hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 12:37 AM
بۇرۇن ئەسەرگە قەلەم ھەققى كېلەتتى، ھازىر كومپيۇتىرد ...
بۇرۇن قەلەمدە يازىدىغان ۋاقىتتا «قەلەم ھەققى » بېرىلەتتى. ھازىر كومپىيۇتېردا باسقاندىن «كوپمىيۇتېر ھەققى» بەرسە بولامدىكىن ھە؟
چاقچاق.... «قەلەم ھەققى» دېگەن بۇ بىر ئاتالغۇ. ئۇنى ھەرگىز سۆزمۇ سۆز چۈشىنىپ قالماڭ. ئەلۋەتتە، بۇرۇنقى مەتبئە تەرەققىي قىلمىغان دەۋرلەردە، مەخسۇس كۆچۈرگۈچى ۋە پۈتۈكچىلەر بار ئىدى. ئۇلار قەلەم ئارقىلىق پۇل تاپقاچقا (ئەلۋەتتە، ھەممە قەلەمشكەلەر ئۇنداق ئەمەس) ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ھەقنى «قەلەم ھەققى» دەپ ئالغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ سۆز ھازىر ئاللىبۇرۇن قېلىپلىشىپ، سۆز مەنىسىنى ئەمەس «قەلەم ھەققى» دېگەن بىرىكمە ھالىتىدىكى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.
ئۇنداق ھەممە ژورناللارنى بىر تاياقتا ھەيدەپ كەتمەڭ. نۇرغۇن ژورناللار يەنىلا ئادىل. ئۇلار سەرخىل ماقالىلەرنى قەلەم ھەققى بېرىپ تۇرۇپ ژورنالغا باسىدۇ. ھەرگىزمۇ ئاپتوردىن «قەلەم ھەققى » ئېلىپ تۇرۇپ ئەمەس. ئەلۋەتتە، مەنمۇ ئاڭلىدىم، بەزى ژورناللار راستىنلا ئاپتورلاردىن «قەلەم ھەققى » ئېلىپ ئاندىن ئەسەرنى ژوررنالغا بېرىدىكەن. ( ئەمما، مەن بۇنداق ژونالدىن پەقەت بىرنىلا ئاڭلاپ باقتىم )
ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قوياي، مەن ھېچقانداق ژورنالدا ئىشلىمەيمەن جۇمۇ. مېنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭ يەنە.