پاراڭ سورىنى بولغاندىكىن مەنمۇ ئۆز كۆز قارشىمنى دەپ باقاي .
1. رىياسەتچىلەرنىڭ تىل سەننىتى بەكلا تۆۋەن، قاملاشمىغان چاخچاقلىرى، سەنلەپ گەپ قىلىشلىرى، ماھىرلارنى گەپكە سېلىش، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىش، پۇتۇن سەكنە كەيپىياتىنى كونتىرول قىلىش دىگەندەك جەھەتلەردە ئازىراق ئەمەس خېلى بەكلا سەۋىيەسىز، ئەسلى رىياسەتچىلەردە چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەرتى بىلسەك!
2.بىرىنچى مەيداندىلا شاللاشنى باشلاش. مۇشۇ ھەپتىدىكى ساننى مىسالغا ئالساق بىز پۈتۈن ئائىلە بۇيىنچە كۆرۈپ ئولتۇرغان ، ئائىلە بويىنچە 4-نومۇرلۇق ماھىرنى ناھايىتى ياقتۇرغانىدۇق، ناخشىسىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئىدى، ئەمما بىرىنچى ئايلانمىدىلا شاللىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئارقىسىنى كۆرگۈمىز كەلمىدى. ھەربىر ماھىر ئاز بولغاندا 4 نۇمۇر تەييارلاپ كېلىدۇ ، ‹قېرىنداشلار› باسقۇچىنىڭمۇ قىيىنلىق دەرىجىسى خېلى بار، دوس يارەن، ئۇرۇق تۇققان، كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن قېتىم تەييارلىق قىلىپ كېلىپ بىرىنچى ئايلانمىدىلا شاللىنىش ئانچە ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.
3. ئورۇنلىنىۋاتقان نومۇرلار نەق مەيدانمۇ يا لېنتىسىنى قۇيۇپ بېرىۋاتامدۇ تازا ئۇقۇپ بۇلالمىدىم، بىرنەچچە يەرلىرىدە چانغان ئەھۋاللارمۇ بار ... سەمىمى تەكلىپىم، يېڭى ناۋا دەپ دوپپامدەك نامنى قويىۋالغاندىكىن كۆرۈرمەنلەرنى گوللىماي نەقمەيدان قويۇڭلار، ناچارلىقىڭلارنى چاندۇرماي.
4.باھالىغۇچىلار، مېنىڭچە باھالىغۇچىلارنىڭ باھالاش سەننىتى ناھايىتى تۆۋەن، ئانچىكى نومۇرلارغا شۇنداق دەبدەبىلىك ماختاش سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ بىرەرسىنى ئانداق مانداق دەپ بىرە ئېغىز كەمچىللىكىنى كۆرسىتىپ بەرمىسە نىمگە باھالىغۇچى ئۇلار، شۇ مۇشۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن، بىلىملىك دەپ باھالىغۇچى قىلغاندىكىن تاماشىبىن رازى بولغۇدەك بىر جاۋاپ بېرىشى كېرەك، ياخشى ياماننى .ئېنىق ئايرىپ تاماشىبىنلارغا تاللاشقا ئازىراق يول كۆرسىتىشى كېرەك ، تاللاش ھوقوقىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈرمەنلەرگە تاشلاپ بەرسە ئېننىق ناھەقچىلىك چىقمامدۇ، دوسلىرىغىلا بېلەت تاشلاپ !!!!
5.بېلەت تاشلاش ئۇسۇلىنى قەتتى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك!
6.‹يېڭى ناۋا› پىراگىراممىسىغا قاتناشقان ھەربىر ئەزاغا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئىجادىيىتىنى ئېلىك كېلىپ تىزىملىتىشى كېرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا كىمنىڭ ھەقىقى تالانتلىقلىقىغا ئاۋام خەلىق ئەڭ توغرا باھالارنى بېرەلەيدۇ ، رىقابەت كۈچىمۇ ئاشىدۇ، بىزمۇ يېڭى يېڭى ناخشىلارنى ئاڭلىيالايمىز.
7.يەنە شۇ رىياسەتچىلەر.
8.يەنە شۇ رىياسەتچىلەر....
9.يەنە شۇ .. ئىشقىپ سەۋىيەسىنى ئۆستەمىسە قەتتى بولمايدۇ، 4 ئېغىز گەپنى باغلاپ دىيەممىسە رىيەسەتچىلىك دىگەن قوي باققاننىڭ ئورنىدا قىلىدىغان ئىش ئەمەستە .