مەلەك يوللىغان ۋاقتى 2013-7-13 01:08 PM
ھەققىمنى ھالال ئەتمەيمەن، ھەققىمنى ھالال ئەتتىم دېگەن ...
تەكلىۋىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم پەرىشتە (مەلەك دىگەن پەرىشتە دىگەن گەپقۇ ھە)، بىزدەك يېڭى نوتىلارنىڭ سىلەردەك سايە تاشلاپ تۇرغان بۈك-باراقسان توغراقنىڭ ئالدىدا، بۇنداق تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرىشىمىز ئانچە ئەقىلغا سىغىدىغان ئىشمۇ ئەمەس ئىدى.
بىراق بىزمۇ يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاندىكىن ئۇنىڭ بۇنىڭغا قىزىقىپ ھەپىلەشكۈمىز كەپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خاتا قىلغان يېرىمىزنى ئېرىنمەستىن كۆرسىتىپ توغرا مەسلىھەت بىرىدىغان سىلەردەك پىشقەدەملەر بولغاندىكىن ، ئانىسىنىڭ ئالدىدا خاتىرجەم ئېغىنىغان تەخەيدەك ئۆزىمىزچە بىر نىمىلەرنى قىلىپ يۈرۈدىكەنمىز
مۇمكىن بولسا سىز دىگەن ئاشۇ جالالىدىن رۇمىنىڭ مەسنەۋىدىن ھېكايەتلەر ناملىق كىتابىنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىسى بولامدۇ ياكى يېزىق نۇسقىسى بولامدۇ بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز، كەمىنە سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم