مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: elkut

مەرىپەت سۆيەر ساخاۋەت ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت !! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96045
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1104
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 189 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 04:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيەت ئەلا دەپ  ھىجابسىز  يۈرىۋاتقانلارغا سوغا! ئاڭلاپ بېقىڭ!
www.aydil.cn/mp3_play.asp?mid=558

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94963
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3081
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-4-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 03:19:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى سىلەردەك مۇسۇلمانچىلىق دەۋاسى قىلۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى، ئاللاھنىڭ كىتاۋى قۇرئان كەرىم ،پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بولغان ھەدىسلەرگەسېلىپ كۆرسەك، سىلەرنىڭ مۇسۇلمانچىغىڭلارنىڭ قايسى دەرىجىدىكى ئىكەنلىگىنى ،بىلۋالماقمۇ ئانچەتەس ئەمەس.
ئاللاھ تائالانۇرغۇنلىغان ئايەتلەردە،مۇسۇلمانلارنى ئۆزقېرىندىشى توغرىسداياخشى گۇماندابولۇشقاچاقىرغان.شۇڭا ئەڭ ئاۋال ئايەت ھەدىسلەرگەئالدى بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنى پەرزلەرنى ئادا قىلىدۇ دەپ ياخشى گۇمانلاردابولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھۇجۇرات سۈرىسىنىڭ 10 ـ ۋە 11 ـ ئايەتلىرىدە مۇئمىنلارنى بىر ـ بىرىنى مەسخىرە قىلىشتىن، بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەشتىن، بىر ـ بىرىنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشتىن، كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلىشتىن، باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئىزدەشتىن ۋە باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن توسىدۇ. يەنەكېلىپ بىز مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان بىر كىشى يېزىش ياكى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كاپىرلىقىنى ياكى مۇناپىقلىقىنى ئېلان قىلمىغانلا بولسا، ئۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزدۇر.
ئەمدى سىلەرنىڭ نىمەدەۋاتقىنىڭلارغا،ئايەت ھەدىسنىڭ نۇرى بىلەن بىرقاراپباقايلى
1- سىلەرباشقلارنىڭ كاپىرلىغىنى ئاللاھدىن بىسوراق ئۆزئالدىڭلارغا ھۆكۈم پىچىپ،ئاللاھتىن خۇدالىق تالاشتىڭلار.ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقىلاخاس بولغاچقا، سىلەرنىڭ باشقىلار ھەققىدە ئالدىراپ كاپىر، مۇناپىق دەپ ھۆكۈم چىقارغىنىڭلارئۆزنۆۋىتىدەئاللاھدىن خۇدالىق تالاشقانلىق بولۇپ ئەڭ ئېغىرگۇناھ ھىساپلىندۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانۇرغۇنلىغان ئايەتلەردەكىمنىڭ قىلغان ئىشى تۈپەيلدىن دوزاققاكىرىدىغىنىنى ياكى جەنەتتەقالدىغانلىغىنى پەقەت ئاللاھنىڭلا بىلىدىغانلىغىنى،ئۇندىن باشقاھىچقانداق بىرئىنساننىڭ بىلمەيدىغانلىغىنى  قايتا-قايتا  دەپ ئۆتكەن.
2-باشقىلارغاتۆھمەت قىلدىڭلار.سىلەر ھىچ بىردەلىلسىز، ئايال- قىزلىرىمىزنى بۇزۇققاچىقىرىپ ھالاكەتلىك گۇناھ سادىر قىلدىڭلار.ئاللاھ تائالامۇسۇلمانلارنىڭ بىرەرئايالنى  بۇزۇققاچىرىشتا، چوقۇم تۆت ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقىدىن ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دىگەن: « ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان (بۇنىڭ راستلىقىغا ئادىل) تۆت گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەررە ئۇرۇڭلار (يەنى بىراۋغا زىنا بىلەن تۆھمەت چاپلىغان ھەر بىر ئادەمنى قامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر بىلەن 80نى ئۇرۇڭلار،چۈنكى ئۇلار ئەفىفە ئاياللارغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلىغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئابرويىنى تۆككەن ئادەملەردۇر)،ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى (ئۇلار يالغانچىلىق ۋە تۆھمەت چاپلاش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلا بولسا) ھەرگىز قوبۇل قىلماڭلار، ئۇلار پاسىقلاردۇر (يەنى ئۇلار بوھتان چاپلاشتىن ئىبارەت چوڭ گۇناھنى ئىشلىگەنلىكلىرى ئۈچۈن، اﷲنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر)». سۈرەنۇر4-ئايەت.ئەمدى سىلەردەكلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىغى توغرىسدائاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۇئمىن ئاياللارغا قارا چاپلايدىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چوقۇم لەنەتكە ئۇچرايدۇ(يەنى اﷲنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنىدۇ)، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ». سۈرەنۇر23-ئايەت.
3-مۇناپىقلىق قىلدىڭلار.يەنى پەيغەمبىرىمىزمۇناپىقلىق توغرىسىدا مۇنداق دىگەن.««مۇنداق تۆت خىسلەت بار، كىمدە مۇشۇ تۆت خىسلەت بولىدىكەن، ئۇنى تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بولىدۇ. بۇ تۆت خىسلەت: ‹يالغان سۆزلىمەك، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلماق، قىلغان توختامنى بۇزماق، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزماق»- (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).

