نۆۋەتتىكى نىشان _41-تىئورما
قاسىم سىدىق
شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى بىر مەزگىل "بوران _ چاپقۇنلۇق"تەنقىدى مۇئامىلىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۆزۆپ ئۇزىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.مۇھاكىمە -مۇنازىرە جەريانىدا 29-تىئورمىنىڭ مەزمۆنى نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرىگە مۇخالىپ بولمايلا قالماي،ئەكسىچە نىيوتوننىڭ ئىنىرىتسىيە ئىدىيىسىگە ئۇيغۇنلىغى ئاشكارىلاندى.بۇنىڭدىن باشقا بىز "مىسرانىم"دا ئېلىپ بىرىلغان مۇھاكىمە - مۇنازىرە جەريانىدائىنىرىتسىيە قانونىدىكى ماھىيەتلىك تەرەپلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تونۇشقا ئىگە بولدۇق.
ئەمدى مەن تورداشلارنىڭ شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئورمىسىنى تەنقىت ئۆتكىلىدىن ئۆتكۆزۆپ بېقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.بۇ تىئورمىنىڭ بايانى مانا:
زەرىچە ۋە جىسىملارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى بىلەن بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارى تەتۆر تاناسىپ ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.
بەزىلەر بۇ تىئورمىنى بولۇڭلۇق ھەركەت مىقدارىنىڭ ۋە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا خىلاپ،دەپ ئوتتۇرىغا قويدى،مەن بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارى ئومۇمى ھەركەت مىقدارنىڭ ئىككى خىل ئىپادىنىلىش شەكلى،ئومۇمى ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىشىنىڭ ئۇزى ئەڭ موھىم مەسىلە، شۇنداقلا بۇ ئىككى مىقدار دەۋرى ئالەمگە نىسبەتەن بىر پۆتۆنلۆكتە ساقلىنىدۇ،دەپ قارايمەن.مەسىلەن، "غەيرى نۇقتا"دا ئومۇمى ھەركەت مىقدارى بولۇڭلۇق ھەركەت شەكلى سوپىتىدە ئىپادىلىنىدۇۋە ساقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە سىزىقلىق تىزلىك مۇتلەق مەنىدە 0ئەمەس."ئالەم"نۆۋەتتە تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ دەپ قارىلىدۇ،مەيلى قانداق سۆرئەتتە سىزىقلىق ھەركەت قىلىپ كېڭىيىشىدىن قەتئى نەزەر بولۇڭلۇق ھەركىتى ھەرگىز 0بولمايدۇ.كىلاسسىك مەنىدىكى بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى نىيۇتون،ئېينىشتېيىن تورغۇن ئالەم مودىللىرى شارائىتىدىلا ئورۇنلۇق بولالايتى،لىكىن ئالەمنىڭ ياكى كېڭيىۋاتقان(ھازىرقىدەك) ياكى تارىيىۋاتقان (شەكىل نەزەريىسى پەرىزىدىكى)پەيىتلىرىگە نىسبەتەن بۆ كىلاسسىك چۈشەنچە شۇ پېتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
41-تىئورما دەۋرى ئالەم تەشەببۇسىنى قانائەتلەندۆرىدىغان بىر دادىل ئىدىيە.ئونىڭ تەجىربە ئىسپاتلىرى خۇددى 29-تىئورمىنىڭ تەجىربە ئىسپاتلىرىدەكلا ئومومىلىققا ئىگە.مەسىلە ئۇنى بىزنىڭ بايقىشىمىزدا ۋە ئىتراپ قىلىشىمىزدا.ئەگەر بىز"غەيرى نۇقتا"،"قارا ئۆڭكۆر"قاتارلىقلاردا ساقلىنىش قانونلىرى ئورۇنلۇق بولىدۇ،دەپلا قارىساق ،بۇ خىل قاراش 41-تىئورمىنى ئىتراپ قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە 41-تىئورما نىيوتۇننىڭ ئالاقىدار ئىدىيىلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرىشىدۇ،بۇ ئىدىيە مانا:
تاشلانغان جىسىم ئەگەرھاۋانىڭ قارشىلىغى بولمىسا ئۇزى تاشلانغان پەيىتتىكى ھەركەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.
ـــ ئىسائاك نىيوتۇن« «تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»-بىجىڭ ئونۋىرىستىتى نەشىرياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشىرى 2011-يىلى 9-قىتىملىق باسمىسى 8-بەتتىن
دەرۋەقە ،41-تىئورما سىممىتىريىلىك ۋە ئۇنىڭ بۇزۇلىشى قاتارلىق بىرمۇنچە مەسىلىلەر ئۆستىدە قايتا ئويلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
تورداشلارنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلارنى يازماسلىغىنى، بۇ تىئورما زادى پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ - يوق دىگەن نۇقتىدا نۇقتىلىق مۇھاكىمە -مۇنازىرە ئېلىپ بىرىشىنى سەمىمى ئۆمىت قىلىمەن.
2013.7.22
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=9962&extra=&page=1