wahxi يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 06:55 PM
تىرىشىپ بىرىنچى بولۇپ ئوقۇيالىسا ھۆكۈمەت ھازىر ھەقسىز ...
سىز مېنىڭ Story/Man گە قايتۇرغان جاۋابىمنى كۆرۈپ بېقىڭ.
دېمەككى، يانىلا مۇنتېزىم مەكتەپكە كىرىش تاماسىدا كاللا كاتتۇرۇپ، پۇل بولمىسا ئوقۇشتىن توختاش ھىسياتىدا بولۇش قەتئىي توغرا ئەمەس! ئەسلى يازمىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، توغرىسى ئاللاھنىڭ «ئوقۇ!» دېگەن خىتاۋى ۋە ئاتا قىلغان ئەقىل - پاراسىتىگە مۇناسىپ ، شەرت-شارايىت تاللاپ ئولتۇرماي «كىتاپخانا» ، «كۇتۇپخانا» لارنى نەزىرىيە دەرسخانىسى ، بى پايان تۇرمۇش مەيدانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش دەرسخانىسى قىلىپ ئۆگۈنۈشتۇر. مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، لەنەت تەككۈر ئاتالمىش« سىنىپىي سىياسەت » نىڭ قۇربانى بولۇپ ئالى مەكتەپكە بارالمىغاندىن كېيىنكى ئوقۇش، بىلىم ئاشۇرۇشتا تاللىغان يولۇم مۇشۇنداق بولغان. ئىنشا ئاللاھ يىل ئاخىرىدا ئىزدىنىش-تىرىشچانلىقلىرىمنىڭ نەتىجىسى روياپقا چىققۇسى.....!