4-ياخشى گەپ سۆزدەبولماي ، ئاللاھقا شىرىك كەلتۈردۈڭلەر. پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن«كىمكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنسە ياخشى سۆزقىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن»بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان314-ھەدىس.

5-ئۆزەڭلەرنىڭ ئەسكىلىگىنى ئىسپاتلىدىڭلار.يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن «كىشىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى كەمسىتىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىگىگە يېتەرلىكتۇر ».مۇسلىم رىۋايەت قىلغان1574-ھەدىس.

6-سوخەنچىلىك(چېقىمچى،گەپ توشۇغۇچى)قىلدىڭلار.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىشلەرنى ئەيىپلىگۈچى سوخەنچىگەۋاي!». سۈرەھۆمزە1 -ئايەت.

7-مۇسۇلمان قېرىندىشىڭلارغازۇلۇم قىلدىڭلار.ئالاھ تائالامۇنداق دىگەن‹ئى موئىمىنلەر!بىرقەۋىم(مىللەت) يەنى بىرقەۋىمنى(مىللەتنى) مەسخىرقىلمىسۇن،مەسخىر قىلىنغان قەۋىم ئالاھنىڭ نەزىرىدە مەسخىرە قىلغۇچى قەۋىمدىن ياخشاراق بولۇشى مۇمكىن،سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرەقىلىنغۇچى ئاياللار، مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشاراق بولىشى مۇمكىن  . بىر- بىرىڭلارنى ئەيىپلىمەڭلەر، بىر-بىرىڭلەرنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشماڭلار،ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش(يەنى موئىمىننى پاسىق)دەپ ئاتاش نىمەدىگەن يامان!(مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن تەۋبە قىلمىغانلارزالىمدۇر) قۇرئان كەرىم سۈرە ھۇجۇرات11-ئايەت.
ئەبۇھۈرەيرە بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ئەبۇھۇرەيرەرەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھسالام مۇنداق دىگەن«گۇمانخورلۇقتىن ساخلىنىڭلار،گۇمانخورلۇق سۆزلەرنىڭ ئەڭ يالغىنى ھىساپلىنىدۇ،كىشلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلەر،تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلەر،ئاللاھنىڭ سىلەرنى بويرىغىنى بويىچەئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار،مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر.مۇسۇلمان مۇسۇلمانغازۇلۇم قىلمايدۇ،ئۇنى خارلىمايدۇ،كەمسىتمەيدۇ.تەقۋالىق مانامۇشۇيەردە،تەقۋالىق مانامۇشۇيەردە،تەقۋالىق مانامۇشۇيەردە»،دەپ كۆكرىكىنى كۆرسەتتى،ئاندىن «كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى تىللىشى ئۇنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىگەيېتەرلىكتۇر،بىرمۇسۇلمانىڭ يەنەبىرمۇسۇلماننىڭ قېنىغا،ئابرويىغاۋەمېلىغاچېقىلىشى ھارامدۇر.ئاللاھ سىلەرنىڭ تەن قۇرلۇشىڭلارغا،سۆرەتلىرىڭلارغا،ئىش- ھەركىتىڭلارغا قارمايدۇ، لېكىن سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغاقارايدۇ»،دىدى.بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان1570-ھەدىس.
شۇڭاتېزدىن تۆۋبەقىلىپ ئاللاھدىن گۇناھىڭلارنى تىلەڭلەر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش