hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 01:50 AM
قارىسام ئىلىم پەنگە تولىمۇ قىزىقىدىكەنسىز، شۇقىزى ...
چاقچاققا ئۇستا ئادەمكەنسىز ھەم ئۆزىڭىزگە ھەددېدىن زىيادە ئىشىنىدىكەنسىز. بۇ ماقالە سىزگە بىرسى كۆچۈرۈپ يازغان ياكى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەن ماقالىدەك تەسىر بەرگەن بولسا ئەقلىڭىز شۇنچىلىك ئوخشايدۇ. ئىنسانلار بىر تەن ھۆجەيرىدىن پايدىلىنىپ تېخى بىر ئەزانى يىتلدۈرۈپ باقمىدى، تۆرەلمىدىن ئايرىپ ئالغان ھۆجەيرىلەردىن يىتىلدۈرگەن ئەزالارمۇ تېخى ئىشلىتىلگىنىگە ئۇزاق بولمىدى. مېنى بۇنى بىلمەي قاپسىز داۋاتىسىز، كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى بايقاپ گەپ قىلىشنى ئۆگىنۋىلىڭ.
مەن 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامرىكا پېنسىلۋانىيە شىتاتلىق ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلىمىي جەمئىيتى، Society for the Study of Reproduction, SSR» نىڭ 45-قېتىملىق يىللىق يىغىنىغا دوكلات سۆزلىگىلى بارغىنىمدا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئورگان يىشتۈرگۈچى ئالىم، ئورگان يىتىشتۈرۈش ئاتىسى دەپ ئاتالغان دوكتۇر Anthony Atala بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكەن. شۇ كۈنى ئۇنىڭ دوكلاتىدىن كىيىن باشقا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ دوۋسۇننى تۆرەلمە ھۆجەيرىلىرىدىن يىتىشتۈرۈپ بىر 12 ياشلىق ئوغۇل بالىغا كۆچۈرۈپ ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ۋە بۇنىڭ دۇنيا تارىخدىكى تۇنجى ھۆجەيرىدىن يتىشتۈرۈلگەن ئەزا بولغاچقا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلگە سالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ مۇشۇ خىل تەتقىقاتقا قىزىقىپ غەلبە قازانغانلىقى توغرىسىدا تەپسلىي پاراڭلاشقان. مېنىڭ بۇ ساھەدىكى كونسىدىن تارتىپ ئەڭ يىڭىسىغىچە تەتقىقاتلاردىن ئوبدان خەۋىرىم بار. بۇ كىشىنى سىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن بىلەلەيسىز:
http://www.wakehealth.edu/Research/WFIRM/Anthony-Atala,-MD,-Director-and-Chair.htm
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئاختۇرسىڭىز بۇ كىشىنىڭ شۇ قېتىملىق يىغىندا تەكلىپلىك سۆزلىگۈچى بولغانلىقى ۋە كۆپىيىش بىئولوگىيىسى كەسپىدىكى تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇنازىرىدە بولغانلىقى توغرىسدىكى ئۇچۇرلارنى ۋە پىقىرنىڭ ئىسمى ۋە سۆزلىگەن دوكلاتىنىڭ تىمىسىنى بىلەلەيسىز:
http://www.ssr.org/12Schedule.shtml
مانا بۇ يىل ئوقۇشۇممۇ پۈتتى ھەم مەن كۆپىيىش بىئولوگىيسىدىكى ئەڭ يىڭى تەتقىقات تىمىلىرىدا دىسسرتاتسىيەمنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ يەنە مۇشۇ كەسپىمدە تېكساس ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرستىتدا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتىمنى باشلاش ئالدىدىمەن.
بىلمىگەننى بىلگەنلەردىن سوراپ ئۆگىنىش كەمتەرلىك ۋە ئەقلىي قائىدە. سىزنىڭ ماڭا ئۆگەتكۈدەك بىلىملىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن، شۇلار توغرىسىدا ماڭا ئۆگىتىپ قويماقچى بولسىڭىز، مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن. لىكىن ماۋۇ مەن 12 يىلدىن بۇيان كەسىپ قىلپ ئۆگەنگەن پەنگە كەلگەندە ماڭا ئۆگىتىمەن دىسىڭىز، سەل كىشىنىڭ غىدىقىنى قوزغايدىكەن. مەن كەمتەر كىشىلەرگە ناھايتى كەمتەرمەن، لىكىن ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئالدىدا ھەم مېنىڭمۇ ئۆزەمگە ئىشنىدىغانلىقىمنى ۋە ئەمەليەتتە بىلمەي سۆزلەشنىڭ كۈلىكىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاشقا قىلچە ئىككىلەنمەيمەن. بۇندىن كىيىن ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان تىمىلاردا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش تەكلىپىنى بىرىمەن. ئاڭلىمىسىڭىزمۇ ئىختىارىڭىز ئەلۋەتتە؛ سىز بىلەن بۇ توغۇردا گەپ تالىشىپ يۈرمەيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-24 03:21 AM