مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

چېلىش سورىنىدا زەھەر تاشلاتقۇزۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6145
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9312
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2013-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 05:26:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     مەنمۇ چىلىشىشقا بەك قىزىقىمەن.ھەم پات پات چىلىش سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرىمەن. بىزنىڭ بۇ يەردە يىقىنقى يىللاردىن بېرى توي تۆكۈنلەردە ھاراق قۇيماي چىلىش ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان ياخشى ئادەت خېلى باش كۆتۈرۈپ قالدى.
     دېمىسىمۇ ھەقىقەت:ھاراق-شاراب ، نەغمە-ناۋا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن توي ئەلۋەتتە جەڭگە-جىدەلسىز ئۆتمەيدىكەن.  ئىلگىرى بۇنداق ئىش يوق ئىدى،لىكىن يۇرتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ دىننى ئاڭ سەۋىيىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئۆسكەنسىرى چىلىش سورۇنى ھازىرلىنىدىغان توي-تۆكۈنلەرمۇ ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ.
     ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، ئاۋۋال خۇدانىڭ ئىلتىپاتى،ئاندىن ئاتا ئانىمىزنىڭ ياخشى تەربىيىسى ئاستىدا ئىچكۈلۈك ۋە چەككۈلۈكلەردىن يىراق چوڭ بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋاسكىتبولنى بەك تولا ئوينايتتىم.بەدەن ساپايىممۇ خېلى يامان ئەمەس ئىدى.مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن توي-تۆكۈنلەرگە ئاز تولا قاتنىشىدىغان بولدۇق. . .
      دەسلىپىدە چىلىشقاننى چەتتە تۇرۇپ تاماشا قىلاتتۇق.چەتتە تۇرسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە قان قىزىپ كېتىدۇ دە. . .بارا بارا چەتتە تۇرۇپ قان قىزىپ بولالمىغاندا بىرەر مەيدان بەلگە پوتا باغلايدىغان بولدۇم. . . دەسلىپىدە تولا يىقىلىپ،باش كۆزىمىز قۇم بولاتتى. . . يىقىلىۋەرگەنسىرى ‹مەنمۇ ئوغۇل بالىغۇ،نىمىشقا دائىم مىنىڭلا دۈمبەم قۇمغا مىلىنىدۇ،خەپ› دىگەن ئوي كاللامدىن چىقمايدىغان بولدى. . . چىلىش سورۇنى بولسىلا يىراق دىمەي بېرىپ،يىقىلىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيدانغا چۈشۈپ،چىلىشىپ كېلەتتىم. . . بەكرەك يەر چىشلىگەن چاغلاردا بىر نەچچە كۈن تۇرالماي ياتقان چاغلىرىمۇ بولغان. . . ھازىر بېلىم خېلى قېتىپ قالدى،ئاسانلىقچە يىقىلىپ چۈشمەيمەن. . . مەيدانغا چۈشۈپ بىر ئىككەيلەننى يىقىتىپ،ئەتراپقا مەغرۇر قارىغان چاغدىكى ھېسسىياتنى چىلىشىپ باقمىغانلار قەتئىي ھېس قىلالمايدۇ. . .
      يىغىپ ئايتقاندا چىلىشىش - ياخشى تەنھەرىكەت.ئۇ بەدەننى چېنىڭتۇرغاندىنمۇ بەكرەك ئىرادىنى تاۋلايدۇ. ياشلىرىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك،ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك،قورقۇنچاقلىق . . . قاتارلىق زەئىپ،ناچار پىسخىكىلىق ھالەتلەرنى چىلىش سورۇنى ، چىلىش تەنھەرىكىتى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلىيالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

قىرانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 1734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10518
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4751 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 07:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىچنىمە دەپ بولمايدۇ تەنتەربىيە ئادەمىنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىدۇ شۇنداققۇ ،بەلىكىم ئۈنۈمى بولۇپ قىلىشىمۇ مۆمكىن ،

ئىسىيان مەڭگۈلۈ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7919
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12780
تۆھپە نۇمۇرى: 576
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئازغۇچىنىڭ ئىنساۋىغا دۇئا قىلايلى .   بىر مىللەتنى ھالەك قىلىش ئۈچۈن توپ زەمبىرەكلا ئەمەس رومكا  شىشە  ئىشپىرىس يىڭنىسى  ئارقىلىقمۇ زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ .

قىزىق ئالەم قىزىق ئىش، يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش . يۇلىۋاتتۇق ساق چىشنى ، دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش