ushqol يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 09:24 AM
4-بۆلۈمى 10-ئايدا چىقىدىغاننىڭ گېپى بارغۇ ....
ئېنگىلىزچە بىلىدىغانلار ئۆزىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار ، باش بېتى
http://www.amctv.com/ .
مۇشۇ The walking dead فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمنىڭ تەشۋىقات ئادىرىسى
http://www.amctv.com/the-walking ... lking-dead-season-4
شۇ بەتكە قارىساڭلار Returns October 13 دېگەن يوغان خەت بار ، دېمەكچى 13- ئۆتەبىر ، يەنى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى 4-بۆلۈمنى باشلايدۇ دېگەن گەپ .
مەنمۇ 8 كۆز بولۇپ ساقلاۋاتىمەن ، بۇنىڭدىكى مۇردىلارغا قىلىنغان گىرىمنىڭ ئۆزىلا مېنى ئاجايىپ قىزىقتۇرغان ، yutube غا كىرىپ قارىسام بۇنىڭغا ھوللىۋۇدتىكى داڭلىق گىرىمچىكلەر قاتناشقان ئىكەن ، ھەم قىلغان گىرىملىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ ، بەزىلىرى ماشىنا ئادەم ئىكەن ، دېمەك بۇنىڭغا زور تېخنىكا كەتتى دېگەن گەپ . كەسپىم ۋە قىزىقىشىم كىنو ساھەسىدە بولغاچقىمۇ ، بۇ فىلىمنىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى زور قىزىقىشىمنى قوزغىدى . فىلىمنىڭ مەزمۇنىمۇ ياخشى ، ئىنساننىڭ تۇيۇقسىزلا ئىپتىدائىي دېسە ئىپتىدائىي ئەمەس ، لېكىن ھېچقانداق قوغدايدىغان بىرەر جەمئىيەت يوق ، كېسەللىك يامراپ كەتكەن ، ئاجىز ھالەتكە كېلىپ قالغاندا قانداق پىسخىكا پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ . بۇنىڭدا 3-بۆلۈم تۈگىگىچە مەن مۇردىدىن ئەمەس ، تىرىك ئادەمدىن قورقتۇم .
ئىشقىلىپ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ .