مەن ئويلايمەن بىر ئىسىم ھەرگىزمۇ شۇ ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى بەلگىلەپ كىتىشى ناتايىن ھەم مۈمكىنمۇ ئەمەس قانداق ئىسىملارنى قۇيۇش شۇ ئاتا-ئانىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بۇلىدۇ ئەلۋەتتە ھەممە ئاتا -ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ يۇرەك پارىسى بولغان شۇ ئەزىز ئوغۇل قىزلىرىغا دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ مەنىلىك ئىسىملارنى قۇيۇش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىگە ئاز-تولا بولسىمۇ تەسەللى تاپىدۇ بۇ خۇددى مەرھۇم يازغۇچىمىز ئابدۇرىھم ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ ‹‹ئىز›› روماندىكى سەپەر قۇلنىڭ تۈنجى بالىسىغا ئامان بەگ دەپ ئىسىم قويسا باشقىلارنىڭ ئۇنى ئامان قۇل دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش پولات دەپ ئات قۇيۇش ئارقىلىق بالىمىزنىڭ مۇستەھكەم ،چىداملىق،غەيرەتلىك بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز پولاتنىڭ يېقىلىپ چۈشۈپمۇ ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كىتىپمۇ ھىچ نىمە بولمايدۇ دەپ قويغان ئىش ئەمەس ئەقلىمىز بىلەن ئويلاپ باقساق ئادەم قاتتىقاراق يېقىلىپ چۈشسە پۇتى سۇنۇپ كىتىشى مۈمكىن سۇنمىغان تەقدىردىمۇ قايرىلىپ كىتىشى مۇمكىنغۇ ماشىنا بېسىۋالسا ئۆلمىگەن تەقدىردە مېيىپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىنغۇ مەن ئويلايمەن ئىسىم ئىنساننىڭ پۈتۈن تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشى ياكى ئۇنىڭ قىلمىشىغا ھەرگىزمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ئۇ پەقەت ئادەمنى بىر-بىرىدىن پەرىقلەندۈردىغان ئامىل مىنىڭ دەيدىغىنىم ئۇيغۇر مىللىتى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخى تەرەققىيات جەرياندا ئىسلام ئەقىدىسى،ئىسلام ئىدىئولوگىيىسىنىڭ تەسىرىدە ياشاپ كەلدى ئەرەب،پارىسقا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئۆرىپ ئادەتلىرى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن ئارلىشىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىپ تەسىر كۆرسەتتى شۇڭا ئۈزىڭىزنىڭ يۈرەك پارىڭىزغا خالىسىڭىز ئۇيغۇرچە(تۈرك)،ئەرەپچە،پارىسچە ئەڭ ياخشى،ئەڭ مەنىلىك ئىسىملارنى قۇيۇڭ باشقىلارنىڭ ئىسىم بىلەن بولسىمۇ يەتمەكچى بولغان ئارزۇسىنى توسىماڭ ھەم ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ ھېلھەم كۆڭلىمىزگە ئازار يىتىۋاتقان ،يېغلىتىۋاتقان ئىشلار ئازمۇ ..........
بىرسىمىز ئۇنى دەيدىكەنمىز بىرسىمىز بۇنى دەيدىكەنمىز خۇددى مەن قۇڭامنى ياراتماي بۇسۇرۇپ ئولتۇرىمەن،قۇڭام مىنى ياراتماي ئۇسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ دىگەندەك ئىش قىلمايلى ئەگر ئۇنداق قىلساق تالاشساق بىز،غاجاشساق بىز كۈدە ماتەم،ئىناق بۇپ ئىجىل ئۆتسەك كۈندە ئايەم دىگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ .........
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawuz2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-19 02:56 AM