ئىززەت ئۆيىدىكىلەرگە ھەقسىز قىرائەتخانىنى قايتىدىن ئېچىش ئويىنى ئېيتقاندا، ئۆيىدىكىلەر داۋالىنىشىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىدى. ئىززەت ئۆيىدىكىلەرگە قايتا – قايتا خىزمەت ئىشلەپ، ئاخىرى ئۇلارنى كۆندۈرۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى ئەتراپىدا ھەقسىز قىرائەتخانا ئاچتى. قىرائەتخانىغا ئۆزى ساقلىغان 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ۋە ژۇرنالنى كىشىلەرنىڭ ھەقسىز كۆرۈشى ئۈچۈن تىزىپ قويدى. ئىززەت مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تازىلىتىمەن، بۇ كۈنلەردە قىرائەتخانىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇپ قالىدۇ، قىرائەتخانىنى ئاچقان ئۈچ ئايدىن بۇيان بۇ يەردىكى كىتابلارنىڭ بىرسىمۇ يوقاپ كەتمىدى، ئەكسىچە كىتابلار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.
مانا بۇ تېمىنڭ ئاساسىي مەزمۇنى ، سەن بۇنىڭ يالغان ئىش دەۋاتىسەن ،،، قىزىقچىلىقمۇ ياكى ئىچى تارلىقىمۇ بۇ بىلمىدىم . شۇڭا قىزىقىپ سورىغان سەندىن ،،،، يا دىمەيسەن يالغان ئىش بۇ دىيىشتىكى ئاساسىڭنى ، سەن يەنىلا دىمەپسەن سەن جىڭ قىززىقچى ئوخشايسەن