مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: orxuntekin

دوكتور ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6815
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 34607
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2981 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:00:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،ياشلا كېتىپتۇ...

ئالىم ۋاپات بولدى،بىر يورۇق يۇلتۇز ئۆچتى...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28144
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6636
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1584 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:53:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۆزەمنى تۇنىغان كۈنۈم- قەلبىمدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرگە باشقىلار ھۆكۈمران ئىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92747
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 01:23:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ، ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ قېرىندىشى ، مۇمكىن بولمىغان شەكىلدە يۈرەك قوزغىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدە. بىزنى ئاشۇنداق شەرمەندە يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدىغان ، ئاخماق خەلق دەپ بىلىشىپ قېلىشما ، بىز نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 38887
تۆھپە نۇمۇرى: 766
توردا: 7150 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 07:59:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇ مۇسبەت خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى ھەم ھاياتىمدا تۇنجى  بولۇپ بىر ئۇيغۇر دوكتورى بىلەن تونۇشقان ۋە ئىلمىي مۇلاقەتلەردە بولغان چاغلار ئېسىمدىن كەچتى :
  2004-يىلى ئەتىيازدا « جۇڭگو مىللەتلىرى » ژۇرنىلىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمدە تەھرىر بۆلۈمىگە ماقالە ئەكەلگەچ مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئابدۇرەھىم تۇرسۇن بىلەن    تۇنجى تونۇشقانىدىم.تۇنجى كۆرۈشۈشتىلا  مەرھۇمنىڭ كىچىك پېئىل ، كەمتەر ۋە سەمىمىيلىكى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى.شۇندىن كېيىن بىز  نەچچە رەت دىدارلىشىپ ئىلمىي مۇلاقەتلەردە بولغانىدۇق. دوكتۇر مېنىڭ ئۇيغۇر بۇددىزم ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمگە بولۇپمۇ بۇددا مۇتەپەككۇرى كۇماراجىۋا ھەققىدىكى مەخسۇس كىتابىمغا ياخشى باھا بېرىپلا قالماي يەنە بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلۇشىشىغا ئىلھام ۋە بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن ، ئۆزىدە بار جىددىي ئېھتىياجلىق بەزى ماتېرىيال مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى   ھەم مۇشۇ ساھەدە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇندىن كېيىن بىز دائىم ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغانىدۇق.

    مەن، دوكتۇر ۋە  شائىر ئوسمانجان ساۋۇت بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە ئوسمانجان ساۋۇت ئاكىنىڭ ئابدۇرەھىم تۇرسۇن دوكتۇرنىڭ  قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ،« ئۇيغۇر پوېزىيىسى»  نامىدا  نەشىر قىلدۇرغان ئىلمىي ئەمگىكىگە ئاجايىپ يۇقۇرى باھالارنى بەرگەنلىكى ھازىرقىدەك يادىمدا تۇرۇپتۇ.

بۇلتۇر كۈزدە شىنجاڭ تېلېۋېزىيىسى 5-قانىلىنىڭ « مەدەنىيەت بوستانى » پىروگرامما گۇرۇپپىسى نىمشېھىت تېمىسىدا بىر پروگرامما ئىشلىدى.  پروگرامما گۇرۇپپىسى ۋە نىمشېھىت ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تەكلىپى بويىچە مەنمۇ شۇ پائالىيەتكە  داخىل بولۇپ قالدىم. بۇ ئىشلارنىڭ ئالدى -كەينىدە نىمشېھىتنىڭ قىزى - شائىرە بۈۋھەجەر ئارمىيا ئېلىنىڭ ئاغزىدىن دادىسى نىمشېھىتنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنىڭمۇ داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى قاتارىدا ئابدۇرەھىم تۇرسۇن ۋە نەبىجان تۇرسۇنلارنىڭ قولىدا رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «ئۇيغۇر پوئېزوسىيىسى» نامىدا نەشىر قىلىنغانلىقىدىن نەچچە يىللار بۇرۇن خەۋەر تاپقانلىقىنى ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەشۇ ئاكا-ئىنى ئىككى ئالىمدىن چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپلانغانىدىم.

شۇ چاغلاردا مېنى ئەڭ ئويلاندۇرغىنى بىر نەچچە تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن ، پەلىسەپە پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ياش ھەم يېتۈك بىر دوكتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تەتقىقات ئورنى ياكى ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى بارماق بىلەن سانىغۇدەك دەرىجىدە ئاز ۋاقىتلار ئىدى.ھەتتا مەن ئابدۇرەھىم دوكتۇرنىڭ دوكتۇرلۇق ئوقۇش تارىخىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مائارىپ كومىتېتىنىڭ توللۇق ئېتراپىغا ئېرىشكەنلىك ئىسپاتنامىسىنىمۇ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم.
   كېيىنچە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەن خىزمەت يۆتكەپ جەنۇبقا قايىتىدىغان بولدۇم . دوكتۇرمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە رۇسىيە بىلەن چېگرا سودىسى قىلىدىغان ئىچكىردىكى بىر شىركەتكە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەكلىپ قىلىنىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىز ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.

   كېيىنچە ، مەزكۇر مۇنبەردە ئېلان قىلىنىپ كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان « دېپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى» ناملىق ماقالەمدە ئابدۇرەھىم تۇرسۇندەك بىر نەچچە تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن ، پەلىسەپە پەنلىرىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ياش ھەم يېتۈك بىر دوكتۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تەتقىقات ئورنى ياكى ئالىي مەكتەپلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى مەۋجۇت ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدىم.

يېقىندا ئۈرۈمچىگە بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتناشقىلى  بېرىپ مەرھۇمنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن فاتىھە قىلغاچ كۆرۈشۈپ ئۆتۈپ كېتەي ، دەپ دوكتۇرنىڭ دېرىكىنى قىلسام بىر دوستىمىز ئابدۇرەھىم دوكتۇرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن جەنۇبتىن يەر ئالغانلىقىنى ، ھازىر شۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراشلىقىنى ئېيتقانىدى. بىر دوكتۇرنىڭ ئاخىر بېرىپ يەر تېرىيدىغان دېھقانغا ئايلىنىپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بۇزۇلغانىدى. كەم ئۇچرايدىغان تالانىتلىق ئەدىب باتۇر روزىمۇ  يوقسۇزلۇقنىڭ تۆمۈر تىرناقلىرى ئارىسىدا تىتما-كاتاڭ بولۇپ ئاخىر كۈپكۈندۈزدە ئۈرۈمچى كوچىسىدىلا كىشىلەر ئايىغىدا جان بەرگەنىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىن ئاران 1 سوم پۇل چىققانىكەن.

  دۇنيا نېفىت زاپىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان ، باغرى سان-ساناقسىز مەدەنلەرگە تولغان ، قوينى كەڭ بۇ بىپايان زېمىننىڭ تالاي-تالاي ئادەملەرگە شىتات، ئازادە -يورۇق ئىشخانا ، ئاسايىشلىق تۇرمۇش يولى بېرەلىگەن بىلەن ئۆزىنى ئىلىم يولىغا ئاتىغان ئەشۇ تەمەسىز ئىلىم ئىخلاسمەنلىرىگە  ئۆز تالانتىنى جارىي قىلدۇرالىغۇدەك بىرەر مۇقىم خىزمەت شارائىتى بېرەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ گېلىمغا ئاچچىق بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بولۇپ، كۆز چاناقلىرىم ئىختىيارسىز نەملەشتى ...

مەن ئۇلۇغ رامىزان ئايلىرىدا   ئاللاھتىن ئارمانلىرى دەرمان تاپالماي ئۇ دۇنياغا ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ياش ئالىمىمىز ئابدۇرەھىم تۇرسۇنغا جەننەت تىلەيمەن ۋە كەينى-كەينىدىن مۇسىبەت ياغقان پىشقەدەم زىيالىي تۇرسۇن بارات ئاكا  ئائىلىسنىڭ بارلىق تاۋابىئاتلىرىغا سەبرى تىلەيمەن.
  
   







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-14 04:34 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 59 باتۇر روزى توغرۇلۇق ئ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23458
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6319
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 08:36:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن! پەرزەنتلىرىنى ئەنە شۇنداق تەربىيلەپ چىققان ئاتا-ئانىسىغا چەكسىز رەھمەتلەر ياغسۇن!!!

پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 09:47:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-7-13 06:23 PM
دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ يازمىلىرىدا ئاندا-ساندا ئىسم ...

بۇنداق ئىشلاردا دۆلىتىمىزدە خىزمەت ئورنى مىراس قالىدىغان ئىشلار يەنىلا بار. شۇڭا دۆلىتىمىزدىكى يۇقىرى-يىڭى تېخنىكىلارنى دۆلەت تەتقىقات ئاپراتلېرى ئەمەس، پۇخراۋى كارخانىلار بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4558
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1541 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 10:48:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە 10يىل ياشالىغان بولسا ....بەلكىم نۇرغۇن ئەمگەك مىۋىللىرىنى سۇنغان بۇلار ئىدى ~~~ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن .

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش تورى ئىگىلىك تىكلەشتكى ياخشى ھەمرايىڭىز. www.uyigilik.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90909
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 446
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 11:20:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80181
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2013-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 11:28:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي (ئامىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52778
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3256
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1106 سائەت
تىزىم: 2011-8-23
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 11:54:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Kongl






Allah     ahiratligini     yahxi     kilsun     .   Konglum     bak    yerim    boldi       alimning       olumi        alamning       olumidur     .tursunjan     barat      aka        ailisi      nima      digan       barkatlik       mol     husulluk      aila    ha  .     Bir      ailidin         ikki          doktur       yitixip        qikiptu  .     Allahti n         ailisiga          tehimu      yahxi      urunbasarni         qikirip         birixini      tilayman          .      Kaqurunglar        tilpunda         muxundak        yezip     kaldim

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش