مارشال يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 10:41 PM , \, K4 b0 e: {! O
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان،ياخشى تۇرۋىتامسىز؟. q) q3 r1 }( g6 ~+ f' k
بىلىم ...
2 p- P, a( S) Xۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مەشئەل،
- a9 A% N3 X) x( ^+ ?/ r) u0 @! g8 [$ G! }0 l
يازمىلىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىز ۋە ئەھۋال سورىغىنىڭىزدىن ناھايتى مەمنۇن بولدۇم. ۋەتەننى سېغىنىشىدا يۈرەك پۇچلىنىپ، يۇرتنى بىر كۆرۈشكە زار بولۇپ، ۋەتەنگە قايتىدىغان شۇ كۈنلەرگە تۆت كۆز بىلەن تەلمۈرۈپ يۈرگىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناھايتى ياخشى تۇرۋاتىمەن، ئىنشائاللاھ. ياخشى تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! سىزنىڭمۇ ياخشى تۇرۋاتقان بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن.
/ b, X* J% d% ^2 R
' V6 \5 L: F5 s) f: C: Pئۆزۈم ئەڭ قىزىقىدىغان ھاياتلىق ھادىسىلىرى توغرىسىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئاز بولسىمۇ جامائەتكە سۇنالىغانلىقىمدىن، سىزدەك مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ مېنى قوللاپ يازغان ماقالىلىرىمنى ۋاقتى-ۋاقتىدا تەستىقلاپ تور ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ۋە كىشىلىرىمىزدە ھاياتلىق ھادىسىلىرىگە قارىتا ئازراق بولسىمۇ قىزىقىش، چۈشىنىش ھاسىل قىلالىغانلىقىمدىن ئۆزەمنى تولىمۇ بەخىتلىك سېزىمەن. سىلەرنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىشى بولىدىكەن، يەنە داۋاملىق تىرىشىپ كىشىنى ئاجايىپ قىزىقتۇرىدىغان ھاياتلىق پەنلىرىنىڭ سېھىرلىرى بىلەن كىشىلەرنى ئازراق بولسىمۇ سېھرلىيەلىسەم دىگەن ئارزۇدىمەن. يازمىلىرىمغا بەرگەن باھالىرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم ۋە شۇنىڭغا لايىقلىشىشقا يەنىمۇ تىرىشىمەن.
7 T/ q$ D! N& ]' p0 h. v, k
9 L: Z+ b; H Q7 S1 f
بىئولوگىيە پېنىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىغا كەلسەك، «بىئولوگىيە»، «بىئوتېخنىكىسى» دىگەندەك سۆزلەر ئاللىقاچان ئىستىمالغا ئايلىنىپ ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، دەپ ئويلايتتىم. ئەگەر بۇ سۆزلەر كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىدىن ھېلىھەم يىراق بولسا (ئەمەليەتتە تىلشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىنى ساقلاۋاتقان ئەمەلىي مەسلىلەر ۋە تىمىلار مۇشۇنداق نۇرغۇن)، ئۇ ھالدا سىز تىلغا ئالغان ئىككى سۆزدىن مەن «ھاياتلىق ئىلىمى» دىگەن سۆزنى «بىئولوگىيە» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەك بەكرەك مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.
0 k2 s5 h! J' j# V: c& ]
% r$ ]' L$ f5 A0 c8 {7 q3 c: dمەن سىز گېپىنى قىلىۋاتقان ماقالىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، بولسا مەنزىلىنى يوللاپ قويسىڭىز مەنمۇ كۆرۈپ باقاي.
/ o! h& E- g* D
ئاڭلىماققا، «جان بىلىك» دىگەن سۆز ھازىرقى زاماندا بىزگە ناھايتى يىڭىچە تۇيۇلىدىكەن ھەم سەل قۇلاققا سېڭمەيدىكەن. «ھاياتلىق» سۆزى ئېنگلىزچىدىكى «bio» دىگەن سۆز مەنىسىنى بەرسە، ئەمەليەتتە ئېنگىلىزچىدىكى «logy» قوشۇمچىسى ئۇيغۇرچىدىكى «-شۇناسلىق» قوشۇمچىسىغا دەل چۈشىدۇ. شۇنداقكەن نېمىشقا «ھاياتلىقشۇناسلىق» دەپ ئاتىمايمىز؟ مەنچە «ھاياتلىق ئىلىمى» دىگەن سۆزمۇ بولىدۇ، لىكىن بىرلا سۆز بىلەن ئاتىماقچى بولساق «ھاياتلىقشۇناسلىق» دەپ ئاتىسا بەكرەك مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن. قالغىنى، تىلشۇناسلىرىمىز بەلكىم تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئاممىباپ بىر ئۇيغۇرچە ئىسىمنى ياساپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەقتە مېنىڭ قارىشىمنى سورىغانلىقىڭىزغا رەھمەت.
+ J: j0 c/ {% M5 a6 v! j" R