مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئەرتۇرا

بىز ئۇيغۇرلار قانداق خەلق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35372
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 07:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.....ھىندىستان ئارىيان ساكلىرى ،تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى...

ــــــــ
تۇخارلارنىڭ ‹سەيجوڭ›(ساك تۈركۈمى) نىڭ تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ‹تۇخار ساكلىرى›دەپ ئالسىڭىز بولار ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 08:02:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qilanqi8 ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-24 06:56 PM
ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ 2000-3000ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺩﺍﻟﯩﺲ ...

ناھايىتى ياخشىلىق تارىخى ئۇچۇر بىلەن بىزنى خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 09:52:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             ئۇيغۇر تارىخى
     دەرۋەقە بىزنىڭ مىللىتىمىز يۈزەكى چۈشەنچىلەر سەۋەپلىك «ئازسانلىق»  ھېساپلانسىمۇ، ئەمىلىيەتتە دۇنيا بۇيىچە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەت.
تارىخ بۇنىڭغا شاھىتكى،ئىنگىلىز تارىخشۇناسى، ئارخېئولوگ جەيمز چېچۋود  (  James Churchward )   ( بەزىلەر خاتا ھالدا ‹ جېيمس چېچۋارد › ، ‹ جامېس چۇچۋارد › دەپ يېزىشىۋاتىدۇ . بۇ توغرۇلۇق ئايرىم توختىلىمەن )نىڭ بايانى نۆۋەتتىكى پىكىر – چۈشەنچىلىرىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ، ئەلبەتتە .  
جەيمز چېچۋود 50 يىللىق  تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە يېزىپ چىققان ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە كىتاۋى « مۇ قۇرۇغلۇقى » دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا ، ئىنسانىيەت ناھايىتى بۇرۇنلا « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا پەيدا بولغان .
ئاپتور كىتاۋىدا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى دەلىللىگەن ......!!!
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا يەنە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ ، كىتاپنىڭ ھەر ــ بىر بابىدىن دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۇچرىتالايمىز.
ئاپتور ، « مۇ  قۇرۇغلۇقى » مەۋجۇت دەۋردە ، بۇ كونا قۇرۇغلۇقتا ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولىشىغا مۇستەھكەم ئاساسلارنى سالغان يادرولۇق مىللەت ئىكەنلىگىنى ، دېمەك پارلاق ئىنسانىي مەدەنىيەتنىڭ تۇنجى قەدىمقى ئۇستازى دەل ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ، ئۇيغۇرلار «بۇيۇك ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسى «نى قۇرۇپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىلىم –پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ، ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە گۈللىنىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئېلىپ ، بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تېرىتۇرىيىسى ، قۇدرىتى ، تەسىرى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپلىگەن تارىخىي ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ ئىلغار خەلق بولۇپ ، ئاسترونومىيە ، مېتاللورگىيە ، توقۇمىچىلىق سانائىتى ، بىناكارلىق ، ماتېماتىكا ، زىرائەت يېتىشتۈرۈش ، مائارىپ ، دوختۇرلۇق ــ تىبابەت ۋە باشقا جەھەتلەردە بىلىملىك خەلق ئىدى ، يىپەك ، تاختا ۋە مېتال ئۈستىگە خىلمۇ ـ خىل گۈل –نەقشلەرنى چىقىرىشنىڭ ئۇستىلىرى ئىدى . ئالتۇن ، كۈمۈش ، برونزا ( تۇچ ) ۋە سېغىز توپىلاردىن ھەيكەل ياسىيالايتتى . بۇ ، مىسىر تارىخىنىڭ باشلىنىشىدىن ئىلگىرىكى ئەھۋاللار ئىدى »دەپ كۆرسىتىدۇ .
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەردىن مەلۇمكى ، ئۇيغۇرلار مانا شۇنداق قۇدرەتلىك ئېمپىرىيە ھالىتىدە دۇنيانى باشقۇرغان ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ ، پۈتكۈل دۇنياغا مائارىپ ، ئىلىم –پەن ، مەدەنىيەت –سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئالاھىدە ئەتۋا ئۇستاز بولۇپ تۇنۇلغان .
ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ مەنبىئى بولغان بىر مىللەتئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ شۇ كىتاۋىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ھېچ قانداق شۈبھىلەنمەي ئېيتىش كېرەككى ، شەرىقى ياۋرۇپا مىللەتلىرى تاغلارنىڭ ھاسىل بولىشىدىن ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر ...سىلاۋيانلار ، تېۋتونلار ، كېلىتلار ، ئىرلاندىيىلىكلەر ، برېتونلار ۋە باسىكلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر دېگەن يىلتىزدىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنلەر .برېتونلار ، باسىكلار ۋە ھەقىقىي ئىرلاندىيىلىكلەر ياۋرۇپاغا كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماگېنتلىق ئاپەت ۋە تاغلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدىن ئامان قالغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . »
