arsilan0998 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 08:22 PM
نىمە قىلىمىز بىلىم دىگەن نىمىنى؟يىڭى ناۋا پىروگراممى ...
شۇ شۇ شۇ
قورسىقىمىز ئاچسا ئۈچتە كاپالەت، بەشتە كاپالەت بار. ئەتە-ئۆگۈن ئوندا كاپالەت چىقسا قورسىقىمىزدىن غەم قىلمايمىز. ئىچىمىز پۇشسا 12 مۇقامىمىز بار. بۇ يەتمىسە چەتنىڭكىنى دوراۋىرىمىز.
باشلىقلىرىمىز قورسىقىمىزنى باقىدۇ. تىلۋۇزۇرلىرىمىز ئىچىپۇشقىمىزنى چىقىرىدۇ. جەننەتتەك كۈن بۇ بىلسەك.
كاپالەت پۇلى يەتمىسە 10-ئايدا كىپەز تىيىمىز. ئۇ پۇلغا قىشىچە تۈركىيەنىڭ كىنوسىنى كۆرىمىز. بۇ يەتمىسە ئەتىيازدا ئەنجۈر ئۈزۈم ئاچىمىز،
كورلىدا نەشپۈت پەمىدۇر ئۈزۈپ قاچىلايمىز. تۇرپاندىن ئۈزۈم قاچىلايمىز.
پەقەت بولمىسا شىشە تىيىپ ساتىمىز. يا ئۇنى ساتىمىز يا بۇنى ساتىمىز. ساتقىدەك ھىچنىمە بولمىسا ۋىجداننى ساتىمىز.
ئىشقىلىپ ئاچ قالمايمىز.
ئاچ قالمىساق ئۆلمەيمىز.
ئۆلمىسەكلام ياشىغانغا تەۋە.
دىمەك ئۆلمىگەننىڭ ئۆزى ياشاش.
تۇغۇلۇشنىڭ مەخسىتى ياشاش
باشقا ۋەزىپە يوق