durdan يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 01:16 PM
ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بامۇ؟
ئەگەر بولسا ئېغىر كۆرمەي ئەۋەتى ...
بۇ خىلدىكى رەسساملىق سەنئىتى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ بولغاندىن كىيىن مۇنداقلا چىقىرىپ قويسا تېمىدىكى رەسمىلەردەك ئۇنۇم كۆرسىتەلمەيدۇ .
بۇ رەسمىدە رەسسام %60 تەر تۆكسە بۇ رەسىمنى 3D ئۇقۇمىغا راۋۋۇس كۆتۈرۈش ئۈچۈن فوتوگېراف كەسپىدە نۇر ئۇقۇملىرىغا سەزگۈر بولغان كەسىپ ئەھلىنىڭ شۇ سىزىپ چىققان سۈرەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تارتىپ چىقىرىش ئاستىدا تېمىدا كۆرگىنىمىزدەك سۈرەتلەر بارلىققا كىلىدۇ .
ئادەتتە سۈرەتتىكى ھىلىقى ھەقىقى تامغا قويۇلغان شوتىدەك تۇيغۇ بىرىدىغان سۈرەتنى ئىلىپ ئيىتساق . شۇ سۈرەتىكى شوتىنىڭ يان ياغىچى دەپ قارالغان ئۇقۇم سىزىقىنى سىزىشتا ، ئەسلى قەغەز يۈزىدىكى مەلۇم ئىككى نۇقتا ئارسىىددىكى بىر تۈز سىسىزق ئۈستىگە ياتقۇزۇپ سىزىلىپ چىقىلىدۇ .
بىراق بۇ سۈرەتنى 3D سۈرەت تېخنىكىسىنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن سىزىپ چىقىشتا بولسا ، يۇقارقىدىدەك ئۇسۇل بىلەن ھەرگىزمۇ بۇ ئۇسۇلنى ياراتقىلى ئەسلا مۈمكىن بولمايدۇ . شوتا ۋە شوتىغا چىقىۋاتقان ئادەمنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىشتا بولسۇن ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىزىپ چىقشىتا بولسۇن ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئوبرازى قەزغەر يۈزىدىكى مەلۇم ئىكى نۇقتا ئارىسدا بىر سىزىق ئۈستىدە ياتماستىن ئۈچ نۇقتا ئارىسدا ، خۇددى چوكىنى سۇغا سالساق چوكا سۇ ئىچىدە سۇنغاندەك تۇيغۇ بەرگىنىگە ئوخشاش ، سۇندۇرلۇپ سىزىپ چىقىلىش بىلەن بىرگە بۇ نەرسىلەرنىڭ سايىسىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەپ چىققاندا ھەقىقەتەن بۇ نەرسىلەر قەزغەزگە سىزىلماستىن بەلىكى بۇلارنىڭ مودىللىرى قەغەز ئۈستىن مەلۇم ئىگىزلىكتە كۆتۈرلۇپ تۇرغاندەك تۇيغۇنى ھاسىل قىلىش بلىەن بىرگە .قەغەزنىڭ ئۈستىگە خۇددى مۇشۇ خىل نەرسىلەرنىڭ ھەقىقى مودىللىرى توختىتىلىپ قويغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ .
مەن مەكتەپتىن توختاپ قالغىلى نە زامانلا بولدى ماۋۇ كۈنى ئوتتۇرا مەكتەپتە رەسساملىق كەسپىدە ۋىلايەت بويۇنچە خىلى نامى بار بىر ئوقۇتقۇچىدىن مۇشۇنداق 3D رەسىمدىن بىر پارچە يارىتىپ باققىلى بولامدۇ دىسەم . ئۇ كىشى بىز ئوقۇغاندا بۇنداق تۈردىكى گۈزەل سەنئەت دەرىسلىكى تىخى بارلىققا كەلمىگەن . بۇنداق رەسىم سىزىپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم مۇشۇ كەسپىتە بىر نەچچە يىل ئېزدىنىشقا توغرا كىلىدۇ دەيدۇ . ۋاي بىچارە دەپمۇ قالدىم .
ئارىدن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىر تۇققاننىڭ بالىسى ئاكا مۇئەللىم رەسىم دەرسىدە بىر رەسىمنى سىزىپ چىقشىنى بۇيرىغاندى چىرايلىق سىزالمىدىم سەن سىزىپ بىرە دىگەن ئىدى . ماقۇل بوپ توساتتىن مۇشۇ 3D ئۇسۇلۇبىدىكى رەسىم سىزىش ئىجاتىيتى كاللامغا كىرىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ خىلدىكى بىر پارچە سۈرەتنى تىپىپ شۇ رەسىمدىىك ئىنچىكە ھالقىلارنى ۋە سەزگۈرلۈك تەلەپ قىلدىغان ئورۇنلارنى قايتا-قايتا كۈزۈتۈپ چىقىپ ،3D ئۇسۇلىبىدكى بىر پارچە رەسىمنى سىزىپ بەرگەن ئىدىم ئەتىسى ئوقۇتقۇچىسى چاقىرىپ ۋاي ئۇكام مۇشۇ خىلدىكى رەسىمنىڭ سىزىش ئۇسۇلىنى ماڭا كۆرسىتپ قويسىڭىز دىگەن ئىدى بىر پارچە رەسىمنى تەپسىلى سىىزغاچ نازۇك بەك دىققەت قىلىدىغان يەرلىرنى كۆرسۈتۇپ قويسام . ئاخىردا نىمە دەيدۇ ؟ !
ۋاي توۋا !!!
ئەسلىدە ئاددىيلا بىر ئىشكەنغۇ مەن تىخى بۇ خىل كەسىپتە بىر نەچچە يىل تەربىلنىش كىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن دەيدۇ .ئەسلىدە بۇ خىل سەنئەت تۈرىمۇ بىر گۈزەل سەنئەتنىڭ دەۋىر ھالقىغان زاماندا بايقالغان يىڭىچە ئۇسۇلۇبى دەپ قارساق ئارتۇق كەتمەيدۇ دە !!!