مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: miskin1314

ئانا تىلنى قوغداش مەندىن باشلانسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5913
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:44:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئانا تىلغا كۈچ چىقارغىڭىز بارمۇ؟
ئۇنداقتا ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە تونۇيدىغان يانفونلارنى ئىشلىتەيلى! نىمە قىلىمىز ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇر تونىمايدىغان يانفونلارنى ئىشلىتىپ!    بۇئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ!   
يېقىندىن بىرى ئانا تىل ھەققىدىكى يازمىلار مۇنبەر يۈزىدە ئاۋۇپ قالدى. نۇرغۇن تورداشلار ئانا تىلىنى كۈيلەپ شىئېرلار يازدى. بەزىلەر (ئانا تىل خەتەر ئىچىدە ئەمەس) دەپ. ئانا تىل ئۈچۈن قايغۇرغانلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئەمەلىيەتتە ئاناتىلىمىز ئاللىبۇرۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىدا چەتكە قېقىلىپ سىقىپ چىقىرىلىدى. يېقىندىن بىرى يەنە ئاتالمىش ( قوش تىل) نامىدا مارىپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا! . قورۇ ئىچىگە قارايدىغان. بولساق ئۆز باللىرىمىز خەنزۇچە پاراڭلىشىۋاتقان. دىمەك ئانا تىلىمىز مائارىپىمىزدىن سىقىپ چىقىرىلسا تىزلام تۈگىشىدۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئانا تىلنى قوغداش،  ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كىلىشىچە ھەركەت قىلىشىمىز لازىم. مەسىلەن : ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، قانۇن ئارقىلىق ئانا تىلىمىزنى قوغداش جەھەتتتە كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!  ئانا تىلدىكى ئەقلىفون، كومپىيوتېرلارنى ئىشلىتىپ ئانا تىلىمىز ئىشىلىتىلىشىنى ئاشۇرۇشىمىز كىرەك!  ئانا تىلنىڭ ھۆرمىتىنى بىز قىلمىساق باشقىلار ھەرگىز قىلمايدۇ قېرىنداشلار!  
            
. ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر،  ئاناتىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە!  '
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراپ باقساق زاڭزۇلارغا قوش تىل يوق، يەنە قوش تىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىش يوق، زاڭزۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت يوق، زاڭزۇلارغا دىننى سۇسسلاشتۇرۇش، دىننى چەكلەش، ھەمدە ساقال بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش، رومال ئاتىشنى چەكلەش، دىگەندەك ئىش يوق! پەقەت بۇنداق سىياسەتلەر بىزدەك ياۋاش مىللەتكىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە. جۇڭگۇدا" خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت. شۇڭا بىزنىڭ دىنىمىز، تىل يېزىقلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇلىشى مۈمكىن......قالغىننى بىلگۈچى بىر ئاللا...
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ( مۇ قۇرۇقلۇقى) ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.  
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپلىرىمىزدە چەتكە قېقىلىپ، تەپمە تاياققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا قۇياشتەك نۇرچاچماقتا.. ... يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان : ئامرىكا قاتارلىق نۇغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى ئالى مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى...مەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ!  دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ،  قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!
قانداق كۈچ چىقىرىمىز؟ مىنىڭچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرنى قوللاشمۇ ئانا تىل مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا بىلكان، قۇتلان ......قاتارلىق ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەكمۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىمىز. مەن ھازىر بىلكان ئەقلىفونىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىدىن بازاغا سېلىنغاندىلام سېتىۋالغان ئىدىم مەسىلە كۆرۈلمىدى. بۇيازمىنىمۇ مۇشۇ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،  تېلفوندا ئەسەر يوللاۋاتىمەن. قەيەردە ئىلھام كەلسە شۇيەردىلا تېلفون ئارقىلىق خەت يازىمەن. خالىغان يازمىلارنى ماقالىلارنى ئىلكىتاپلارنى ساقلىۋىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن. شۇنداق قولاي. سەككىز يۆنىلىشلىك لۈغەت، بىر بىرىدىن ئىسىل ئانا تىلدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق. ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن. شۇنداق راھەت!
قېرىنداشلىرىم! ئانا تىلنى قوغداش بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەممىمىز ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان، خاسىيەتلىك ئىشلارنى قىلايلى!  
قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلايلى! . ئىش قىلىپ قانچىلىك قىلالىساق، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى!  بۇئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەختى، تەختى شۇنداقلا مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئىش!

