zebran يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 11:17 PM
ۋاي ئۇ قوشۇمچە ئىشنى قاچان قىلىدۇ؟؟؟ كۇندە ھاشار ھازى ...
مەن مۇشۇ ھاشار دېگەننى ھازىرمۇ بار دېسە بەزىدە بۇ گەپتىن گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
ھازىر بىزنىڭ بۇ يۇرتتا چوڭ كىچىك ئۆستەڭلەرنىڭ ھەممىسى سۇ سىڭمەس بىتون تاختايلىق قىلىپ بولۇندى. ھازىر ھاشار دىگەننى بەزىلەر چۈشەنمەيدىغانلارمۇ بۇ يەردە بارمىكىن دەيمەن.
بۇندىن 20 يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن يىلدا 1-2 قېتىم كوللېكتىپ ھاشارغا چىقىدىغان ئىش بار ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇنتۇپ قالدى. ئەگەر چوڭ قۇرۇلۇش بولسا (ئۆستەڭگە قايتا بىتون ياتقۇزىغىغان) ھۆكۈمەت قۇرۇلۇش شىركەتلىرىگە ھۆددىگە بېرىدۇ. ئەگەر بىر قىسىم زەيكەش رايوندىكى زەيكەشنى قايتا كولىماقچى بولسا ئوخشاشلا ھۆددىگە بېرىدۇ.
كەنتتىكى دېھقانلار ئەتىيازدە ئۆزلىرى ئۆز يېرىنىڭ ئۈستىدىكى ئېرىق ئۆستەڭگە يېغىلىپ قالغان لاي ئەخلەتلەرنى بىر تۇتاش مەجبۇرى ئورۇنلاشتۇرمىسمۇ ئۆزلىرى تازىلايدۇ. چوڭراق غۇل ئۆستەڭنى بىر كۈن تازىلاپ تۈگۈتىدىغان ئىش بار. لېكىن تۈگۈمەس ھاشار ئەمەس.
شۇ يۇرتتا زادى قانداق ھاشار ئۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nur65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 03:56 PM