بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ بالىلىقىمدىكى مۇنداق بىر ۋەقە يادىمغا كەپ قالدى:
بىزنىڭ يېزىمىزدىكى چوڭ ئۆيدە بىر ئىشەك بولىدىغان،بىر كۈنى چوڭ دادام رەھمەتلىك،بالام بېرىپ ئېشەكنى يېتىلەپ كەل،مەن تۈگمەنگە باراتتىم دىدى.
مەن يېڭىلا ئورۇلۇپ بۇغدىيى يىغىۋېلىنغان ئېتىزلىقىمىزدىكى،ئېشەكنى يېتىلەپ كېلىۋېتىپ شۇ چاغدا نىمىدىن ھۈركىگىنىنى بىلمەيمەن،مېنى ئېلىپ قېچىپ كېتىپ بىزنىڭ ئۆيگە يېقىن بىر كۆرۈك بولىدىغان،شۇ كۆرۈككە قاپلىشىپ قېلىپ،قاتتىق قوققىنىمدىن 3 كۈنگىچە تىلىم گەپكە كەلمىگەنتى،شۇ ئىشتىن بۇيان ئېشەكنى كۆرسەم بىر خىل قوقىمەن.
نىمىلا دىگەن بىلەن بالىلىقتىكى نۇرغۇن ئەسلىمىلەر،شۇنداق تاتلىق بولىدىكەن،رەھمەت تىما ئىگىسى.