ئاپتور كىتاۋىدا يەنە زامانىمىزدىكى ھىندىستانلىقلار ۋە پارسلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق شەرھىلىگەن :«ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنىڭ غەربىي ـ جەنۇبىدا تاغلار ھاسىل بولغاندىن كېيىن ، ئامان قالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرى ، ئېمپىرىيە ھالاك بولۇپ 8 ــ 10 مىڭ يىلدىن كېيىن تەنتەنىلىك رەۋىشتە قايتا تارىخىي سەھنىگە چىقتى . ئۇلار داۋانلار ئارقېلىق تۈزلەڭلىكلەرگە يول ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ تاغلاردىكى ماكانلىرىنى تۆت تۈركۈم بولۇپ تاشلاپ كېتىشتى . ... تاغلاردىن بىرىنچى تۈركۈمدە ھىندىقۇش تاغلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار چۈشكەن . ،... بۇلار كېيىن ھىندۇ ــ ئارىيانلار سۈپىتىدە مەلۇم بولدى . .... بۇ كۆچۈش مىلادىدىدن ئىلگىرىكى 2000 ـ 1800 ـ يىللىرى باشلىنىپ ، مىلادىدن 1500 ـ يىلى ئاياقلاشقان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان بۇ ھىندۇ – ئارىيانلار نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ، ئاۋغانىستان ۋە كەشمىر ئارقىلىق ، ھىندىستان ۋادىلىرى يۆنىلىشىدە ئالغا ئىلگىرلەپ ، ئاخىرى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەقىقىي تۇرغۇنلىرى بولغان ناگا – مايالارنى سىقىپ چىقىرىپ ، پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستاننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ....بۇ ، ھىندىستاندا ھەممىلا يەرگە تارقالغان ھازىرقى ئىنسان تىپىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئېلىپ كەلدى . تەخمىنەن شۇ دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ شىمالىدىراق ياشىغانلىرى ، پەس داۋانلار ئارقىلىق ئىران دالاسى بىلەن پارىس قولتۇغىنىڭ شەرىقى ـ شىمال قىرغىقىدىكى رايۇنلارغا چۈشكەن .بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنرەك پارسلار دەپ ئاتالدى .ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئوڭاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ ، كاسپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىغا ، ئەرمەنىستان ۋە زاگروس تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى مىدىيە دەپ ئاتىلىدىغان يەرلەرگە ئورۇنلاشتى .بۇ يەرگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار بولسا مىدىيانلار نامىنى ئالدى . مىدىيانلارمۇ ، پارسلارمۇ « مۇ قۇرۇغلۇقى » دا ياشىغان « ئاخ رايا » قەبىلىلىرىدىن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق پەيدا بولغان ئارىيانلاردۇر .ئۇلار يانىلا تىنچ ئوكياندىن ئۆتۈپ ئاسيا ۋە ياۋرۇپادا ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلغان بۇيۇك ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ خەلقلەرنىڭ ئىرقى تەئەللۇقلىغى ، تىلى ۋە دىنى بىر ـ بىرىگە ناھايىتى ئوخشۇشۇپ كېتىدۇ . ئۇلار ئەزەلدىنلا بىر خەلق تۇرسا ، باشقىچە بولىشى مۇمكىنمىدى ؟ »
ئەلبەتتەكى ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن ھىندى ، پارس مىللەتلىرىنىڭ تىلى ، ئۆرپ –ئادەتلىرى ، تۇرمۇش ئۇسۇلى ، چىراي شەكلى ، بەدەن تۈزۈلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار بىزنى ئاپتور «قېدىمقى قۇرۇقلۇق مۇ » ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارغا قارىتا سالماق مۇئامىلىدە بولۇشقا ئىندەيدۇ .... !
ئاپتور بۇ كىتاۋىدا « ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىكى ۋەتىنى (« مۇ قۇرۇغلۇقى » ) بارلىق قېدىمقى يېزىقلارنىڭ ئاچقۇچى » دەپ يېزىپ ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پاكىت ـ دەلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، « سېھىرلىك يېزىق » توغرۇلۇق توختالغىنىدا ئۇيغۇرلارنى دەرھاللا تىلغا ئېلىپ ، «ئۇيغۇرلار بولسا ئادەتتە سانلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تىك ياكى تۈز سىزىقلاردىن پايدىلانغان،...»دەپ كۆرسىتىدۇ .
ئاپتور « مۇنىڭ قۇتسال سىمۋوللىرى » ناملىق كىتابىدا بولسا : « پۈتكۈل مۇ مەدەنىيىتى دەۋرىدىكى ئىنسانلار ئۇيغۇرلارنىڭكىنى ئاساسلىق ھالدا تاللىغان . ....... ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقات ، بىلىم ، ئىجتىمائىي ھايات ، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسان بىلەن كائىنات ئارىسىدىكى قۇرۇلمىلار جەھەتتىن قالدۇرۇپ كەتكەن ئاساسلار ناھايىتى توغرىدۇر . » دەپ يازىدۇ .
مەلۇمكى ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە تۇنجى ماكانى توغرۇلۇق ياۋرۇپا تارىخچىلىرى قېدىمقى مىسىر ، ۋاۋىلون ، گرىتسىيە ۋە رىم ئېمپىرىيىسى ، ئاندىن قالسا جۇڭگۇ ۋە ھىندىستاننى تىلغا ئېلىشىدۇ .  
ئەمما جەيمز چېچۋود 50 يىللىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ سەمەرىلىك مېۋىسى بولغان « ئۇلۇق ئۇيغۇر ئېمپىرىيىسى » ناملىق كىتاۋىدا بۇنى رەت قىلىپ ، مۇنداق دەيدۇ :« ئۇيغۇرلار مۇندىن 20000 يىل بۇرۇنلا مەدەنىيەتنىڭ يۇقېرى پەللىسىگە يەتكەن . ئۇلار ئاسترونومىيە ، كانچىلىق توقۇمىچىلىق ، ئارخېولوگىيە ، ماتېماتىكا ، يېزا ئېگىلىگى ، يېزىق ، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا پەنلەرنى بىلەتتى .ئۇلار يىپەك ، مېتال ۋە ياغاچتىن ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى تەييارلاشقا ماھىر ئىدى .ئالتۇن ، كۈمۈش ، برۇنزا ۋە لايدىن ھەيكەللەرنى ياسايتتى .بۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر مەدەنىيىتى پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن .قېدىمىي گرېك ، خالدېي ، ۋاۋىلونلار ، پارسلار ، مىسىرلىقلار ۋە ھىندىلارنىڭ مەدەنىيىتى قېدىمىي «مۇ » دەۋرىدە يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئاساسىدا پەيدا بولغان .» ( ئۇيغۇرچە نەشرى ، 14 – بەت )
ئەمدى، مىللىتىمىزنىڭ مانا شۇنداق تەڭداشسىز دېگۈدەك كۆپ سانلىق مىللەت ئىكەنلىگى ۋە ئىلىم –مەرىپەتتە ئاجايىپ ئىلغار ئىكەنلىگىنى زامانىمىزدىكى مەشھۇر ئالىملارمۇ چۇڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
بۇ يەردە قىسقىچە تىلغا ئالىدىغان بولسام، تۈركىيەلىك مەشھۇر ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ئوكتاي سىنان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ : « ئوقۇغان ۋە كۆرگەنلىرىمگە ئاساسەن ، بىر دۆلەتنىڭ ، بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بەخت –سائادىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئېڭىنى تارىختا تۇنجى قېتىم نامايان قىلغانلار ئۇيغۇرلاردۇر ......ئوسمانلىق مىڭ يىل بۇرۇن ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينۇتۇپ كېلىپ دۆلەت قۇرغان بولدى . ئات مىنىپ قىلىچ ئوينۇتۇپ كەلگەن بىر مىليون كۆچمەننىڭ ساغلام مۇئەسسەلىرى بىلەن 600 يىل دۆلەت قۇرالىغىنى نەدە بار؟ ئۇ شەكىلدە ، مەسىلەن ئاۋارلاركىلىپ ياۋرۇپانى تۇمانغا ئايلاندۇرىۋەتتى . ئەمما 50 يىلدىن كېيىن ئاتلىرى ۋە باشقا ھىچ نىمىلىرى قالماي تۈگەشتى . .... » ، « بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ياخشى تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان ئەمەس، ئۇيغۇرچىنى بىلىدىغان مىڭلىغان مۇتەخەسىسـلەرنى يېتىشتۈرۈپ ئون مىڭلىغان ۋەسىقىلەر ـ نى تەتقىق قىلدۇرۇش لازىم. » ( تەتقىقاتچى يازغۇچى تۇرغاي تۈپەكچى ئوغلى: « پروفېسسور دوكتۇرئوكتاي سىنان ئوغلى ۋە تۈركچە » ، 289 - 290 – بەتلەر ) .« تارىختا بۇيۇك بىر تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىمىز بار .ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن بۇيۇك مەدەنىيەتلىرىمىز بار . بىز ئاسيادىن ئۇنداق ئىككى مىليۇن كۆچمەن سۈپىتىدە كەلمىدۇق . ئۇنداق قۇرۇلغان ئىمپېراتۇرلۇق 600 يىل داۋام قىلالامدۇ ؟ » ، « ئۇيغۇر تۈركلىرى دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋە ئۆتمۈشىدىكى ئەڭ بۇيۇك ، ئەڭ ئىنسانىي مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئىدى . ئىنساننىڭ باياشاتلىقى ، ھۇزۇرى ۋە بەخت –سائادىتىنى ئاساس قىلغان دۆلەت ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يۇرت سورىغانلارمۇ ئۇيغۇرلاردۇر .باشقا تۈرك دۆلەتلىرى ۋە ئاخىرىدا ئوسمانلىقلارمۇ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بۇيىچە داۋاملاشتۇرغان . » ( شۇ كىتاپ ، 252 – بەت ) ،  « تۈرك دۇنياسى ، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانلار  ئۇيغۇرلارغا كۆپ جەھەتتىن قەرزدار .ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇيۇك مەدەنىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . دۇنيا بۇيىچە ئىنساننىڭ بەخت –سائادەتلىك بولىشىنى ئالدىنىقى رەتتە قويغان دۆلەت باشقۇرۇش ئېڭىنى ۋە تۈزۈلمىسىنى ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋە تېخنىكىنى ، ئەڭ ئىلغار تېرىقچىلىق ۋە سۇغۇرۇش ۋە بوستانلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۇلار ئىجات قىلغان.ئوسمانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېيىنكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ بۇيۇك مۇۋاپپىقىيەتلىرى مانا شۇ ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ... 20 يىل بۇرۇن ياپۇنىيىدىكى جىددىي ئىزدىنىشلىرىم جەريانىدا ياپۇنلارنىڭ دىققىتى قوزغالدى .ھازىر ئۇلار تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى . بىز ياپۇنلار بىلەن بىرلىشىپ « ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىش مەركىزى » نى قۇرىشىمىز لازىم . ئوسمانلىق ئارخىپ بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر بىلىم قوشۇنى يېنىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ، يېزىغى ۋە تارىخى بۇيىچە كۆپلىگەن مۇتەخەسىسلەرنى  تېزلىكتە  يېتىشتۈرىشىمىز لازىم .» ( شۇ كىتاپ ، 283 – بەت )
ئويغۇرشۇناس ئالىم ئاخمەت جافەر ئوغلى بولسا « تۈرك تىلى تارىخى » ، « قېدىمقى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى » ناملىق كىتاپلىرىدا ئويغۇرلا ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىغى توغرۇلۇق كەڭ سەھىپە ئاجرىتىپ تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن . بۇ يەردە قىسقىچە كۆرىدىغان بولساق ، « تۈرك تىلى تارىخى » ناملىق كىتاۋىدا مونۇلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ :  « 5 – ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى ئۆز قەبىلىلىرى بىلەن ، خېلى كىيىن بولسا قوشۇلغان باشقا تۈرك قەبىلىلىرى بىلەن سىياسى بىرلىكنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسيا تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە تارقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان .» ( 150 – بەت ) ، « ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئەڭ باي مەزمۇندىكى تۈرك ئەدەبىياتى ئۇيغۇر يېزىغى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن .» ( شۇ كىتاپ ، 169 – بەت )
يەنە ، شۋېتسىيىلىك مەشھۇر تىلشۇناس گۇننار يارىڭ « ئۇيغۇر تىلى » ناملىق 4 توملۇق كىتاۋىنى يازغان بولسا ، گېرمانىيىلىك پروفېسسور گابائىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، دىنىي ئېتىقادى ، تىل - يېزىغى ۋە مەدەنىيەت – سەنئىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈن ئۆمرىنى بېغىشلىغانكى ، ئۆمۈرۋايەت تۇرمۇشلۇق بولماي ئالەمدىن ئۆتكەن ۋە ئاجايىپ قىممەتلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇپ ، ئۇنىڭ  بۇ جەھەتتە يېزىپ قالدۇرغان 10 نەچچە پارچە ئىلمىي ئەسىرى ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ۋە تەقرىزلىرى بار .
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن پاكىت- دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.
شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز ئۆز-ئۆزىمىزنى خۇنۇك، ئىقتىدارسىز كۆرۈشىمىزagsماكانىم تورى
كېرەكمۇ؟ باشقىلار ھەم  شۇنداق كۆرىشى كېرەكمۇ؟s
ياق، مىڭ مەرتىبە ياق! ئەگەر  ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇلسا بۇيۇك تارىخىي خاتالىق sسادىر قىلىنغان بولىدۇ!!!s

شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىز قەددىمىزنى رۇسلاپ، تارىخىي ئەنئەنىمىزگە ،
تارىخىي ئورنىمىزغا مۇناسىپ ھالدا ئىلگىرلەشكە جاسارەت بىلەن قەدەم تاشلىشىمىز  لازىم.

مانا ئەمدى قانداقراق ھېسىياتتا بولاۋاتىسىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 09:56:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق ۋەقانلىق تارىخى

شانلىق تارىخ
       ئەجداتلىرىمىز يىراق تارىخى دەۋېرلەردىن تارتىپ مۇڭغۇل ئىگىزلىكى ، تارىم ئۇيمانلىقى ، ئالتاي تەڭرى تاغ ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن بۇلۇپ ، ئۇلار ئۇزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات مۇساپىسىدە سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنيەت قاتارلىق ساھالەردە زۇر تەسىرى كۇچى بىلەن دۇنيا مەدىنيىتىگە ئۇچمەس تۇھپىلەرنى قۇشقان . بۇلۇپمۇ سىياسىي تارىخىغا نىسپەتەن مەدەنىيەت تارىخى تىخىمۇ ئىغىر سالماخنى ئىگەللىگەن بىز ئۇيغۇرلار ھەم بىر خانلىق بۇلۇش سۇپىتى بىلەن ھۇكۇم سۇرگەن دەۋېرلەردە ھەم يىقىلغاندىن كىيىنمۇ شۇنچە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۇز مەدىنيەتلىرىمىزنى ساقلاپ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرغانلىقىمىز بىلەن ئۇتتۇرا ئاسىيادىكى تۇكى تىللىق خەلىقلەر ئارىسىدا مۇھىم ئۇرۇننى تۇتۇپ كەلگەن .
ئۇيغۇر تارىخىنى قەدىمقى ئۇرۇقىمىز << دى >> دىن باشلاشقا بۇلىدۇ << دى >> لار دەل بىز ئۇيغۇرلار ، تۇرك ۋە ھۇنلارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇقىدۇ . ئۇلار ھازىرقى شىمالى جۇڭگۇ ، سىبىريە - يېنىساي رايۇنلىرى ، ئىچكى تاشقى مۇڭغۇل يايلاقلىرى ئەتراپىدا كۇچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ئۇتكۇزەتتى ، كىيىن << دى >> ئۇرۇقى بىر قانچە تارماق ئۇرۇقلارغا بۇلىندى ئۇلارنىڭ بىرى تارىخنى زىل زىلىگە سالغان ھۇنلاردۇر ، يەنە بىر تارماقلىرى << تىلى >> ، << گاۋچى >> دىگەن دەل ئۇيغۇر ۋە قەدىمى كۇك تۇرۇكلەرنى كۇرسىتىدۇ .
1 - ھۇنلار قۇرغان قۇدرەتلىك ئىمپىريە مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 - ئەسىردىن مىلادى 5 - ئەسىرگىچە ( 800 يىل ) مۇڭغۇل يايلىقى ، ئۇتتۇرا تۇزلەڭلىك ، پۇتكۇل ئۇتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ، غەربى ، جەنۇبى ياۋرۇپادا پائالىيەت ئىلىپ بىرىپ دۇنيا تارىخىغا غايەت زۇر تەسىر كۇرسەتكەن . بۇ چاغلاردا << قاڭقىللار >> يەنى ئۇيغۇرلار ھۇن ئىمپىريىسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى ھەم ھۇن قەبىللىرىنىڭ بىرى ئىدى .
2 - قاڭقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە ئەزايى بۇلۇپ ، مىلادى 4 - ئەسىرگە كەلگەندە كۇچۇيۇپ << تۇلەس قەبىللەر ئىتىپاقى >> نى تەشكىل قىلغان ھەم ئۇز تەسىرىنى شەرقى ھىنگان تاغلىرىدىن غەرىپتە كاسپىي دىڭىزىغىچە ، شىمالدا سىبىريىدىن جەنۇپتا سەددىچىن سىپىلىغا يەتكۇزگەن ، 402 - يىلىغا كەلگەندە جۇجانلار تەرىپىدىن بۇي سۇندۇرغان . لىكىن ئۇلارنىڭ << پۇۋۇغۇر قەبىلىسى >> 487 - يىلى جۇجانلارغا قارشى جەڭ قىلىپ تۇرپان ئۇيمانلىقىدا << قاڭقىللار خانلىقى >> نى قۇرغان .
3 - مىلادى 500 - يىللاردىن كىيىن پۇتۇن ئىچكى تاشقى مۇڭغۇل رايۇنى ، ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنى ۋە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالى رايۇنى تۇرك ۋە ئۇيغۇر قەبىللىرى ئىگىدارچىلىقىدا بۇلدى ، ئىلگىرى كىيىن تۇرك خانلىقى ۋە ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلدى . مىلادى 552 - يىلى تۇرك خانى ئاشنا قاغان ھۇنلارنىڭ ئاخىرقى بىر تارمىقى بۇلغان << رۇرەن >> لەرنى يۇقۇتۇپ تۇرك خانلىقى قۇرۇدۇ . بۇ خانلىق شۇ رايۇنلاردىكى مىلادى 3 - ئەسىردىن بىرى چىچىلاڭغۇ ھالەتكە خاتىمە بىرىپ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئۇتتۇرسىدىن كىسىپ ئۇتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۇپ مىللەتلىك ( جۇملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ) رايۇن گەۋدىسى ھاسىل قىلىدۇ .
4 - مىلادى 583 - يىلى تۇرك ئىمپىريىسى ئىككىگە بۇلىنىدۇ ، بىرى غەربى تۇركىستان يەنە بىرى شەرقى تۇركىستان . بۇ چاغدا تۇرۇك زىمىنى غايەت زۇر زىمىن بۇلۇپ غەربى ھازىرقى ئىرانغا ، شەرقى ھازىرقى جۇڭگۇ لىياۋخى رايۇنىغا ، جەنۇبىي ھازىرقى شەنشى گەنسۇ ، شىمالى تاشقى مۇڭغۇليىنىڭ شىمالىدىنمۇ يىراق جايلارنى ئۇز ئىچىگە ئالدى . غەربى تۇركىستاننىڭ ئۇردىسى ھازىرقى كۇرلىغا قاراشلىق قارا شەھەردە ، شەرقى تۇركىستاننىڭ ئۇردىسى مۇڭغۇل يايلىقىدىكى ئۇرخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلدى .
5 - مىلادى 500 - 600 يىلىدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ئۇز قەبىللىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشقا باشلىنىدۇ ۋە تۇققۇز ئۇيغۇر ، تۇققۇز ئۇغۇز ۋە ئۇن ئۇيغۇر دىگەن قەبىلە ئىتىپاقى بىلەن << ئۇيغۇر >> دەپ ئاتاشقا باشلىنىدۇ . تەدرىجى تۇرىكلەردىن ئايرىلغان سىياسى گەۋدىگە ئايلىنىدۇ . سۇكۇن ئېركىن -- -- ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى . 605 - يىلى ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۇنجى بۇلۇپ غەربى تۇرۇكلەرنىڭ خانلىقىدىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان . تارىخى مەنبەلەردىن خاتىرلىنىشىچە سۇكۇن ئېركىن ئۇغلى بۇسات تىكىن 5 مىڭ ئاتلىق قۇشۇن بىلەن غەربى تۇرىكلەرنىڭ ئاخىرقى خانى ئىلىك ئۇغلى يۇقۇق شادنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قۇشۇنىنى تارمار قىلىدۇ .
6 - مىلادى 840 - يىلى ئۇيغۇر خانلىقىدا يۇز بەرگەن ئىچكى نىزا ئۇرخۇن ئۇيغۇر رايۇنىدا تارقالغان يۇقۇملۇق كىسەل سەۋەپلىك دۇلەت خاراپلىشىشىقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇردا ئىچىدىكى بىر مۇناپىق ۋەزىر شىمالدىكى قىرغىزلارنى باشلاپ كىلىدۇ ، 840 - يىلى قىرغىزلار 100 مىڭ قىرغىز قۇشۇنى بىلەن ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى يۇقۇتۇپ ، ئۇردۇبالىقنى ئىلىپ ، قىرغىز خانلىقى قۇرۇدۇ .
7 - 840 - يىلى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇن قەرىز بۇلۇپ ئۇيغۇرلار غەرىپكە قاراپ ئۇچكە بۇلۇنۇپ كۇچۇشكە باشلايدۇ . بىر قىسىمى ھازىرقى گەنسۇ - چىڭخەي رايۇنىدا گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇدۇ ، بىر قىسمى ئاقسۇنىڭ شىمالى ، تۇرپان ، قۇمۇل ، ئالتاي رايۇنى قاتارلىق جايلارغا كىلىپ يەرلىك ئۇيغۇر قەبىللىرى بۇلغان قارلۇق ، تۇخرى ، تۇركەش قەبىللىرى بىلەن بىر لىشىپ ئىدىقۇد ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇدۇ ، يەنە بىر قىسمى بۇلسا تىخىمۇ غەرىپكە كۇچۇپ ئاقسۇنىڭ جەنۇبى ، قەشقەر ، خۇتەن ، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ، بالاساغۇن ، بۇخارا ، سەمەرقەنىت ، ھازىرقى تاشكەنىت ۋە جانبۇر ( قازاقىستان ) رايۇنىدا يەرلىك ئۇيغۇر قەبىللىرى بۇلغان قارلۇق ، تۇخرى ، تۇركەش قەبىللىرى بىلەن بىرلىشىپ ۋە باشقا تۇرك قەبىللىرىنى ئۇزىگە بۇيسۇندۇرۇپ ئۇلۇغ قاراخانلار خاندانلىقىنى قۇرۇدۇ.




قانلىق تارىخ
1918 - يىلى 5 - ئايدا ، يىڭى تىكلىنىۋاتقان سوۋىت ھاكىمىيىتىنىڭ ئالمۇتانى ئىگەللىگەن قىزىل گىۋاردىيە قىسىملىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنى قارا - قۇيۇق قىرغىن قىلىشتەك قانلىق ۋەقە يۈز بەردى . مىللى كەمسىتىش ۋە مىللى زىيانكەشلىك قىلىش سۈيقەستى بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ قانلىق پاجىئە ئەينى ۋاقىتتا يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى ئىغىر بالايى ئاپەتكە دۇچار قىلىپ ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز جاراھەت قالدۇرغان .
يىڭى تىكلىنىۋاتقان سۆۋىت قىزىل ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنى بۈنچە قىرغىن قىلىدۇ ؟
1917 - يىلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى غەلىبە قىلىپ ، چار پادىشا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن ، تارمار قىلىنغان ئاقلار ئارمىيىسىنىڭ قالدۇقلىرى يوشۇرۇن تۈردە جاي - جايلارغا بىرىپ تەتۈر تەشۋىقات ئىلىپ بىرىپ ، كىشىلەرنى ئۆز تەرىپىگە ئۆتۈشكە ۋە سوۋىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا قۇتراتقان . ئاقلارنىڭ ئاز ساندىكى ئوفىتسىرلىرى ئالماتا تەۋەسىدىكى ھەر مىللەت ئاھالىسى ئارىسىدىمۇ << بولشىۋىكلار دىنغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنى جازالايدۇ ، شەخسىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋالىدۇ ..... >> دىگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئىلىپ بارىدۇ . بۇنداق تەشۋىقات يەتتە سۇ رايۇنىدىكى چىلەك قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىلىپ بىرىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى بۇنىڭغا ئىشىنىپ يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن سوۋىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەركەتلەرگە قاتناشقان . 1918 - يىلى فىۋرالنىڭ ئاخىرى بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار قارسۇ بولۇسلىقىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشلاپ ، كەتمەن - گۈرجەك ، ئارا - ئوغاققا ئوخشاش ئىنتايىن قالاق قوراللار بىلەن قوراللىنىپ قىزىل ئارمىيە ئىگەللىۋالغان ئالمۇتا سىپىلىغا ھۇجۇم قىلغان . سىپىل ئىچىدىكى مۇنتىزىم قوراللار بىلەن قوراللانغان قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى قاتتق قايتۇرما زەربە بىرىپ ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈ نىگە قەدەر ئىسيانچى ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي يوقاتقان . سىپىل ئىچىدىكى قىزىل گىۋاردىيە كوماندىرلىرى ئىۋان مامۇنتۇۋ ، مۇرايىۋلار مەسىلىگە ئىنتايىن خاتا ھالدا مىللەتچىلىك نۇقتىنەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، 1918 - يىلى 5- ئايدا ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچ ئىلىش خاراكتىرلىك جازا يۈرۇش قوزغىغان . مۇرايىۋ قوشۇنلىرى ئالماتادىن غالجاتقىچە بولغان چىلەك ، كىيىكۋاي ، ئىنچىكە بۇلاق ، قۇرام ، لاۋار ، مالىۋاي ، قاراتۇرۇق ، بايسىيىت ، قارا يوتا ، غەيرەت ، ئاۋات ، دولاتا ، تۈگمەن دىگەندەك ئۇيغۇر يىزا قىشلاقلىرىغا ھوجۇم قىلىپ ، ئالمۇتا سىپىلى ۋەقەسى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىگۇنا ئۇيغۇرلارنى قارا قۇيۇنلا رەھىمسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلغان .
بۇ پاجىئە ئەڭ دەسلەپ چوڭ ئاقسۇدىن باشلانغان . مۇرايىف قوشۇنلىرى ئىككى يۇزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى ئۇتتۇرا كوچا بىلەن ھايداپ كىلىپ ، سادىر ئىمام دىگەن كىشىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ، ئارقا تەرەپتىن پڭلۇمۇتقا تۇتقان . ئۆلمەي مىدىرلىغانلىرىنى نەيزە بىلەن سانجىپ ، تاپانچا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۇرگەن . كوچىمۇ - كوچا ، ئۇمۇ - ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتۇپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار ئوققا تۇتۇلغانغا قەدەر ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئوققا تۇتۇلىدىغانلىغىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەن . چىلەك ناھىيىسىنىڭ لاۋار ، ئىنچىكە بۇلاق دىگەن يىزىلىرىدىمۇ مۇرايىف قىسىملىرى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالدا قىرغىن قىلغان . لاۋارنىڭ ئكستەڭ سۇلىرى قىپ - قىزىل قانغا بويالغان . تۇگمەن يىزىسى ئاممىۋى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرقى چىكى بولۇپ ، بۇ يەردىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاھالىسى قىرىپ تاشلانشان . نەچچە كۇن داۋام قىلغان << ئاتۇ قىرغىنچىلىغى >> جەريانىدا ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ئۆلتۇرۇلگەن . پەقەت چىلەك يىزىسىنىڭ قۇرام يىزىسىدىلا 3000غا يىقىن ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان .
ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىنچىلىق داۋامىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۇشۇپ ئۇركۇپ كەتكەن سان - ساناقسىز ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جان قايغۇسىدا تەرەپ - تەرەپكە پىتراپ قىچىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان . بەزىلەر تاغ - ئكڭكۇرلەرگە يوشۇرۇنغان . بەزىلەر ئۇزاق سەپەرلەردە ھىرىپ - چارچاپ ، ئاچ - يالىڭاچ قىلىپ ھەر خىل كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئازاپ چەككەن ، يۇزلىگەن ئۇششاق بالىلار ۋە تىنى ئاجىز قىرىلار ئاچارچىلىق ۋە كىسەللىك بىلەن ئۆلۇپ كەتكەن . نۇرغۇنلىغان ئاھالە باشقا يۇرتلارغا ۋە چەتئەللەرگە قىچىپ كەتكەن . قىچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ مال - مۇلۇكلىرى تالان - تاراج قىلىنغان . قىسقىسى ، قىرغىنچىلىقتىن كىيىنكى سەرسانلىق - سەرگەندارلىق ۋە ئازاپلىق تۇرمۇش تىخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلغان . ناھەق قىرىپ تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرى ئۇزاق يىللارغىچە جۇدالىق ۋە ئۇۋالچىلىق دەردىنى تارتقان ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلانغان . دىمەك بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ كوپ قىسمى ئۇزاق مەزگىلىگىچە ئېسىگە كىلەلمىگەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11460
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8604
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3330 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا كىيۇ لار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32160
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10806
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2009 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:10:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان يېزىقلىرى


1. ئۇيغۇر تىلى




ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمىزدىكى ئۇزۇن تارىخقا، پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتلەردە ئۆز دەۋرىگە يارىشا خېلى يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئەمگەكچان خەلقلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يۇغۇرۇپ ئۆزىگە خاس پارلاق مىللىي مەدەنىيەت ياراتقان.
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە مۇرەككەپ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تارىخ زىممىسىگە يۈكلىگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن نەتىجىلىك چىقىپ،  دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا شانلىق تۆھپىلەرنى قوشۇپ تارىخ بېتىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان مۇنەۋۋەر خەلقتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرىقى تۈرك تىلى تارمىقىغا كىرىدىغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ ئالاقە قورالى قىلىپ كەلدى، ئۇيغۇر تىلى بۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيتى بويىچە تەرەققىي قىلىپ، ھەر جەھەتتىن بېيىپ، تاكامۇللىشىپ، ئىلمىيلىشىپ بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە، مۇرەككەپ، چوڭقۇر چۈشەنچىلەر ۋە ئۇقۇملارنى بىمالال گۈزەل تىل ۋاسىتىلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىەە ماسلىشالايدىغان نەپىس، باي تىلغا ئايلىنىپ، تۈركىي تىللار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى باي تىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ شەكىللەندى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىلادىينىڭ باشلىرىداىن 10-  ئەسىرگىچە ھەممە تۈركىي قەبىلىلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى؛ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ 10- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر چۈشىنىدىغان ئورتاق تىلغا ئايلانغانلىقى؛ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە «چاغاتاي تىلى»، «قەشقەر تىلى» دېگەن ناملار بىلەن شەرىقى تۈركىي خەلقلارنىڭ ئەدەبىي تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى؛ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەم سوتسىيالىستىك تۆتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى يۇقىرىقى پىكرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ.

يېزىق – تىلنىڭ ئالاقە ۋاسىتىسىلىك رولىنى كېڭەيتىدىغان، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم ياردەمچى ۋاسىتىسى. يېزىق – ئىنسانىيەت جەمئىيىتى خېلى تەرەققىي قىلغان دەۋرنىڭ مەھسۇلى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ھەمدە مۇرەككەپلىشىۋاتاقن ئالاقە ئېھتىياجىنىڭ تەقەززاسىدىن پەيدا بولغان.
ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا، يۈكسەك يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئۆزىنىڭ زور تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلگەن خەلقتۇر. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە ھەر خىل سىستېمىدىكى يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دەۋرمۇ دەۋر كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشىغان ھەر بىر تارىخىي دەۋردە ئۆز تىلىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ئۆز زامانىسىدا خېلى ئىلغار ھېسابلىنىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىقلاردىن پايدىلىنىپ كەلدى. 18- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن، موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرى ۋە سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرپان، جىمىسار، كۇچا، مارالبېشى، خوتەن، قارا شەھەر، چاقىلىق،  مىرەن قاتارلىق جايلىرىدىن ھەمدە گەنسۇ، چىڭخەي ئۆلكىلىرى ھەم دۇڭخۇاڭ قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان يازما يادىكارلىقلار، مەڭگۈ تاشلارغا يېزىلغان تەزكىرىلەر، كلاسسىك ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى، پەن-مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ئائىت بولغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تېپىلىشى ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمدىن تارتىپلا خېلى تەرەققىي قىلغان، پارلاق مەدەنىيەتكە، خېلى مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان مىللىي تىلغا ھەم بۇ تىلنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئېلىپبەلىك يېزىققا ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىختىن بۇيانقى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىدا قوللانغان يېزىقلىرى ۋە يۇقىرىقى جايلاردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ئىشلىتىلگەن يېزىقلار ھەققىدە ھازىر قولىمىزدا بار تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئارخېئولوگىيىلىك مەلۇماتلاردىن قارىغاندا سوغدى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، مانىي يېزىقى، براھمىي يېزىقى، ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى، توخرى يېزىقى، ساك يېزىقى، تۈبۈت (تىبەت) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق ئون نەچچە خىل يېزىق قوللىنىلغان. بۇلاردىن مەلۇم تارىخىي شارائىتتا مەلۇم قەۋم ئارىسىدا مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم دائىرىدە ئىشلىتىلگەن يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭدەك قوللىنىلىش دائىرىسى خېلى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى خېلى ئۇزۇن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان يېزىقلارمۇ ئۇچرايدۇ. يۇقىرىقىلاردىن قوللىنىلىش دائىرىسى كەڭ، قوللىنىلغان ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئورتاق قوللىنىلغان، تەسىرى چوڭراق، ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان يېزىقلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

2. ئۇيغۇر يېزىقلىرى




1. سوغدى يېزىقى


شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن، جۈملىدىن تۇرپان ناھىيىسىنىڭ يالقۇنتاغ يېزىسى، قاراغۇجا (قاراقۇجۇ) مەھەللىسىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قانچە قەدىمكى قەبرىدىن جەسەت بىلەن بىللە تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە تارشىغا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا سوغدى يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن خاتىرىلەر تېپىلدى. ئارخېئولوگىيە ئىلمى ۋە تارىخىي ماتېرىياللارنىڭ دەلىللىشىگە ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى 4-5 ئەسىرلەردە قوللانغان.

2- ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى


جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرى بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى موڭغۇلىيىدىكى ئورقۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن ھەم سىبىرىيىدىكى يېنسەي دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا، تېپىلغان ئورنىغا قاراپ ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى دەپ ئاتىغان. شۇ ۋاقىتتا بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن ئاساسىي خەلقنىڭ نامىغا قاراپ قەدىمكى تۈرك يېزىقى، كۆك تۈرك يېزىقى دېگەن ناملار بىلەن ئاتىغان. بۇ يېزىق يەنە شەكىل جەھەتتىن شىمالىي ياۋروپادىن تېپىلغان قەدىمكى گېرمانلار ئىشلەتكەن رونىك يېزىقىغا ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمكى تۈرك-رونىك يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. شۇنداقلا تۈركىي خەلقلار بۇ يېزىقنى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ئىشلەتكەن يېزىق بولغاچقا، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. بۇ ناملار پەقەت يېزىقشۇناسلار ۋە تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان ناملار ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يېزىقنىڭ ئەسلى دولبارچىن يېزىقى دەيدىغان نامىنىڭ بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات بىزگە كېيىنرەك مەلۇم بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يېزىقنى ئۆز نامى بىلەن دولبارچىن يېزىقى دەپ ئاتاش ھەققىدە ماقالىلەر يېزىلىپ، تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز بۇ دەرسلىكتە مەملىكىتىمىزدە كۆپرەك قوللىنىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشلۇق بولغان نامنى قوللاندۇق.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپ قوشۇپ يېزىلىدۇ. ئايرىم ئورۇنلاردا «~» سۆز ئايرىش بەلگىسى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە  ئالىملارنىڭ كۆز قارىشى بىردەك ئەمەس. بەزى تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىقنى ئۇيغۇرلار 5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە، يەنى، غەربكە كۆچۈشتىن ئىلگىرىكى مەزگىللەردە قوللانغان.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى، ئىتنوگرافىيىسىنى، تىل-يېزىقى، ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ ئاساسلىقى خاقانلار، قەبىلە باشلىقلىرى، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ قەھرىمانلىق ھاياتى، باتۇرلۇقى، تەسۋىرلەنگەن مەدھىيىلەر ۋە ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ھاياتلىقىدىكى تۆھبىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
1. چورىن مەڭگۈ تېشى.
2. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى.
3. كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى.
4. بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى.
5. كۇلچۇر مەڭگۈ تېشى.
6. مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى.
7. توققۇز ئوغۇز قاغانى مەڭگۈ تېشى.
8- سۇجى مەڭگۈ تېشى.
9. تېرخىن مەڭگۈ تېشى.
10. تەس مەڭگۈ تېشى ۋە باشقىلار

ئورقۇن-يېنسەي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى




3. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى


قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى كونا سوغدى يېزىقىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ، يېزىق تارىخىمىزدىكى يېڭى بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن ئىدىقۇت خانلىقى ۋە قاراخانىلار سۇلالىسىدە كەڭ قوللىنىلغان، جۈملىدىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى كۆپلىگەن تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئورتاق يېزىقى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىغا قارىغاندا شۇ دەۋر ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بىر قەدەر ئىلمىي يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلار ۋە قەبىلىلەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقانلىقى كېيىنكى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە جاھان تۈركشۇناسلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاندى. 10- ئەسىردە ياشىغان ۋە شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن مەشھۇر سەيياھ ۋاڭ يەندېنىڭ: «ئۇيغۇرلار شېئىر-قوشاق يېزىشقا ناھايىتى ھەۋەسمەن كېلىدىكەن، ئۆز يېزىقلىرىنى كۈندىلىك ھاجەتلىرىگە ئەدەبىي ئەسەر يېزىشقا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتىدىكەن. راھىبلارنىڭ قولىدا ئۇيغۇرچە يېزىلغان كىتابلار بەك كۆپ ئىكەن» دەپ يازغانلىقى بۇنىڭ ياخشى ئىسپاتى بولالايدۇ.
ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى 8- ئەسىردىن باشلاپ قوللانغان بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر جۈملىدىن، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى خېلى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ئىلگىرىكى ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى بىلەن قاتار قوللىنىپ كەلگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تۈركىي قەبىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن خېلى ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ شىنجاڭ زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 8-11- ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15- ئەسىرلەرگىچە، خۇراسان ۋە ئالتۇن ئوردىدا 16- ئەسىرگىچە، گەنسۇدا ياشىغۇچى يۇغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)لار ئارىسىدا بولسا، 19- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تارىختا باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان.  13- ئەسىردە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يېزىق موڭغۇل خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. 17- ئەسىردە موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. كېيىن مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبە يېزىقى ئىجاد قىلىنغان. 1748- يىلى بۇ يېزىقلار موڭغۇل ۋە مانجۇ تىللىرىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە لايىقلاشتۇرۇلۇپ، بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ياكى سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. بۇ يېزىقتا جەمئىي 23 ھەرپ بولۇپ، بەش ھەر سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 18 ھەرپ 21 ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سوزۇق تاۋۇشلاردىن «ئى، ئە» بىر ھەرپ بىلەن، «ئو، ئۇ» بىر ھەرپ بىلەن، «ئۆ، ئۈ» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن «ب، پ» بىر ھەرپ بىلەن، «ك، گ» بىر ھەرپ بىلەن، «د، ت» بىر ھەرپ بىلەن ئىپادىلەنگەن. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەربىر ھەرپى باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخىرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكىلگە ئىگە.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل دىنىي مەزمۇندىكى يادىكارلىقلار ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدن ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ:
1. ئالتۇن يارۇق.
2. شۇەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى.
3. مايتىرى سىمىت درامىسى.
4. چوڭ ھەجىملىك بۇددا ھېكايىلىرى توپلىمى – داشاكوما بۇددا ئاۋات.
5. خۇۋاست نەھۇفت. (يوشۇرۇن تىلەك)
6. قۇتادغۇ بىلىك. (ۋېنا نۇسخىسى)
7. ئەتەبەتۇل ھەقايىق. (A نۇسخا)
8. ئېزوف مەسەللىرى.
9. بەختىيارنامە.
10. ئوغۇزنامە.
11. قەدىمكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرى.
12. ئىدىقۇت قوجۇ خانىنىڭ ھاياتىدىكى تۆھپىلىرى يېزىلغان خاتىرە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان دىنىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەسىقىلەر، كالىندارلار، ئىككى تىللىق سېلىشتۇرما لۇغەت قاتارلىقلار. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:


4- ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى


ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەرەب يېزىقى قوبۇل قىلىنىپ، پەيدىنپەي قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا باشلىدى. 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئەرەب يېزىقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى، بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىشقا باشلىدى.
ئەرەب يېزىقى دەسلەپتە مۇقەددەس يېزىق دەپ قارىلىپ 10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەي ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ ئۈستىگە


قاتارلىق شەرتلىك بەلگىلەر ئەرەب تىلىدىن، كىرگەن سۆزلەرنىلا يېزىشتا ئىشلىتىلمەي ھەتتا ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرنى يېزىشتىمۇ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن:

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى 11- ئەسىردە ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەبلەرگە تونۇتۇش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى يۇقىرىقى مىساللاردا يېزىلغاندەك ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. ئەرەب يېزىقى ئومۇمەن ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئاساس قىلغان يېزىق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېزىق 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەرەب تىلىغا خاس شەرتلىك بەلگىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلدى.
ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 30 ھەرپ ۋە بىر قانچە شەرتلىك بەلگىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرپلەر باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى شەكىل ھەم ئايرىم شەكىل قاتارلىق بىر قانچە خىل شەكىلگە ئىگە. ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوللانغان مەزگىللەردە يېزىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك (تۈركىي تىللار دىۋانى).
2. قۇتادغۇ بىلىك (پەرغانە، قاھىرە نۇسخىلىرى).
3. قۇرئان تەپسىرى.
4. قىسسەسۇل ئەنبىيا.
5. ئەتەبەتۇل ھاقايىق (C نۇسخا).
6. ھېكمەت (ئەھمەد يەسەۋىنىڭ).
7. گاۋچاڭ مەھكىمىسى پۈتۈكلىرى.
خاقانىيە دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى تۆۋەندىكىچە:


5. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى
ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەرەب تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى، فونىما سىستېمىسى ئاساسىدا لايىھىلەنگەن يېزىق بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى، فونېما سىستېمىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى. شۇڭا 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ شۇ دەۋرنىڭ ئەدىبلىرى، تىلشۇناسلىرى تەرىپىدىن بۇ يېزىق داۋاملىق ئىسلاز قىلىنىپ، تولۇقلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى بىر قەدەر توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆگىنىشكە، يېزىشقا ئەپلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى.
شىنجاڭ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىسادىي، مەدەنىي، دىنىي ۋە سودا ئالاقىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەب تىلىدىن باشقا پارس تىلىدىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىندى. بۇ خىل سۆزلەرنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى توغرا ئىپادىلەشكە ئەرەب يېزىقىدىكى ھەرپلەر يېتىشمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارس يېزىقىدىن «پ، چ، گ، ژ» قاتارلىق ھەرپلەر چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنداقلا بۇ يېزىقتىكى ھەرپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئېنىق ئايرىلدى. مەسىلەن، «ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع » ھەرپلىرى پەقەتلا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى خاتىرىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەر بولسا، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا ئەنئەنىسى بويىچە يېزىلىدىغان بولدى. مۇشۇنداق بىر قاتار ئىسلاھاتلاردىن كېيىن 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلىغا،  چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ رايوندا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىققا ئايلاندى.
چاغاتاي دېگەن نام 14- ئەسىردىن باشلاپ شىنجاڭ بىلەن ئامۇ دەرياسى ئەتراپىدىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامى بولۇپ، شۇ دەۋردىكى مۇشۇ كەڭ رايوندا قوللىنىلغان تىل ھەم يېزىق شۇ نام بىلەن ئاتالغان.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىغىچە قوللىنىلدى. بۇ دەۋرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئالىملىرى، ئەدىبلىرى، شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇردى. ئالەمشۇمۇل شائىر ئەلىشىر نەۋائىي «چاھار دىۋان»، «مۇھاكىمە تۇللۇغەتەين»، «خەمىسە نەۋائىي» ناملىق مەشھۇر ئەسەرلىرىنى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان. بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دەۋرى ئۇزۇن، يېزىلغان ئەدەبىي، تارىخىي، تېببىي ئەسەرلەر ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەر ناھايىتى  كۆپ، بۇلاردىن ھازىرقى دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن، ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگىلىرىدىن:
«تارىخىي رەشىدى» (مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر)، «مۇھەببەتنامە ۋە مېھنەتكام»، «شاھنامە تۈركىي»، «دىۋان زەلىلى»، «دىۋان نۆبىتى». «تەزكىرەئى ئەزىزان» (مۇھەممەد سىدىق كاشىغەرى)، «پەرھاد-شىرىن» ۋە «لەيلى-مەجنۇن» (ئۆمەر باقى)، «يۈسۈپ-زۈلەيخا»، «كىتابى غېرىب»، «نەسىھەتنامە»، «دۇررىلنىجاد» (ئابدۇرېھىم نىزارى)، «ئادالەتپەرۋەرلىك توغرىسىدا»، «سەددى ئىسكەندەر»، «پەندىنامە»، «زەپەرنامە – شاھ باھادىر»، «تارىخىي مۇسقىيۇن»، «زەپەرنامە»، «غېرىبى»، «ئىماملار تەزكىرىسى»، «غازات دەرمۈلكى چىن»، «غەزەلىيات»، «مەھزۇنىلۋاھىدىن» (زىيائى)، «بەرقى تەجەللى» ۋە «سەبەق مۇجەللى»، «تارىخىي ئەمىنىيە» (موللا مۇسا سايرامى)، «غېرىب-سەنەم» (مۇھەممەد يۈسۈپ)، «نورۇزنامە»، «نۇزۇگۇم»، «چاغاتاي لۇغىتى» مانجۇ خانلىقى دەۋرىدە يېزىلغان «بەش تىللىق لۇغەت»… قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:





6. لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى


لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى خەنزۇ تىلىنىڭ پىنيىن لايىھىسى ئاساسىدىكى يېزىققا ئاساسەن قىسمەن تولۇقلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان يېزىق بولۇپ، بۇ يېزىق 1965- يىلى 1- ئايدىن 1982- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رەسمىي ئۇيغۇر يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلدى. بۇ يېزىقتا 37 ھەرپ بولۇپ، ھەرپلەر چوڭ، كىچىك، باسما ۋە يازما شەكىل قاتارلىق تۆت خىل شەكىلگە ئىگە بولۇپ، سۆزلەر سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ.





7. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى


1930- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدا زامانىۋى مەتبەئە بارلىققا كېلىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تۈركىي مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ياكى باشقا يېزىق سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللاندى.
ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىمىز مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1950- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدا «شىنجاڭ مىللەتلەر تىل –يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھەيئەت خىزمەتنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات، نەشرىيات، مەتبۇئات، تىل-يېزىق خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1953- يىل 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلدى. 1954- يىل 3-ئايدا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرىلغان تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرىنىڭ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. بۇ لايىھىنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1954- يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى 21- سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنى بىلەن 125- سانلىق مەمۇرىي يىغىندا ماقۇللاپ، 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى.
ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بۇ ئېلىپبەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونېما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان، پەقەت ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان « ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع» قاتارلىق سەككىز ھەرپ ئېلىپبە جەدۋىلىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان، ئۇيغۇر يېزىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز فونېما ئۈچۈن «ئا، ئە، ئې، ئى، ئو (ئو، ئۆ)، ئۇ (ئۇ،ئۈ) دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ھەرپلەرنىڭ نامى قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولسىمۇ، يېزىق شەكلى ھەم يېزىق سىستېمىسى جەھەتتىن چوڭ پەرق بولمىغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باسقۇچلىرى ھېسابىدا ئۇنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلدى. بۇ يېزىق 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1976- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ھەممە ئاخبارات-نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-ئالاقە ھۆججەتلىرىدە، مەدەنىيەت-مائارىپ سەھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىغۇچى 32 تاۋۇش بۇ يېزىقتا 30 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى.
1954- يىلى ماقۇللانغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە:



ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ مەنىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىنكى يېزىقنى، يەنى ئازادلىقتىن كېيىن قوللىنىلغان يېزىقنى، تار مەنىدە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قوللىنىلىشتىن توختاپ، قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاز تولۇقلاپ ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 1000 يىللار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا مەلۇم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېزىق تەرەققىيات تارىخىمىزدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەسسىپ رول ئوينىدى.
1983- يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزىقىمىزدىكى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەل بولمىغان ئىملا مەسىلىلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ھەل قىلىنمىسا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن 1983- يىل 4- ئايدا كەڭ كۆلەملىك يىغىن چاقىرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ كەڭ تۈردە مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئۇنىڭدا لەۋلەشكەن تۆت سۇزۇق تاۋۇشنى پەقەت «ئو، ئۇ» دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپ بىلەنلە ئىپادىلەشتەك ئۇسولغا خاتىمە بېرىلىپ، بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرى تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. ئېلىپبە تەرتىپى يېڭىدىن بېكىتىلدى. ھەرپلەرنىڭ نامى ۋە شەكلى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇ ئېلىپبەسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن كەڭ تۈردە قوللىنىلىۋاتىدۇ.
قىسقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىر قەدەر ئىلمىي، ئاممىباب، تامغىلىرى ئاددىي، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىشقا بىر قەدەر ئەپلىك يېزىققا ئايلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى تۆۋەندىكىچە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57546
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-24 10:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
temsilci يوللىغان ۋاقتى  2013-7-24 04:16 PM
سىز قازاقما؟

مەن ئۇيغۇر. ئۆزۈمنى ئوبدان بىلەن، خەقنىمۇ شۇ ..بۇلارنى كۆرۇپ ئاكىيۇ يادىمغا كەلدى.

بېيجىڭغا كېلىدىغانلارغا خوشخەۋەر---›http://www.alsuyar.us/ads/bj.html

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 05:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96114
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-7-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 06:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىنى بىر ئاللاھ بىلەر..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش