fathullah يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 01:37 AM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا!بىر ئىشنى سوراپ باقاي.ھازىرقى ...
مەن بۇرۇن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ «ئۇچار تەخسە» ياسىغانلىقى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلمنى كۆرگەن. شۇ فىلمدە ئۇنى ئامېرىكىمۇ تەجرىبە قىلىپ، ئاران 2-3 كىلومېتىر ئارىلىققىچە ئۇچىرالىغانلىقىنى كۆرگىنىم ئېسىمدە قاپتۇ. گېرمانلىقلار ياسىغان ئۇچار تەخسە ھەققىدە تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار ئىكەن:
http://en.wikipedia.org/wiki/Nazi_UFOs
تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە تور بېتىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئۇچار تەخسە ياساپ، سىناپ باققان ئىكەن. رومانىيىلىك بىر ئىنژىنىر بولسا بىر ئۇچار تەخسە لاھىيىسىگە پاتېنت ئالغان ئىكەن:
https://en.wikipedia.org/wiki/Flying_saucer
مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ئۇچار تەخسىنى ياساپ سىناق قىلىۋاتقان بىرەر دۆلەت ياكى شىركەت يوق. ھازىر ئامېرىكا ئۇچار تەخسىنىڭ ئورنىدا «unmanned drones» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇچقۇچىسى يوق، ئۆزى ئۇچىدىغان كىچىك تىپلىق ئايروپىلانلارنى كۆپلەپ ياساپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئىراق ئۇرىسىغىمۇ ئىشلەتتى. مېنىڭچە بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب، ئۇچار تەخسىگە قارىغاندا بۇ خىلدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئىشلەش ئۈنۈمى كۆپ ياخشى بولىشىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-17 09:07 AM