تۆۋەندىكى شىئېر مىنىڭ ئانا تىلىمغا بولغان سوغۇتۇم.

           ئاناتىل

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئاناتىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپارئانا تىل،
قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.
مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەريېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.
خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئاناتىل.
بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.
كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئاناتىل.
خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئاناتىل.
سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئاناتىل.
      


     بىلكانغا مەدھىيە
زامانىۋى بار بىلىمنىڭ كانىسەن بىلكان،
بىلىمگە تەشنا قەلىبنىڭ جانىسەن بىلكان.
گۈللىتىشكە تەشنا ئىدى خەلقىم تىلىنى،
خەلقىم تىلى پاسىبانى شانىسەن بىلكان.

ئىسمى ھەم جىسمىڭغا لايىق ئىكەنسەن بىلكان،
بىلىم گۈلزارىدا خۇشبۇي چىمەنسەن بىلكان.
ئانا تىلنى تونۇتقانسەن ئەقلى يانفونغا،
قەلبىمىز تۆرىدە ئۇلۇغ چىچەنسەن بىلكان.

ئىچىگە لۇغەت تاغ كىتاپ جەملىگەن بىلكان،
شۇڭا سىنى تاللاشنى مەن پەملىگەن بىلكان.
ئايرىلالماس بولدۇم سەندىن ھەركۈن ھەرۋاقىت،
ئايرىلالماس قىپ ئۆزىگە يەملىگەن بىلكان.

(ئانا تىل) دەپ جاپالارنى چىشلىگەن بىلكان،
خەلقى ئۈچۈن  دۇلدۇل بولۇپ كىشنىگەن بىلكان.
سەن بولغاچقا نەدە بولسام كۆرىمەن بىلىم،
ياشنا ! خەلقىم بەختى ئۈچۈن ئىشلىگەن بىلكان.


' بىلكان ئەقلىفونى، بىلىمىنىڭ موللىقى، ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن ئاناتىلدىكى ئەقلىفونلارنىڭ سەركىسى بولۇپ، خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئەمما بىلىمگە تەشنا، ئانا تىل ئىشقىدا كۆيىدىغان مەندەك بىلىمخۇمارلارنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلانماقتا.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93811
يازما سانى: 691
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 07:59:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dilyaruf يوللىغان ۋاقتى  2013-7-19 08:12 PM
ھە بوپتۇ،سىزگە ئەگىشىش مەندىن باشلانسۇن!  ماڭا ئەگىشى ...

مەنمۇ سىزگە ئەگىشەي،
                      ماڭا ئەگىشىدىغانلار يەنە چىقىدۇ.

ئاللاھقا شۈكرى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3652
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28622
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5175 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 10:42:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىشىمىز خەندانجان نەچچە نەپەر ساۋاتسىز ساۋاقداشلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقارغان ئىكەن ، ئۇنى كۆرۈپ خەندانجاندىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ھەم ئامراقلىقىم كەلدى .
ئۇنى ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش دىگىلى بولمايدۇ ، ئانا تىل ھوزۇرى ئوكياندىن چوڭقۇر !

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 663
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 10:43:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۋاقتىدا قەدىرنى قىلمىغانمۇ ئۆزىمىز.ئەمدىلىكتە قاقشاۋاتقانمۇئۆزىمىز.توۋادەيمەن.نەچچە كۈن ئاۋال ئككى قېرىندىشىم خىزمەت ئزدەپ كەپتىكەن ئەسلىدە ئادەمگە ئېھىياجلىق ئەمەستۇق ئۇلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىشىى بىلەن ئۇلارغا قوشتىلدا يېزىلغان قۇبۇل قىلىش جەدىۋېلىنى بىرىپ تولدۇرۇشنى دىسەم ئۇلار جەدىۋەلنى خنزۇچە يېزىقتا تولدۇرۇپتۇ.برسىنىڭ تولدۇرغان جەدىۋىلىگە قاراپ شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى ئۆزۈمنى ئاران تۇتتۋېلىپ ئۇ قېرىندىشىمدىن بۇنچىۋالا جىجلاپ قىينالغىچە ئانا تىلدا يازسىڭىز بولمامدۇ دىسەم خەنزۇچە يازسام قولاييلىق دەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن قولىدىكى جەدىۋەلنى تارتىۋېلىپ 5كۈندىن كىىين تېلفۇن قىلمىز دەپ يولغا سېلپ قويدۇم .شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساقلا بولدى

