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش؛ ئىناق، مەدەنىي جەمئىيەت  بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە بۇنداق فاشىستىك ئىدىيە تەربىغاتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قانۇنلۇق تور بەتلىرىدە ئاشكارە ئېقىپ يۈرىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالماي قالمايدۇ ، ئەلبەتتە.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى سەككىز ناھىيە بىر شەھەردىن تەركىپ تاپقان 2مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ ۋىلايەتتىكى ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلاردىن تەركىپ تاپقان ئاممىۋى تەشكىلات. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا يۈكسەك سېياسىي ھۇشارلىق بىلەن توختىماي مەسىلە ئىزدەپ ، قانۇنلۇق گىراژدانلارنىڭ   ئەسەرلىرىگە ئادەتتىن تاشقىرى سېياسىي سەزگۈرلۈكىنى ئىپادىلەپ ، ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى بۇغىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويىۋاتقان  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى ئۆزىنى كاتتا يازغۇچى سانايدىغان ئەشۇ ئاتالمىش رەئىس، مۇئاۋىن رەئىسلىرىنىڭ  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەشۇنداق ماقالىلەرنى كۆرگەندە بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ كىرپىدەك تۈگىلىپ تاشىقىغا تەلمۈرۈپ تۇرىۋېلىشى نېمە ۋەجىدىن ئىكىنە؟ ئەجىبا ئۇلار ئېدىئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىك پەقەت ئۇيغۇردىنلا چىقىدۇ، دەپ قارامدىغاندۇ ياكى باشقا مىللەتتىن چىققان ھەرقانچە چوڭ بۆلگۈنچىمۇ كۆزىگە كۆرۈنمەي  پەقەت ئۇيغۇرغىلا چەك قويامدىغاندۇ؟ ئەجىبا بۇنى قانداقمۇ سېياسىي سەزگۈرلۈكى يۇقۇرى ، پارتىيە ۋە ھكۈمەتنىڭ نېنىنى ھالاللاپ يەۋاتقانغا  مەسئۇلىيەتچان ئەدەبىيات تەشكىلاتچىلىرى دېگىلى بولسۇن ؟ ھېلىمۇ ياخشى زىيالىيلىق تونىدىن خالىي ، ئەسەرلىرى ۋە پائالىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ، ھەق سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرىدە  تۇشمۇ تۇشتىن كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرىشى نەتىجىسىدە ل.مۇتەللىپنىڭ ئوبرازىنى ئېغىر دەرىجىدە خۇنۈكلەشتۈرۈپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەشۇ ماقالە ئاخىر خەنزۇچە تور مۇنبىرىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاندى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-12 06:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 39187
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7150 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 05:39:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يەنە ئالدىنقى يىللاردا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى بىر ئاسپىرانىت شىنجاڭدىكى يەرلىك ژۇرناللارنىڭ ئىملا خاتالىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، « تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. شۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە « ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ئىملاخاتالىقىنىڭ كۆپلۈكى جەھەتتە شىنجاڭدىكى يەرلىك ژۇرناللار ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان. ھەتتا بۇ ژۇرنالنىڭ مەلۇم سانىنىڭ ھەر بىر بېتىدىن ، ھەر بىر ئابزاسىتتىن تارتىپ ھەر بىر قۇرغىچە ئىملا خاتيالىقى بايقالغان.

  مانا مۇشۇنداق  ئانا تىلنىڭ ئەقەللىي ئىملا ئۆتكۈلىدىنمۇ ئۆتەلمىگەن بىر ژۇرنالدىن مەزمۇن جەھەتتە يەنە قانداق يېڭى ئۈمىدلەرنى كۈتكىلى بولسۇن ؟ ئۇلار ئەتىدىن كەچكىچە داستىرخان ئەدەبىياتى، مۇناسىۋەت ئەدەبىياتى ۋە خوشامەت ئەدەبىياتىنىڭ گۇپپاڭچىلىرىدىن بولىمەن دېگۈچە ئاۋال ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى ئۆگەنسىچۇ كاشكى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95103
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 08:16:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىلەرنى دىيىشىدىغاندۇ ،،،،ئاغىزىدا شەھەر ئالىدىغان مۇشۇنداق
لارنى كۆرسەم ،،،،،ئېيتۇدىلەركى ،،،دەپ باشلىسا يا گېپىنى چۈشەنگىلى بولمىغان ،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90687
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 12:45:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ   بۇرۇن  ل مۇتەللىپنى خاتىرلەش توغرىسىدا  بەزىبىر  تالاش  تارتىش  بولغانلىغىنى  ئاڭلىغانمەن. ھۈكىمەت  قارمىقىدىكىلەرنىڭ  قارىشىچە  ل مۇتەللىپ  تىپى  ئايرىلمىغان شەخىس  ئۇنى خاتىرلەش يىغىنى ئېچىش سىياسى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك  بۇلامىش. مىڭ ئەپسۇس  ئىچىدە  بىزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ  ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قاراپ قاتتىق  ئېچىندىم. ئەگەر ل مۇتەللىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ  شائىرى بولسىدى  سالمىغان خاتىرە سارايلىرى قاتۇرمىغان  مىس ھەيكەللىرى قالمىغان بۇلاتتى. شۇنداقتىمۇ  ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن  سەمىمى ئۈمۈت قىلىدىغىنىم  ل مۇتەللىپنى خاتىرلەش يىغىنى ئېچىشنى قانۇنلۇق  ھالدا  ئۇرۇنلاشتۇرۇش.شۇنداقلا  ل مۇتەللىپ  خاتىرە سارىيى قۇرۇش  ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. چۈنكى ئۇ مىللەتنىڭ  شائىرى   چۈنكى ئۇ  ۋەتەننىڭ  شائىرى...........!ئۆز ۋاقتىدا  ماۋزېدوڭ رەئىسمۇ  ئۇنى ئىنقىلاۋى قۇربان  دەپ ئاتىغان..............!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9884
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 02:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2013-7-11 02:09 PM
ئابباس مۇنىياز ئاكامنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
  ...

قانۇنشۇناسلىق بىلەن كۈسەنشۇناسلىق ، ئەلۋەتتە بۇ ئىلمىي ئەمگەكلەر ئەدەبىياتىنىڭ سىرتىدىكى ئەمگەكلەردۇر ، ئاقسۇ ئەدەبىياتى ›› ئۆلچەملەشكەن ئەدەبى ژورنال بۇ ژورنال ئۇنۋىرسال ژورنالغا ئايلانغان كۈنى ئاندىن بېسىلىدۇ . بوزقىرنىڭ تەرجىمىللىرى بىرىلىشى مۇمكىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش