zaghun يوللىغان ۋاقتى 2013-7-14 12:10 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بولسا مۇشۇ بەزى دۆلەتلە ...
بۇرژۇئا جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت دۆلىتى ۋە پرېزىدېنت دۆلىتى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ . پرېزىدېنت دۆلەتلىرىدە پرېزىدېنت پارلامېنتنى باشقۇرالمىغىنى بىلەن ، ئارمىيە ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنى تەڭ باشقۇرىدۇ . يەنە كېلىپ پارلامېنتنىڭ قارارىنى رەت قىلالايدۇ . بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ پاسىبانى پرېزىدېنت . پارلامېنت دۆلەتلىرىدە ، پرېزىدېنت ئارمىيەنى بىۋاسىتە باشقۇرالمايدۇ ، ئۇ پەقەت پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگۈچى ، پارلامېنت پرېزىدېنتقا قارار يوللاپ يۈرمەيدۇ . يەنە كېلىپ پرېزىدېنت ھۆكۈمەتنىمۇ تولۇق كونترول قىلالمايدۇ ، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى باش مىنىستېر ( زۇڭلى ، باش ۋەزىر ) .
پرېزىدېنت دۆلەتلىرىدە باش مىنىستېر پرېزىدېنت تەرىپىدىن كۆرسىتىلىدۇ ، پارلامېنت دۆلەتلىرى ئىككىسى ئايرىم سايلامدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ .
ئومۇمەن ، سىز دېگەن زۇڭلى نوچىراق دۆلەتلەردە مۇستەبىت چىقىش ئېھتىمالى تۆۋەن ، چۈنكى بۇنداق دۆلەتلەر ئارمىيە ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئايرىم - ئايرىم ئورۇنلار ۋە ھوقۇقلار بىلەن باشقۇرۇلىدۇ . پرېزىدېنت نوچىراق دۆلەتلەردە بولسا ، زومىگەرلىك مۇستەبىتلىك ئاسان يۈز بېرىدۇ .