ئەر-ئايال كېچىدە يالىڭاچ باغلاپ قويۇلۇپ ئۆيى چېقىۋېتىلدى
5-ئاينىڭ 28-كۈنى، شەندۇڭ لىنمۇ ناھىيەسى. سۈي شېمېي ئەر-ئايالنىڭ ھاياتىدا بىر كېچىدە غايەت زور ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى. يەنى ئەر-ئايال ئىككىسى كېچىدە يالىڭاچ ھالدا باغلاپ قويۇلۇپ، ئۆيى چېقىپ تۈزلىۋېتىلدى، پۈتۈن ئائىلىسى ۋە قىممىتى 500 مىڭ يۈەنلىك مال-بىساتى خارابىيلىق ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالدى. مۇنتىزىم ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش كېلىشىمىمۇ، ياكى مۇنتىزىم خېرىدار چاقىرىپ چېقىش رەسمىيىتىمۇ يوق مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئېچىش سودىگىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىنى مەجبۇرى چېقىۋەتتى.
سۈي شىمېينىڭ يولدىشى جاڭ شىچياڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆيى لىنمۇ ناھىيەسى لىنمۇ بازىرى شۈەنتۈەن كەنتىدە بولۇپ، يېقىندىن بېرى ناھىيە بازىرى كېڭەيگەنلىكتىن شەكىللەنگەن ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى كەنت ئىكەن. ئېچىش سودىگىرى ئىلگىرى مۇشۇ كەنتنىڭ كەنت كادىرى بولۇپ، ئۇ شۈەنتۈەن كەنتىنىڭ يېرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆي-مۈلۈك ئېچىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما شۈەنتۈەن كەنتىنىڭ ھېچقانداق مۇنتىزىم چېقىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، تولۇقلىما بېرىش رەسمىيەتلىرى يوق ئىكەن، پەقەت كەنت كادىرلىرى ئاغزاكى ھالدا قانچە پۇل بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، سۈي شىمېي ئائىلىسى ئېچىۋاتقان ماگىزىن تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تېخىچە مۇۋاپىقراق دۇكان ئورنى تاپالمىغان، بۇنداق تۆۋەن باھادا چېقىپ كۆچۈرۈشكىمۇ قوشۇلمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئايال ئىككىسىنى كېچىدە يالىڭاچ پېتى باغلاپ قويۇپ، ئۆيىنى چېقىشتەك ئەھۋال يۈز بەرگەن. ئېچىش سودىگىرىنىڭ بۇ خىل رەزىل قىلمىشى ئادەمنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، باغلاپ قويۇش، قائىدىگە خىلاپ مەجبۇرى چېقىش جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ. ئەمما لىنمۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىلدۈرۈپ، چېقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ساقچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى قۇلايسىز بولىدىغانلىقىنى، دېلو تۇرغۇزمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە ئىكەنلىگىنى ئېيىتقان.
يەنە بىر قېتىملىق مەجبۇرى چېقىش ۋەقەسى، بۇ قېتىمقى مەجبۇرى چېقىشنىڭ ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان يېرى، ئار-ئايال ئىككىسىنى كېچىدە يالىڭاچ پېتى باغلاپ قويغانلىقتىن، سۈي شىمېينىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. باشقا مەجبۇرى چېقىش دېلولىرىغا ئوخشايدىغان يېرى: قانۇنسىز چېقىلغاندىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى سۈرۈشتە قىلمىغان. باشقا مەجبۇرى چېقىش دېلولىرىغا ئوخشىمايدىغان يېرى: لىنمۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزماسلىق، سۈرۈشتە قىلماسلىق، باغلاپ قويغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات ئالماسلىقى ئېنىقكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئېچىش سودىگىرىگە يان بېسىش قىلمىشىدۇر.
مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، تەپتىش مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىن زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش قاتارلىق مەجبۇرلاش ۋاستىلىتىدىن پايدىلىنىپ مەجبۇرى يەر ئىگىلىگەن، چېقىپ كۆچۈرگەن، بۇيرۇق، چەكلىمىلەرگە پەرۋا قىلماي ساقچى ئىشلىتىپ يەر ئىگىلىگەن، چېقىپ كۆچۈرگەن ، خىزمەت سالمىقى يېتەرلىك بولماسلىق، قوپاللىق قىلىش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن ئاممىۋىي ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللارغا قارىتا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، چېتىشلىق رەھبەرلەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى ئەدلىيە ئورگانلىرغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى، ئېچىش سودىگەرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، يەڭ ئىچىدە ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلغانلاردىن بىرسى بايقالسا بىرنى تەكشۈرۈپ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
مەجبۇرى چېقىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بەردى، ئەگەر زىلزىلىغا كەلتۈرگىدەك چېقىش ۋەقەلىرى بولمىسا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىمايدۇ، جياڭشى يىخۇاڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ «چېقىش بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ» دېگەن سۆزى يەنىلا كۆپ قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى ئوخشايدۇ. جۇڭگونىڭ شەھەرلەشتۈرۈش قۇرلىشىغا ھۆكۈمەت ئارىلىشىدۇ، لېكىن مەجبۇرى چېقىش شەكلىدە ئارىلاشماسلىقى كېرەك.
http://www.nur.cn/news/2013/07/129027.shtml
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=27396
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-23 11:51 PM