زەم-زەم سۈيگە خەتنى كۆرسەتكەن بىلەن خەتنى سەزمەيدۇ .بۇ يەردە ئىلگرى سۈرىلۋاتقان مەسىلە زەم-زەم سۈيى ئاۋازلارنىڭ چاستوتىسدىغا قارىتا قارىتا ئىنكاس قايتۇردۇ دىيىلمەكچى .
دىنىمىزدا ئىشكنى يىپىپ-ئىچىشتا .كىيىم-كىچەك كىيىشتە ، يىمەك-ئىچمكەك يەپ-ئىچىشتە بولسۇن ھەر بىر ئىشىمىزغا ( مال بوغۇزلشلاشتا بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر دىيىلىدۇ )بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دىيىشنى رەسۇللۇللاھ ھەدىلىسىرىدە بايان قىلغان .
رەسۇلۇللاھ بىر مۇبارەك ھەدىسىدە........ ئاخشىمى ئىشكنى تاقار ۋاقتىڭلار بىمسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ تاقاڭلار. ئوچاقتىكى ئوتنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ كۆمۈڭلار . داستىرخاننى ۋە قاچا-قۇچىلارننىڭ ئىغىزىنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ يۆگەڭلەر ....ھەتتاكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ئىغىزىنى ياپقۇدەك بىر نەرسىگە قادىر بولالمىساڭلار ( ئۇ ۋاقىتتا كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار نامرات بولغاچ رەخىتكە ئۇللىشالمىغان بىر دەۋىر ئىدى دىيىلىدۇ ) قاچا-قۇچىلارنىڭ ئىغىزىغا بىمىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ بىر تال تاياقنى قويۈپ قويۇڭلار دەپ بايان قىلىدۇ ھەدىسنى يەتكۈزگۈچى .
بۇ يەردە ئىتىلۋاتقان بىسمىللاھىررەھىررھمانىررەھىم دىگەن كەلىمە . زەھەرنى قايتۇردۇ زەھەر ھەر قانچە كۈچلۈك بولسدىمۇ . جىن-ئالۋاستىلارنىڭ يىمەك-ئىچمەككە بولغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى توسىدۇ . بازارغا چىقش ئالدا ئىيتىلغان بولسا چىرايلىق قىز-ئاياللارغا كۆز تىگىشتىن ساقلايدۇ ، سالاپەتلىك ئەرلەر بولسا بازاردىن يۇققان يەنى بازارغا كەلگەن كىىشلەر ئىچىدىكى كۆزى يامان كىشىلەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ .
ھەر قانداق بىر زىكىر ۋە تەلقىن ئىنسانغا ۋە كىيىم-كىچەككە ، دەل-دەرىخكە ......ئىشقىلىپ ھەر قانداق بىر شەيئىگە خۇددى سىرغا ئوخشاش يىپىشىدۇ .
ئەگەر ئاللاھ بىر ئىنسانغا غەيرى فىزىكىغا تەۋە نۇرنى كۆرىدىغان بىر ئالاھىيدە كۆز ئاتا قىلغان بولسا ئىدى . بۇ كىشى بازاردا سانى چۈمىلىدىنمۇ ، چاڭ-توزاندىنمۇ كۆپ بولغان ئادەمنى شۈركۈدۇردىغان ۋە تولىمۇ قورقۇنۇچلىق بولغان كىسەللەرنى ئىلىپ يۈرگەن غەيرى نۇرلارنى كۆرگەن بولاتتى .
بازاردا ئۈستى ئوچۇق قالغان يىمەكلىكتە زەھەر ئىنتايىن كۆپ بولغان بولىدۇ . بۇ زەھەرنىڭ كۆپ قىسمى بازاردىكى كىشىلەرنىڭ مۇشۇ يىمەكلىككە قاراپ ئۆتۈپ كىتىشدىن ھاسىل بولغان زەھەردۇر . بۇ زەھەر شۇ يىمەكلىكنى يىشىتىن ئاۋال ئىيتىلغان بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم كەلمىسى بىلەن كۈچتىن قالىدۇ . ئەگەر بۇ كەلىمە ئىيتىلماي يگەن بولسا ئاي ئۆتۈپ-يىل ئۆتۈپ شۇ كىشىنڭ ژىندەسلىگى بىلەن كىسىەل چاپلىشىدۇ .
بۇ كەلىمە ھەتتاكى چارۋا-ماللارنى بىشىقا ئىلىپ چىقىلغاندا ۋە قوتانغا سولاپ قويۇشتىن بۇرۇنمۇ ئىيتىلدۇ . كەلىمە ئىيتىلمىغان ھالەتتە چارۋال-ماللار سىرىتتا شۇنچە ياخشى ئوت-چۆپتە بىقىلسىمۇ سەمىرشى ئاستا ياكى سەمىرمەيدۇ چۈنكى چارۋىلار ئوتلىغان يايلاقتا جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئۇۋىسى بولغاچ ئۆزىنىڭ زىمىنى تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچۇرغاندا چارۋىلارغا چاپلىشىپ ئىچكى ئورگانىزىمغا زەخمە يەتكۈزىدۇ .
كۆزى ئاچ ،ئىچى يامان ھەر ئىككى-ئۈچيۈز كىشىنىڭ ئىچىدىن بىر ياكى ئىككى كىشى بولىدۇ . ئەسلىدىن بۇنداق كىشىلەرنى بيىمەك-ئىچمىگىنى تەل قىلىپ بىر ئۆيگە سولاپ قويۇش لازىمدۇر . بىراق بۇ دەۋىردە بۇنداق ئىشلاردا دىققەت قىلدىغانغا ۋاقىت ۋە يولمۇ يوق .
كۆز تەككەن كىسىل رېنتىگىندە چىقمايدۇ ، چۈنكى رېنتېگىن ئاپاراتدىن چىققان رېنتىگىن نۇرى غەيرى فىزىكىغا تەۋە بولغان نۇرنى سىزەلمەيدۇ . شۇڭلاشقا بۇنداق كىسەل رېنتىگىندە ساق چىقىدۇ يۈ بىراق بىمار يەنىلا ئىڭىراپ ھالى ناچار بولۇپ قالىدۇ .
بۇنداق كۆز تىگىش ھادىسسى ھايۋاناتلار ئىچىدىمۇ بولۇپ . بىراق بۇنداق ھادىسە ھەر بىر جانلىقنىڭ ئىچىدە بولماستىن بەلكى ئىنتايىن ئاز تۈردىكى جانلىقلاردا بولىدۇ . مەسىلەن يىلان تۈرىنىڭ ئىچىدە بىرلا خىل يىلاندا بولۇپ ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ . بۇ خىل يىلان كىشىگە قاراپ قويسا شۇ كىشى ھامىلدار ئايال بولسا بالىسى چۈشۈپ كىتىش ئەر كىشىلەر بولسا يۈز تىرىسىدە شەلۋە. قىزىل داغ .....پەيدا بولۇپ قالىدۇ . بۇنداق جاراھەتلەر خىلى ئىچىشىدۇ . بىراق قورقۇنۇشلۇق ئەمەس بىر نەچچە كۈندىن كىيىن پەيدىن-پەي ساقىيىپ كىتىدۇ .
كۆز تىگىش مەسىلىسى ئەسلدە كۆزدە بولماستىن شۇ كۆزى يامان دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ياكى جانلىقلارنىڭ مىڭە پوستىلاق قەۋىتى ئىچىدە كۈچلۈك بولغان بىر زەھەرلىك مىكۇرۇپ ئىشلەپ چىقىرىش رايۇنى بولۇپ بۇ زەھەر سۈيۈقلىغى ئىگىسىنىڭ مەلۇم بىر چىرايلىق قىز-ئايال ياكى ئەرلەرگە ۋە ياكى قەۋەت ئېسىل ئۆي ،ماشنىا ، موتىسكىلىت .....قاتارلىق نەرسىگە كۆزى چۈشكەندە كۆرەلمەسلىكتىن ئىچى ئاداپ شۇ نەرسىگە نىسپەتەن ئىچىدە قاتتىق بىر كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ . بۇ كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى مىڭە پوستىلاق قەۋىتى رايۇندا كەسكىن بىر جىددىيچىلىق ھاسىل قىلىپ مىڭىنىڭ نورمال بولغان ھەركىتىدە بىر توقۇنۇش يەنى زىيانلىق نۇر پەيدا بولىدۇ بۇ نۇر قوزغۇلۇپ سىترتىغا چىقىش رايۇندىكى ئىنچىكە قىلغان تومۇرلاردىن ئۆتۈش جەرياندا ھىلىقى زەھەرلىك ۋىرۇسنى ئۆزىگە بىرگە يۈكلەپ كۆزنىڭ قارچۇقى ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە يۇقۇردا بايان قىلغان نەرسىلەرگە تىگىدۇ .
بۇ خىل نۇرنىڭ تارقىلىش چاستوتىسى . ھەركەت تىزلىكى . ئەتىراپتىكى شەيئىلەرگە قارىتا قايتۇردىغان تەسىرىنى ھازىرقى زاماندىكى ئىلم-پەن ئارقىلىق يەشكىلى بولمىغاچقا غەيرى فىزىكا تەتقىقاتىغا تەۋە بولغاچ ھازىرغا قەدەر تەسىرنى ھىس قىلغىلى بولسىمۇ بىراق ئىلمىي بولغان بىر چۈشەندۇرۇش يوق . ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى يەر شارىدا پەلقۇۋاددە بىرەر بالا-قازا يۈز بەرمەي سالامەت ھالدا تەرەقى قىلسا ، كەلگۈسى 50 ياكى 80 يىلدىن كىيىن غەيرى فىزىكا ھادىسنى تەتقىق قىلىش تەجىربىخانىسى قۇرلسا جەزمەن مۇشۇنداق سىرلىق بولغان ھادىلەرنىڭ سىرى ئىچىلغۇسى
مەيلى زەم-زەم بولسۇن مەيلى باشقا مۆجۆزىلەر بولسۇن بۇلارنىڭ پىرىنسىپىنى ئاللاھ بىلىدۇ . ئاللاھ بۇ نەرسىلەرنىڭ سىرىنى ئىنسان بىلسۇن دەپ بىزگە ئىلىمنى ئاتا قىلدى . ئەگەر بىزنى بىلسۇن دىمىسە نىمە قىلىدۇ بۇنچىىك مۇرەككەپ بىر ئۇسۇلدا يارتىپ . ئۇندىن كۆرە ئىچىە مانا سۇ دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ ئاددىيلا يارتىپ بەرسە قولدىن كىلەتتىغۇ .
ئاللاھ ئۆزى ياراتقان شەيئىلەرنىڭ سىرىنى ئىچىشقا تىرىشقان ۋە بۇ يولدا ئېزدىنىۋاتقان كىشىلەرنى ياقتۇردۇ .
قۇرۇق سۇغا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئوقۇپ دىمىدە قىلىپ ئىچىسسە ھەقىقەتەن پايدىسى بار ئىش . بىراق بۇنىڭ شەرتى ئاۋال بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇغان بولسا بۇ دىمىدە رولىنى كۆرسىتىدۇ بولمىسا قۇرۇق سۇدىن پەرقى يوق .