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 663
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 10:43:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزۋاقتىدا قەدىرنى قىلمىغانمۇ ئۆزىمىز.ئەمدىلىكتە قاقشاۋاتقانمۇئۆزىمىز.توۋادەيمەن.نەچچە كۈن ئاۋال ئككى قېرىندىشىم خىزمەت ئزدەپ كەپتىكەن ئەسلىدە ئادەمگە ئېھىياجلىق ئەمەستۇق ئۇلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىشىى بىلەن ئۇلارغا قوشتىلدا يېزىلغان قۇبۇل قىلىش جەدىۋېلىنى بىرىپ تولدۇرۇشنى دىسەم ئۇلار جەدىۋەلنى خنزۇچە يېزىقتا تولدۇرۇپتۇ.برسىنىڭ تولدۇرغان جەدىۋىلىگە قاراپ شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى ئۆزۈمنى ئاران تۇتتۋېلىپ ئۇ قېرىندىشىمدىن بۇنچىۋالا جىجلاپ قىينالغىچە ئانا تىلدا يازسىڭىز بولمامدۇ دىسەم خەنزۇچە يازسام قولاييلىق دەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن قولىدىكى جەدىۋەلنى تارتىۋېلىپ 5كۈندىن كىىين تېلفۇن قىلمىز دەپ يولغا سېلپ قويدۇم .شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساقلا بولدى

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 11:08:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىنقى يىللاردىن بىرى قوش تىل مائارىپىنىڭ كۆپلەپ يولغا قويۇلىشى بىلەن مەكتەپلەردە  ئۇيغۇر-خەنزۇ تىلى مىللى ئوقۇغۇچىلارغا
ئورتاق ئۇگۇتىلىدىغان بولدى .

بۇ گېپىڭىزنى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ دەۋاتامسىز-ياكى مۇنبەرنى ياچايكا ئىشخانىسى بىلىپ ھۆججەت ئوقۇپ بېرىۋاتامسىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-20 11:10 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
miskin1314 + 10 ھۆججەت ئوقىغاندەك بى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13873
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8184
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 12:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانفونۇم بىلكاننىڭ بولمىسىمۇ بىلكان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنى قاچىلىۋالدىم ، ئىنتايىن قولايلىق ھەم قاچىلاش ئاسان ، ھەقسىز ئىكەن . بۇ كىرگۈزگۈچنى ھەقلىق قىلسىمۇ سىتىۋالىمەن. لىكىنزە باشقىلار ئىشلەتمىسە ئۇلار بىلەن بەرىبىر ئۇيغۇرچە ئالاقىلاشقىلى بولمايدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13873
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8184
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 12:52:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0997tumuqi يوللىغان ۋاقتى  2013-7-20 10:43 AM
ئۆزۋاقتىدا قەدىرنى قىلمىغانمۇ ئۆزىمىز.ئەمدىلىكتە قاق ...

مەنمۇ سودا - سانائەت بانكىسغا كىرىپ كەسىپ بىجىرگەندە جەدىۋەلنى خەنزۇچە تولدۇرۇپتىمەن ، مۇلازىمەتچى ئۇيغۇر يىگىت :- نىمە جاپا سىزگە ئۇيغۇرچە يېزىۋېرىڭ دېۋىدى بۇ مۇلازىمەتچىدىن خوش بولدۇم ھەم خىجىل بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79993
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3232
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 12:54:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچى يېڭى خۇالىڭدا ئېچىلغان كۆركەم تام قەغىزى سېتىش مەخسۇس دۇكىنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.ئالاقىلىشىش نومىرى 13609993664

ئۈرۈمچى كۆركەم تام قەغەز سېتىش دۇكىنى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ13609993664

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4640
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 01:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا.......  ئانا تىلنى قەدىرلەش ئۆزەمدىن باشلانسۇن! مەندىن باشلانسۇن!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش